مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2024.05.31

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى دېكابىردا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى ماقۇللاپ، 2022-يىلى 6-ئاينىڭ-22 كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى. مەزكۇر قانۇن ماقۇللانغان ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىدە ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات يۆنىلىشىدە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر ھەمدە مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى خادسون (Hudson) ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس (Olivia Enos) خانىم 22-ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا تەپسىلىي شەرھلەندى.
دوكلاتتا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ نىشانى، ئىجرا قىلىشتا ئىشلىتىلگەن تەدبىرلەر، بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى رىقابەت ۋە پۇرسەتلەر، نۆۋەتتىكى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىشتا يولغا قويۇلىدىغان جازا تەدبىرلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاخىردا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن 13 تۈرلۈك سىياسىي تەۋسىيەلەر يىغىنچاق ۋە ئېنىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئولىۋىيا ئېنوس خانىم مەزكۇر دوكلات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› (UFLPA) ئېنىقكى ئابىدە خاراكتېرلىك قانۇن. بۇ خىلدىكى تىرىشچانلىقلار ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئەمما بۇنى يولغا قويۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا كەلسەك ئۇنىڭ ئۈنۈمى مۆلچىرىمىزدىن تۆۋەن، دەپ ئويلايمەن. دوكتور ئادرىئان زېنز بۇ جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت كونتروللۇقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەسلىدە چېگرادا توختىتىلغان، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن ماللارنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ساننىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى. مېنىڭچە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) مەزكۇر قانۇننىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.»
مەزكۇر دوكلاتتا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن 13 تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار نۆۋەتتىكى رېئاللىقتا بۇ قانۇننى تېخىمۇ تولۇق ئىجرا قىلىشقا پايدىلىق، دەپ قارالغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ «سەۋەنلىك» باھانىسى بىلەن ياكى ئۈچىنچى بىر مەملىكەتنىڭ بازىرى ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئەڭ تۆۋەن مال قىممىتى ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن P-2 مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شەخس ۋە ئورۇنلارغا قارىتا قوشۇمچە جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار بۇنىڭدىكى غوللۇق چارىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
مەزكۇر دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ھۆكۈمەتكە سۇنۇلىدىغان تەكلىپ-تەۋسىيەلەر ئۈچۈن ئولىۋىيا ئېنوس خانىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە لاگېر ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىملاپ مۇزاكىرىلەشكەن. «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىقنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئىنتايىن پايدىلىق ۋە ئىنتايىن مۇھىم قورال. ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا ھازىرقى مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى. ئەمما مەسىلە ئۇنىڭ قانداق يولغا قويۇلۇشىدا. خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا بۇ قانۇننىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدا بەزى مۇھىم تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، ئامېرىكا چېگراسىدىن كېرىشى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ قايتا ئېكسپورت قىلىنىشنى چەكلەش كېرەك؛ قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغانلارغا ئېغىر ئىقتىسادىي جەرىمانە قويۇلۇشى كېرەك. يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم بەلگىلىمە ‹ئەڭ تۆۋەن قىممەت› ھەققىدىكى ئۆلچەم يوچۇقىنى ئېتىپ تاشلاش كېرەك. چۈنكى ھازىرقى قانۇن بويىچە SHEIN ۋە Temu غا ئوخشاش شىركەتلەر قىممىتى 800 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولغان كىچىك ئورالمىلارنى تاموژنىدىن تەكشۈرۈشسىز كىرگۈزەلەيدۇ. ئەمما بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق بولۇش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقىرى. دوكلاتتا يەنە تىبەتلەرگە چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، . ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بەزى دۆلەتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلىمەن.»
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، لېكىن ئامېرىكانىڭ بۇ خىلدىكى قەستەن «پۇتاق تېپىشى» تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىنگلىزچە خەۋەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تارقاتقان. ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 16-مايدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 26 شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بايدېن ھۆكۈمىتى 14-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، كۈنتاختا باتارېيەسى، پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا تاموژنا بېجىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئادرىيان زېنز ئەپەندى خىتاينىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەققىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بەزىلىرى، مەسىلەن، پاختا مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ ئېكسپورت بازىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا كۆرەلەيمىزكى بۇ قانۇن خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ قانۇنغا قارشى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. مەن بۇ قانۇننىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان سالىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ پايدىسىنى خىتايلار كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەردە مەجبۇرىي ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارغا بەرىبىر ياخشى مائاش بېرىلمەيدۇ. ئەگەر زىيان تارتقان بولسا شىركەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي تىجارەتچىلەر زىيان تارتىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە خىتاي دۆلىتى زىيان تارتىدۇ، دېگەن گەپ. بۇ ناھايىتى ئاددىي قائىدە. مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئىسپاتلار پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئاساس قىلغان. بىزدە يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش توغرىسىدا گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى بار. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پاكىتلارغا قارشى تۇرغۇدەك يولى يوق. ئۇلار پەقەت يالغانچىلىق، خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە قارشى تەشۋىقاتلارنىلا قىلالايدۇ.»
بۇ جەھەتتە ئولىۋىيا ئېنوس خانىم مۇشۇ خىل قاراشقا مايىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا مىسال قىلىش ھاجەتسىز. تارىخقا قارايدىغان بولساق خىتاي كومپارتىيەسى كوللېكتىپ ھالدا كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ياقمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ۋە باشقا دەلىل-ئىسپاتلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغانچىلىقىدىنمۇ كۈچلۈك.»
ئولىۋىيا خانىمنىڭ قارىشىچە، ھازىر ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىنماسلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ نىشانى بولۇۋاتقاندا سىياسىيونلارنىڭ بۇنىڭغا تېخىمۇ كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلۈشى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردىن بولۇشى كېرەك. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «مېنىڭچە بۇ مەسىلە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك دىققەت تارتىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دەيدۇ.