خەلقئارادىكى بەزى داڭلىق ئاپتوموبىللار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئاليۇمىننى ئىشلەتمەكتىكەن
2024.02.03
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 1-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، بەزى داڭلىق خەلقئارالىق ئاپتوموبىل شىركەتلەرنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بېسىمىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، «گەرچە (ئۇيغۇر) رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خەۋپى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن بەزى شىركەتلەر خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا تېز پۈكۈپ، ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئورتاق شېرىكچىلىك سودىسىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ماتېرىيال سېتىۋېلىش ئۆلچەملىرىنى تۆۋەنلەتمەكتە، بولۇپمۇ كۆپچىلىك شىركەتلەر ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان يوشۇرۇن ئالاقىسىنى ئېنىقلاش، ئۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشتا ئىنتايىن ئاز كۈچ چىقارماقتا» ئىكەن.
دوكلاتتا، ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش مەنبەئەسىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بىخەۋەر ئىكەنلىكى، شۇڭا خېرىدارلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىككە مۇناسىۋەتسىز ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالغانلىقى ياكى ھەيدەۋاتقانلىقىغا بەك ئىشەنچ باغلاپ كەتمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ۋولكىسۋاگېن، تېسلا، ھەممىباپ ماتور، تويوتا قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر ئىشلىتىۋاتقان ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقان كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەتلەر يەنىلا بۇ ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ 1-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە، شىركەتلەرنىڭ دوكلاتى، ھۆكۈمەت باياناتلىرىدىن پايدىلانغان.
مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولغان ئاليۇمىن مەھسۇلاتىنىڭ 10 پىرسەنتى دېگۈدەك ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى BYD، تېسلا، ئاممىباب ماتور، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈشكە نۇقتىلاندى. بىز بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى ماقالىلەر، شىركەت دوكلاتلىرىغا، ھۆكۈمەت باياناتلىرىغا، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە تاياندۇق. دۆلەت نازارىتىدىكى بۇ پروگرامما بويىچە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ناچار ھەم غەيرىي ئىنسانىي شارائىتتا ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ كەلدى.»
«رولدا ئۇخلاش: ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇشى» ناملىق مەزكۇر دوكلاتىدا يەنە رايوندىكى بەزى خىتاي ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق ئېلېكتر توكىغا ئېرىشىشتە كۆمۈر كانلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇ كانلارنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى تەكىتلەنگەن. مايا ۋاڭنىڭ قارىشىچە، ئۇلار يەنە رايوندىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقارغۇچى بەزى كارخانىلارنىڭ كۆمۈر كانلىرىدىمۇ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىدىن پايدىلانغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنى بايقىغان.
مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنداقلا يەنە بىر قانچە شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كۆمۈر كانلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىدىن پايدىلانغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى ئاشكارىلىدۇق. چۈنكى، شىنجاڭدىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلىرى ئاليۇمىننى ئېرىتىشتە، ئاليۇمىننى پىششىقلاپ ئىشلەشتە رايوننىڭ كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىگە تايانماقتا.»
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر رايونى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىشتا كېرەكلىك بولغان ئاليۇمىن توپىسىغا ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىن رۇدىسى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلىپ، بۇ رايوننىڭ ئەرزان باھالىق كۆمۈر ئېلېكتىر توكىدا ئاليۇمىنغا ئايلاندۇرۇلماقتا ئىكەن. دوكلاتتا، دۇنيا ئاليۇمىن مەھسۇلاتىنىڭ 15 پىرسەنتىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىن مەھسۇلاتى دۇنيا ئاليۇمىن مەھسۇلاتىنىڭ 9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىنغا باشقا رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىن رۇدىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئۇنىڭ مەنبەئەسىنى ئېنىقلاشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن.
