«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى توغرىلىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2023.04.18
Jim-McGovern-Jennifer-Wexton ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېم مەكگوۋرىن (Jim McGovern) ۋە جېننىفېر ۋەكىستون (Jennifer Wexton) CECC ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا. 2023-يىلى 18-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
RFA/Shehrizad

18-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (Congressional-Executive Commission on China) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىس گۇۋاھلىق ئاڭلاش باشلىنىشتىن بۇرۇن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىقى، ئۇلارغا «تېرورچى» قالپىقى كىيدۈرۈپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئادەم ئەتكەسچىلىكى قانۇن مەركىزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا سىياسىتى دېرىكتورى ئاناسۇيا سىيام (Anasuya Syam)، ئاتلانتىك كېڭىشى گىئو-تېخنىكا مەركىزىنىڭ خادىمى كىت كونكلىن (Kit Conklin)، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر قاتارلىقلار نەق مەيداندىن، ئەنگىلىيەدىكى شېفىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننىدى خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە زامانىۋى قۇللۇق تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور لاۋرا مىرفىي (Laura Murphy) تور ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەردى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي (Jeff Merkley) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس (Christopher H. Smith) CECC ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا. 2023-يىلى 18-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي (Jeff Merkley) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس (Christopher H. Smith) CECC ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا. 2023-يىلى 18-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
RFA/Shehrizad

ئاناسۇيا سىيام ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىقىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياسالغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ياسالغان تاۋارلارنىڭ دۇنيا بازىرىدا ئەركىن ئايلىنىشىغا يول قويۇلسا، بۇ سودا ئەخلاقىغا مۇخالىپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يەرلىك كارخانىلارغا زور زىيان سالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە «ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە تۆۋەن باھالىق يەتكۈزۈش»، يەنى «de minimis» ئورالمىلىرىنىڭ تاموژنا تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ كۆرستىشىچە، de minimis ماللىرى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنغان ۋە قىممىتى مەلۇم چەكتىن تۆۋەن بولغاچقا، بەزى باجلار كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارلارنى كۆرسىتىدىكەن. ھازىر قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە ئەۋەتىلىدىغان ماللار تاموژنا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەييدىكەن، شۇنداقلا ھېچقانداق رەسمىيەتسىز ئامېرىكاغا كىرەلەيدىكەن. بۇ خىل ماللار ئاساسەن تور ئارقىلىق سېتىلغان ماللار ئىكەن. بۇ ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇننى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم CECC ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2023-يىلى 18-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم CECC ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2023-يىلى 18-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
RFA/Shehrizad

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شېئىن بىلەن تېمو ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق تور سودا مۇنبەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، شېئىن ئۆتكەن يىلى 11-ئايغىچە ئامېرىكادىكى مودا كىيىم ماركىلىرى سودىسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى» نىڭ 14-ئاپرىل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، شېئىننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىمۇ ساتىدىغانلىقى، مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن شېئىننىڭ ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتەلمىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئاناسۇيا سىيام بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شېئىن تور سودىسىدىن پايدىلىنىپ، بىۋاستە ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن ئامېرىكاغا مال كىرگۈزۈۋاتقان نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئېچىدىكى پەقەت بىرسى. ئۇلار 800 دوللاردىن تۆۋەن باھا بىلەن نۇرغۇن ماللارنى رەسمىيەتسىز ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرگۈزىدۇ. مېنىڭچە، بىز ‹ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە تۆۋەن باھالىق يەتكۈزۈش› ئاقىلىق كېرىۋاتقان ماللارنى كونترول قىلىشمىز كېرەك. بۈگۈنكى يىغىندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەر كۈنى نەچچە مىليون ئورالمىنىڭ ئامېرىكاغا كېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇلار نەچچە مىليون دوللار قىممىتىدىكى ماللاردۇر. شۇڭا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بىۋاستە ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈلىۋاتقان ماللار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىشى كېرەك. ئىستېمالچىلارغا بىۋاستە مال يەتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ ئامېرىكانىڭ قانۇنلىرىدىن، بولۇپمۇ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›دىن قېچىشىدىن ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم CECC ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. 2023-يىلى 18-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.

گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى جەريانىدا لاۋرا مىرفىي خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى نەچچە يۈزلىگەن شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق خەلقئارا بازارلارغا كىرگۈزگەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئورتاقلاشتى. كىت كونكلىن ھەر يىلى ئامېرىكاغا نەچچە مىليارد دوللارلىق خام ئەشيا، ئاز ئۇچرايدىغان مېنېرال ماددىلار ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئېكىسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلدى.

ئاخىرىدا ئەلفىدار ئىلتەبىر سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى بىۋاستە ئالاقە قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا قولى بولغان ياكى ئۇنى قوللىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي (Jeff Merkley) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قانۇننى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى بېسىۋاتىمىز. چېگرادا نۇرغۇن ماللار تۇتۇپ قىلىندى. لېكىن يەنىلا نۇرغۇن ماللار ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەكتە، بۇلارنىڭ قانداق ئۇسۇللار بىلەن چېگرادىن كېرىۋاتقانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئامېرىكا قوبۇل قىلمىغان ماللار باشقا دۆلەتلەرگە كېرىۋاتىدۇ. ئەگەر باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشمساق، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش تەس. شۇڭا بىز ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن مۇشۇ قانۇننى بىرلىكتە ئىجرا قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىنىۋاتىمىز. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›غا قوشۇمچە سۈپىتىدە قوشۇلىدىغان ماددىلار، مەسىلەن، بىز چېگرادىن قايتۇرۇۋەتسەك، ئۇنى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىلار قوشۇلۇشى كېرەك. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن تىخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق ۋە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېم مەكگوۋرىن (Jim McGovern) ۋە جېننىفېر ۋەكىستون (Jennifer Wexton) قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نىڭ ئىككى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىشىنى نامايان قىلغانلىقىنى، بۇ قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا ھەر تەرەپتىن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.