ب د ت قارمىقىدىكى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى (ILO) يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتە يەرلىك دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ب د ت سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرلىكتە يەنە، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قاتتىق زەربە بېرىدىكەن.
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى (ILO) نىڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى (ITUC) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ) ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونى (تىبەت) دا كەڭ كۆلەمدە ھەم دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭدا مەجبۇرىي خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىككى چوڭ سىستېما تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن. بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش گۇمانى بىلەن خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى مەۋجۇت. يەنى ‹كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش مەركىزى›دە 2020-يىلدىن باشلاپ قانۇنىي رەسمىيەتلەر بېجىرىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلارنىڭ بىر قىسمى ‹قويۇپ بېرىلگەنلەر› نامىدا تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان توقۇمىچىلىق ۋە ئېلېكتىرون ساھەلىرىدە ئەمگەككە سېلىنماقتا. ئۇلارنىڭ (تۇتۇلغان داڭلىق زىيالىيلار) نىڭ يەنە بىر قىسمىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ دوكلاتنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
مېنىڭچە، بۇ ئىنتايىن مۇھىم دوكلات، چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئاتالمىش ‹كەسپىي مائارىپ› ياكى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ئېغىرا مەسىلە بولۇپ كەلدى. بۇ دوكلات ب د ت سىستېمىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مېنىڭ قارىشىم شۇكى، بۇ قالتىس بىر ئىش. ئەلۋەتتە، ب د ت سىستېمىسى ئاستا-ئاستا ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ پەقەت مۇشۇ سىستېمىنىڭ خاراكتېرى. دوكلاتتا ئىنچىكە ھالقىلار بار، دوكلاتتا خىتايغا قارىتىلغان ئىنتايىن ئېغىر ئەيىبلەش بار. خىتاي خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلغان. بۇ يەردە ئەلۋەتتە جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە مەۋجۇت».
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «يەنە بىر تەرەپتىن، ‹ئېشىنچا› يېزا ئەمگەكچىلىرىنى تۆۋەن كىرىملىك ئەنئەنىۋى ئىگىلىكتىن قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، باتارېيە ۋە باشقا ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت كارخانىلىرىغا يۆتكەش سىستېمىسى. بۇ يەنە پەسىللىك دېھقانچىلىق خىزمىتى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىليونلىغان يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامى ئاستىدا باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاز سانلىق مىللەت دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلىگەن. ‹ئېشىنچا› يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ياكى مۇلازىمەت كەسپىگە يۆتكىگەن».
ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز(Adrian Zenz) خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتقا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ئۇقۇم جەھەتتىن ئىنتايىن توغرا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئىشسىزلىق ئەھۋالىغا قارىتا كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدا لاگېرلار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يېڭى مەجبۇرىي ئەمگەك تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن».
دوكلاتنىڭ ئاخىردا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«تەشكىلاتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يۆتكەپ ئىشقا سېلىنغان ئىشلەمچىلەردىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى، بۇنى سادىر قىلغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش، ئەيىبلەش ۋە بېرىلگەن جازا ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ».
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇنىڭ ياخشى ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازا ۋە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. :
«خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتتىق زەربە بەردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەنقىدلەرگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقى، يەنى دىققەتكە ئالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەگەر بىز خىتاينى ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلىماقچى بولساق، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازا ۋە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشى، شۇنداقلا ئۇلارنى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سۇيىئىستېمالى بىلەن باغلىشى كېرەك».
خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان مەخسۇس ئورگىنى بولۇپ، يېقىندا بۇ ئورگان ئۆزىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ئىدى.