ئادرىيان زېنز 1-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «دوكلاتتا نۇرغۇن ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاليۇمىن تەركىبلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بۇ ئاليۇمىن مەھسۇلاتىنىڭ شىنجاڭدىن باشقا جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغاندەك كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۇنىڭ ئازراق ئۈلگىسى ھېساپنىلىدۇ. ئەگەر سىز شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىنغا كۆپلەپ باشقا تەركىبلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋەتسىڭىز، سىز ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تاپالمايسىز. بۇ سىزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېپىشىڭىزنى بەك قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.» ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاپتوموبىل شىركەتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتايدىن يۆتكىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن بۇ دوكلات ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھېچقانداق تەدبىر ئالمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ قارىشىمچە، شۇنداقلا بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگىنىدەك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتايدىن يۆتكەشنى جىددىي ئويلىشىشى كېرەك. چۈنكى، خىتاي تەمىنلەش زەنجىرى پۈتۈنلەي بۇلغانغان. لېكىن دوكلات شۇنى كۆرسەتمەكتە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى ئالمىغان، ھەتتا تەدبىر ئېلىشقا يېقىنمۇ كەلمىگەن.»
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان «شىنجاڭ شەرق ئۈمىدى رەڭلىك مېتال شىركىتى» نىڭ 2017-، 2018-ۋە 2020-يىللىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى نىشان قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىغا دائىر دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقان ئاليۇمىن شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە يەنە «تەڭرىتاغ ئاليۇمىن شىركىتى»، «شىنجاڭ شىنفا گۇرۇھى» مۇ بار ئىكەن. دوكلاتتا، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان بىڭتۇەنگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى» نىڭ «تەڭرىتاغ ئاليۇمىن شىركىتى» نى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى» يەنە «شىنجاڭ شەرق ئۈمىدى رەڭلىك مېتاللار شىركىتى» بىلەن بىر كۆمۈر كېنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆمۈر كانلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى دەلىللەنگەن. مايا ۋاڭ بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى نىشان قىلغانلىقى، چۈنكى خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونغا تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىپ، نەق مەيدان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى مۈشكۈللۈكىنى بىلدۈردى.
مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي، بولۇپمۇ شىنجاڭ كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلاردىن سوئال سوراش قىيىن بولغان، ھەتتا مۇمكىن بولمىغان بىر قانچە رايونلارنىڭ بىرى. بىز سۆزلەشكەن مۇپەتتىشلەر بىزگە نەق مەيدانغا بېرىپ، ئىشچىلار بىلەن سۆزلىشىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورقۇتۇشى، تەھدىتى ۋە تۈرمىگە تاشلاش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى. ئادەم ئامىلى نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى مۈشكۈللەشتۈرمەكتە. شۇڭا، دوكلاتىمىزنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسى ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چىقىش قىلدى.»
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشتا ۋىيېتنامنىڭ خىتايدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى (CBP) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى رەت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ 56 پىرسەنتىنى ۋىيېتنامدىن كەلگەن مەھسۇلاتلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىمى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلماقتا ئىكەن.
دوكتور ئادرىيان زېنز 1-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ھەم ئامېرىكا تاموژنا بېجىدىن قېچىشتا ھەم «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى ئېكسپورت قىلىشتا قوللانماقتا ئىكەن. ئادرىيان زەنز مۇنداق دېدى: «سىز بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەردە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. بۇ شىركەتلەر پاختا ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدىن بۇ دۆلەتلەرگە يوللىماقتا. خىتاي شىركەتلىرى بۇ دۆلەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆپەيتىپ ھەم ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان تاموژنا بېجىدىن ئاتلاپ ئۆتمەكتە ھەم شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى يوشۇرۇشتا قالقان قىلىپ قوللانماقتا.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش نىشانى ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار ئاساس قىلغان ھالدا، سانائەت ھەم ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىغا قارىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىمى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش نىشانى قىلماقتا ئىكەن. ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى 2023-يىلى ۋىيېتنامدىن يوللانغان قىممىتى 19 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىم، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى تەكشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىممىتى 10 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغان. ھالبۇكى، ئوخشاش مەزگىلدە خىتايدىن ئامېرىكاغا يوللىنىپ چېگرادىن كىرىشى رەت قىلىنغان كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىم ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتى بىر مىليون 290 مىڭ دوللار بولغان.









