خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلارنىڭ خورلىنىشىغا قارىتا ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-05-05
Share
BBC ئاگېنتلىقى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكىشى ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش ئۈچۈندۇر « خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر قىزلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىپ كېتىۋاتماقتا.
Yettesu

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر ۋە جازا تەدبىرلىرى كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازا تەدبىرلىرىگە قارىتا خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە يوشۇرۇش تەشۋىقات دولقۇنىنى قوزغاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دولقۇننىڭ ئاساسىي نىشانى ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل پاكىتلارنى يوققا چىقىرىشنى نىشان قىلغان.

«شىنجاڭ سىياسىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەر» تېمىسىدىكى چاتما بايانات يىغىنىنىڭ، «خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، كەسىپ تاللاش ۋە ئېرىشكەن مەنپەئەت» ناملىق يىغىنى 30-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئاتالمىش خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار، ئۇلارنى خىتاي شىركەتلىرىگە تونۇشتۇرغان ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەت خوجايىنلىرى گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئۇلار سۆزىدە، غەرب تاراتقۇلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى پاكىتلارنى «ئويدۇرمىچىلىق» ۋە «يالغانچىلىق» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئىنكار قىلغان.

خىتاينىڭ لاگېرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا كەلگەن زۇمرەت داۋۇت خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە كوپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىن فىلىملىرىنى فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىگە ئاكتىپ يوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى.

زۇمرەت داۋۇت خانىم خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىن فىلىملىرىنىڭ ئۆزىدىنلا، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، ھەتتا ياشانغان ئۇيغۇر ئانىلىرىنى، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى كۆرۈش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغانچىلىق تەشۋىقاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۇنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرالمايدىكەن.

خىتاينىڭ 4-ماي سەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بولسا، 30-ئاپرېل خوتەندە يۈز بەرگەن، ئېتىزلىقتا مەشغۇلات قىلىۋاتقان تراكتوردا قولى ئۈزۈلۈپ كەتكەن 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىنى قۇتقۇزۇش جەريانى ھەققىدە بايانات بېرىلگەن.

يىغىندا بۇ بالىنىڭ تۇغقىنى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ھەر ساھەدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى سۆزلىتىلگەن.

ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا، غەرب دۆلەتلىرىدە ئاشكارىلانغان، «ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ياكى ئاتا-ئانىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى سەۋەبىدىن بېقىمسىز قالغان ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەتلەر» ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى «تۆھمەت قىلدى»، «جۇڭگونىڭ يۈزىگە قارا چاپلىدى» دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن.

خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىدا يەنە «شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىن ياخشى»، «ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى»، «ناخشا-ئۇسۇلغا ئامراق، مېھماندوست ئۇيغۇرلار خاتىرجەم، تىنچ، باياشات ياشىماقتا»، بۇ جايدا «غەرب تاراتقۇلىرىدا دېيىلگىنىدەك ‹جازا لاگېلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش› مەۋجۇت ئەمەس»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەسلا يوق» دېگەندەك مەزمۇنلارمۇ كەڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئەمما، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىدىكى قىلمىشلىرىغا شاھىت بولغان، ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئويدۇرما ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقات دولقۇنىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، يىغىندا دائىرىلەر تەرىپىدىن سەھنىگە چىقىرىلغان خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئاتالمىش ئۇيغۇر گۇۋاھچىلىرىنىڭ بايانلىرى، ئەمەلىيەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق پاكىتلارنى يوققا چىقىرىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يالغانچىلىق ماھىيىتىنى يوشۇرالمايدىكەن».

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا سولانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭمۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ لاگېرلىرى ئىچىگە قۇرۇلغان زاۋۇت-فابرىكىلار ياكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقان بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلار مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە بارغانچە كۆپ ئاشكارىلىنىۋاتقان ئىسپاتلىق پاكىتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل تەشۋىقات دولقۇنىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە يەنە بۇ خىل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا ئوخشاش ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانغاندىن باشقا، خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىنىمۇ ئىشقا سالغان.

تىك-توك، ئۈندىدار قاتارلىقلاردا ئاتالمىش خىتاي ساياھەتچىلىرى تارقاتقان «شىنجاڭ ساياھىتىدىن تەسىراتلار» نامىدىكى سىن فىلىملىرى كەڭ يەر ئالغان. ئۇلاردا خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى» ۋە «بەختلىك شىنجاڭ» غا ئائىت مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. لېكىن خىتايدىكى بۇ خىل ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، يېقىنقى يىللاردا كۆپلەپ قۇرۇلغان ئاتالمىش «بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرى» دىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەققىدىكى سىن فىلىملىرىمۇ ئاشكارىلىنىپ دىققەت قوزغىماقتا.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى خەلقئاراغا بولسۇن، ياكى خىتاي دۆلىتى ئىچىدە بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى يالغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىش دولقۇنى قوزغىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەشۋىقاتنى قانچە كۈچەيتىشىدىن قەتئىي نەزەر، نۆۋەتتە دۇنيا جامائىتى ئارىسىدا ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنى خىتاي تەسۋىرلىگەندەك چۈشەنمەيدىغان بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت