خىتاي باياناتچىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۈنۈمى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ 2022-يىلى 6-ئاينىڭ-22 كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سودىغا باغلاپ جازالاش جەھەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك قانۇنى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ھالبۇكى ئۇيغۇر مەجبۇري ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن جەريانىدا، ئاتالمىش ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋە باياناتچىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇري ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 15-مارت كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئۇيغۇر مەجبۇري ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇري ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «كىرىمىنى ئاشۇرۇش» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاقلاشقا يەنە ئۇرۇنغان.

تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن، خىتاي خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ «خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىلىپپىننىڭ پاختا، كىيىم-كېچەك خام ئەشياسىنى شىنجاڭدىكى ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› كە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىپ، فىلىپپىندىن كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلىشنى قىسمەن توختاتقان. بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ كۆز قارىشى نېمە؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ پۈتۈنلەي خىتايغا قارشى كۈچلەر توقۇپ چىققان، بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ قەبىھ يالغانچىلىق» دېگەن. ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قورالى» دەپ ئەيىبلىگەن، ئارقىدىنلا بۇنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ مۇنداق دېگەن:

«مەن سىزگە بىر قانچە مىسال بېرەلەيمەن: شىنجاڭدىكى بىر شەخسىي كىيىم-كېچەك شىركىتى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 2200 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرى% 95 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. ئەمما ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ جازاسىنىڭ تەسىرىدىن، شىركەتنىڭ ئاساسلىق شېرىكلىرى 2019-يىلدىكى بارلىق زاكازلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇردى، نەتىجىدە شىركەتكە نەچچە ئون مىليون يۈەن بىۋاسىتە زىيان بولدى ۋە خىزمەتچىلەر 500 دىن كۆپرەككە ئازايدى. ھازىر شىركەتنىڭ نۇرغۇن زاۋۇتلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىكار قېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى زاكاز ئارقىلىق مەشغۇلاتىنى ئاران داۋام قىلىۋاتىدۇ».

ئۇ يەنە مەلۇم چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ تارتقان زىيانلىرىنى مىسال ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «جازالاشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭدىكى بىر چاچ ئۈنچە-مەرۋايىت شىركىتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 50 مىليون بۇلاق، يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 30 مىليون دوللار بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا زور تۆھپە قوشقان. ئامېرىكا «مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى» نى تەستىقلىغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ نورمال پۇل تۆلەش ۋە تاشقى پېرېۋوت يىغىش تىجارىتىنى ئەمدى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت شارائىتى داۋاملىق ناچارلىشىدۇ، شىركەتنىڭ زاكاز مىقدارى 40 پىرسەنت تۆۋەنلىدى».

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) تۇنجى قېتىم، 2020-يىلى ئىيۇندا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان دەپ قارالغان 800 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى 13 توننىغا يېقىن چاچ مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قالغان؛ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان شىركەتلەرنىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەنىدى.

بۇ يىل خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن جەريانىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئاتالمىش ۋەكىل ئەكرەم مەمەتئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاختىچىلىق ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ: «قاردەك ئاق پاختىلار بىزنىڭ كىرىم مەنبەيىمىز. بىز پاختا تېرىشقا تايىنىپ پۇل تېپىپ، ماشىنا ئالىمىز، ئۆي ئالىمىز. ياخشى كۈن كۆرىمىز. ئەجەبا، ئۆزىمىزنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، پاختىمىزنى تېرىپ ياخشى كۈن كۆرۈۋاتساق، ئۇنى قانداقمۇ مەجبۇرلاش دېگىلى بولسۇن؟» دېگەن بولسا، خۇا چۈنيىڭ بۇ ۋىدىيونى ھەمبەھىرلەپ، «شىنجاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئامېرىكانىڭ ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› نى باھانە قىلىپ پاختا مەھسۇلاتلىرىمىزغا جازا قويۇشىغا سوئال قويدى» دەپ يازغان.

ئەكرەم مەمەتئىمىن ئىسىملىك يۇقىرىقى ۋەكىل شۇ كۈندىكى سۆزىدە يەنە، «ھازىر پاختا تېرىش ئىشلىرى پۈتۈنلەي ماشىنىلاشتى. ئامېرىكا شىنجاڭنىڭ پاختا يىپ سانائىتىگە ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› نامىدا جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ماھىيەتتە شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئىشسىزلىق› ۋە ‹مەجبۇرىي نامراتلىق› پەيدا قىلدى» دېگەن سۆزلەرنىمۇ قىلغانىدى.

