«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، خىتاي-ئامېرىكا سودا تەمىنلەش زەنجىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.06.17
xitay-mehsulati-mejburiy-emgek-chach.jpg نيۇ-يورك پورتىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىملىرى خىتايدىن كىرگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ياكى جازا لاگېردىكىلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان يالغان چاچ ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
AFP

13-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) ئامېرىكادىكى ئىمپورت شىركەتلەرگە ئۇقتۇرۇش خېتى ئەۋەتىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپورت-ئېكسپورت شىركەتلىرى جايلاشقان لوس-ئانجېلېس پورتىدىكى كالىفورنىيە يەرشارى ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتىنىڭ ئالاقە خادىمى، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن غەيرى رەسمىي يوسۇندا زىيارىتىمزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ شىركەتمۇ 13-ئىيۇن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى چۈشۈرگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش قوللانمىسى ھەققىدىكى ئوقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇلار خىتايدىن مال ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەرگە قەرەللىك تۈردە مەكتۇپ يوللاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى توغرىلىق ئۇچۇر ۋە كۆرسەتمە بېرىدىكەن. ئەگەر مال ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلسا، ماللارنىڭ تۇتۇپ قىلىنىدىغانلىقى، مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى ياكى جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 16-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا سودا ساھەسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش مەخسۇس تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن. 1400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ يىغىنىدا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جوئاننې كولونېللو (JoAnne Colonnello) خانىم ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ماقۇللانغان، 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ يېتەكچى پىكرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «UFLPA دېگەن نېمە؟ UFLPA ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ (1930-يىلدىكى سودا قانۇنىنىڭ 307-ماددىسى) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى قانۇنى بولۇپ، بۇ فېدېرال قانۇندا تولۇق ياكى قىسمەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىنغان. بۇ ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىدىغان پەرەزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئىمپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىش، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتەلەيدىغان ئورۇنلار تەرىپىدىن ياسالغان بارلىق تاۋارلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

جوئاننې يەنە بۇ قانۇننىڭ كۈچى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن بويىچە شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قېزىۋېلىنغان، ئۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى قىسمەن ھالدا شۇ رايوندىكى ئورۇنلار ئىشلەپچىقارغان ھەر قانداق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ھەممىسىنى گۇمان ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىمپورت قىلغۇچىلارغا تۇتۇپ قېلىنغان بۇ تاۋارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكىگە يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشىگە 90 كۈن مۆھلەت بېرىدۇ.»

ئۇنىڭ تونۇشتۇرىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى، ئانا ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستېرلىقى، تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ بارلىق بۆلۆملىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە كۈچلۈك قوللىشى بىلەن ئىجرا قىلىنىدىكەن. بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىدا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قوللانمىسى ئىمپورت قىلغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىدىغان ياكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىشكە بولىدىغان شىركەت ۋە ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىمۇ بار ئىكەن.

جوئاننى خانىمنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تەۋسىيە قىلىشىچە، ئۇلار ئىمپورت شىركەتلىرىگە قانۇنىي مەسلىھەت بېرىش ۋە يول كۆرسىتىشتىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ۋە ھازىر بار بولغان ئىمپورت ئىجرا قىلىش تۈزۈمىدە مېڭىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەجرىبىسى مول خەلقئارا سودا ئادۋوكاتلىرىنى تەۋسىيە قىلىشتەك فۇنكىسىيە ئورناتقان. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىشىنى قوللاش ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن قوشۇمچە خىزمەتچىلەر، تېخنىكا ۋە تەربىيىلەش ئۈچۈن CBP بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى بۇ ئورگان باش بېتىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق كۆرەلەيدىكەن:

www.cbp.gov/trade/forced-labor/UFLPA

ئۇ ئىمپورت شىركەتلىرىگە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش قوللانمىسىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى، ئەمەلىيەتتە 2020-يىلىدىن باشلاپلا ئامېرىكادىكى ئىمپورت قىلغۇچى شىركەت ۋە سودىگەرلەرگە مەزكۇر قانۇنغا دائىر مۇھىم ئۇقتۇرۇشلارنى ئەۋەتىشكە باشلىغان ئىدۇق. بارلىق ئىمپورت قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تاۋارلىرى، شۇنداقلا تاۋارلىرىنىڭ ماتېرىياللىرى ياكى ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياسالمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ UFLPA نىڭ 21-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ماسلىشىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»

جوئاننې خانىم يەنە ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ خىتايدىن بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىۋاتقان ماللارنىڭ ئامېرىكاغا كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن قانداق ماتېرىياللارنىڭ تەمىنلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى، توختاملارنى ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مال تەمىنلىگۈچىلەر تەمىنلەش زەنجىرىنى، ساتقۇچىلارنىڭ ماللىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەنبەسىنى ھەر يىلى (ياكى كۆپ قېتىم) ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش كېرەك ئىكەن.

ئۇلار يەنە خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، زاۋۇت لارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى توختاملىرىنى، ئىشچىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا جازاغا ئۇچرىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ھەم ئىسپاتلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ ئىسپاتلىق ماتېرىياللار سودا تالونلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ھۆججەتلىرى، مائاش ئۇچۇرلىرى (مەسىلەن، ۋاقىت جەدۋىلى ياكى چەت ئەلدىكى زاۋۇتلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئورنى دېگەندەك)، سىنئالغۇ ۋە ياكى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ سۈرەتلىك ئىسپاتى قاتارلىق تەپسىلىي ھۆججەت ئىزلىرىنى تۈزۈش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى تاۋارلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىز قوغلايدىكەن.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى سودا ئانالىزلىرىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويۇشوىچە، ئامېرىكىنىڭ 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتىكى ئىرادىسى ئىنتايىن جىددي بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇ قانۇننىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى جەزىم قىلىشقا بولىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسلاردىن دوكتور پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئانالىزلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، مەزكۈر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى، يالغۇز ئامېركا-خىتاي سودا زەنجىرىگىلا تەسر كۈرسىپ قالماستىن، ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدىن چەت ئەللەرگە، بولۇپمۇ ئامېرىكاغا قىلىنىدىغان ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى

پارھات ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» يالغۇز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كۈچلۈك بىر قانۇن بولۇپ، ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقوقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزىنىڭ قىممەت قارشىنى قوغداشتىكى جىددىي تەدبىرى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.