3-نۆۋەتلىك «مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

2020-يىلى جازا لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مېھراي ئەركىن ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغانىدى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەرھۇم مېھراي ئەركىننى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش، شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن 2022-يىلىنىڭ بېشىدا «مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغان ئىدى.

مەزكۇر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر مۇكاپات ھەر يىلى مېھراينىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق ‹مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى› غا ئىلتىماس قىلىش داۋاملاشماقتا. بۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان ئىلتىماسلار 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە قوبۇل قىلىنىدۇ. مۇكاپات بولسا مېھراي ئەركىننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تارقىتىلىدۇ» .

«بۇ مۇكاپاتقا كىملەر ئىلتىماس قىلالايدۇ؟ » دېگەن سوئالىمىزغا قارىتا ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ مۇكاپاتقا ۋەتەن سىرتىدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئانا تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر ئىلتىماس قىلالايدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىلتىماسلارنى بىزنىڭ باھالاش كومىتېتىمىز كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن بىر نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئاخىرقى ھېسابتا تاللاپ مۇكاپاتنى بېرىمىز. مۇكاپاتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى بولسا خاتىرە بويۇم، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىغا 100 مىڭ ياپونىيە يېنى، ئوقۇغۇچىغا 50 مىڭ ياپون يېنى نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ» .

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەگەر يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان ‹مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى› نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقىغا ئىلتىماس قىلىشقا قىزىققۇچىلار https://mihriay-erkin.org تور بېتىگە كىرسە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلىيەلەيدىكەن ھەمدە تور بەتتىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن؛ ياكى بولمىسا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ بولىدىكەن. «مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خىتاينىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋەتەندىكىلەر ئۇچراپلا قالماي، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ھەر خىل شەكىلدە بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېھراي ئەركىن مانا مۇشۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك مىسالى» .

«مېھراي ئەركىن تور بېتى» دە ئۇنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا مۇنۇلار يېزىلغان: «مېھراي ئەركىن قەشقەر توققۇزاق ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، 2013-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ تەتىللەردە ھەر يىلى قەشقەردە ئانا تىل سىنىپى ئېچىپ، ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2014-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇشقا باشلىغان. ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلارغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرغان» .

مېھراي ئەركىن تور بېتىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا «مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلغان مۇئەللىملەرگە ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇش، يېڭىلىق ياراتقان بولۇش، مۇستەقىل دەرسلىك، مەشىق ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلى ياراتقان بولۇش ياكى شۇنداق ئۇسۇللارنى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسكەن بولۇش، ئوقۇغۇچى سانى ئىزچىل كۆپەيگەن بولۇش قاتارلىق تەلەپلەر قويۇلغان. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابىدە ئابباس خانىم «مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلغا قىزىقتۇرۇش ھەمدە ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى ئانا تىل ئۆگىنىشكە تارتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدە ئۆسۈملۈك بىئو-تېخنىكا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان مېھراي ئەركىن 2019‏-يىلى 8 ‏-ئايدا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن دادىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. ئارىلىقتا بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغانىدى. رادىيومىز ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقەنى جىددىي ئېنىقلاش جەريانىدا مېھراي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھراي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» ياپونىيە مىساتو ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى نادىرە خانىمغا بېرىلگەن. ئوقۇغۇچىلار تۈرى بويىچە كانادادىن تۈركىناز شەمشىدىن ۋە تۈركىيەدىن مەدىنۇر ئابدۇللاھ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.