ۋاڭ ۋېنبىڭ بۇ قېتىملىق باياناتىدا ئەكرەم مەمتىمىنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋۋەتلىگەندەك، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ 2019-يىلى 9-ئايدا خۇنەندىكى بىر شىركەتكە بېرىپ 5000 يۈەن مائاش بىلەن ئىشلەۋاتقاندا، 2020-يىلى، ئامېرىكانىڭ جازاسىنىڭ تەسىرىدە، شىركەت ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى مىسال ئالغان، ئۇ يەنە ئامېرىكانى «قارا قوللىرىنى شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرىگە كېڭەيتىپ، ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ھەر مىللەتتىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلماقتا» دەپ ئەيىبلىگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلەشكە بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى سۆزلىتىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر ئىشچىلارنىڭ «ياق» دېيىش ھوقۇقى بولمىغان ھەرقانداق ئەمگەكنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ خەلقئارانىڭ تەبىرى بويىچە مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ۋاڭ ۋېنبىن يەنە «ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىپلا قالماي، يەر شارى سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خەلقئارانىڭ ئىقتىساد ۋە سودا قائىدىلىرىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئۇ 21-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق رەزىل قانۇنلارنىڭ بىرى» دېگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكانى «كىشىلىك ھوقۇق» دىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە تۆھمەت چاپلاش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇري ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ باشقا مەجبۇرىي ئەمگەكلەر بىلەن بولغان پەرقىنىڭ، ئۇنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدا ئېلىپ بېرىلىشى ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇشىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋاڭ ۋېنبىنىڭ بايانلىرىغا قارشى X دە بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ۋاڭ ۋېنبىڭنىڭ سۆزلىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم، رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىغا يازغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ غەربنىڭ جازاسى سەۋەبىدىن قىينىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتە ئۆزىگە ئەڭ قۇلايلىق جاۋابنى بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ گەپلىرىنىڭ بىرسىمۇ توغرا ئەمەس».

سوفې رىچاردسون خانىم يەنە ۋاڭ ۋېنبىننىڭ گەرچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇلار پەقەت قۇرۇق گەپ-سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىدۇ، مەسىلەن، ۋاڭ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويغان ھەر قانداق ‹پاكىت› ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىغا باب كېلىدۇ، خالاس. خىتاينىڭ شېفىلد خاللامنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تەجرىبىخانىسى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلارغا ئىشەنچلىك جاۋاب قايتۇرۇشى ئۈچۈن، بۇ رايوندا ھەقىقىي مۇستەقىل، تەكشۈرۈشكە يول قويۇلۇشى كېرەك، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ تەس. ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئەيىبلىشىنى بىر تەرەپلىمە قاراش دەپلا رەت قىلىش ئاجىز ۋە ئورۇنسىز چارىدۇر».

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇري ئەمگەك» مەسىلىسىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇنى «پەقەت چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قورال» دېگەننى تەكرارلىغان.

ئۇ ئوخشاش سۆزنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن تەتقىقاتچى، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزگە ھۇجۇم قىلغاندا قوللانغانىدى. ۋاڭ ۋېنبىن 2020-يىلى 15-دېكابىر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئىسپاتلىق دوكلاتلىرىنى رەت قىلىپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەك» بارلىقى ھەققىدە يالغان خەۋەر ياساشنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى دەپ جار سالغانىدى.

ئادرىيان زېنز ئەپەندى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا بەرگەن باياناتى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭنىڭ باياناتچىسى بۇ جازانىڭ تەسىرىنى ئېتىراپ قىلدى، بۇ ئەمەلىيەتتە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ۋە جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ».

ئادريىان زېنز يەنە بۇنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇري ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا يەنىلا رىقابەتلەر مەۋجۇتلۇقىدىن سىگنال ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يەنە ئۇنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر رايونىدا چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ۋە ساتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئاخىرىدا بۇ مەھسۇلاتلار ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›غا ئوخشاش قانۇنىي تەدبىر قوللانمىغان دۆلەتلەرنىڭ بازىرىغا قاراپ ئاقىدۇ».

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا كۆرە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقلىرى پاختا، كىيىم-كېچەك، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە چاچ مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك، ئاپتوموبىل، قۇياش تاختىسى قاتارلىق ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى كۆپ خىل مەھسۇلاتلارغا باغلىنىدىكەن. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، -2023يىلى 8-ئايغىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دېگەن گۇمان بىلەن ئامېرىكا تاموژناسىدا توختىتىپ قويۇلغان خىتاي ماللىرىنىڭ قىممىتى بىر مىليارد 746 مىليون دوللارغا يەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتى ئۇيغۇر رايونىدىن چىققان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بۇ قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇۋاتقان ۋە قۇل قىلىۋاتقان خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادىغا دەسلەپكى قەدەمدە زەربە بېرىشتە، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقان تەسىرىنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.