ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلەر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش يولىدىكى زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلىغان.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ئەمەسلىكىنى «ئېنىق ۋە ئىشەنچىلىك دەلىللەر» بىلەن ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن مەخسۇس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بلىنكېن 21-ئىيۇن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دىگەن: «بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىزنى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىشتىن خالى قىلىشقا، شىنجاڭدىكى ۋەھشىلىككە قارشى تۇرۇشقا، شۇنداقلا بىزگە قوشۇلۇپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ۋەھشىلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىرىشقا ھەركەتلەندۈرىۋاتىمىز.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەت مەجلىسى ۋە ھەر قايسى تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى كۈرەش قىلىشنى، قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىكەن. بلېنكېن باياناتىدا ئامېرىكانىڭ قايسىي ئىتتىپاداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ۋە يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلاش كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 22-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىشىچە، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خىرىس «سانائەتلەشكەن7 دۆلەت گۇرۇھى» نىڭ 25-ئىيۇن گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكىمۇ مۇھىم مەسىلە ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ «بېنيامىن ل. ئېنگلىس بىرلەشمىسى» نامىدىكى قانۇن مەسلىھەت ئورنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئادۋوكاتى جېسىكا رېفكىننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى 1930-يىلدىن بېرى چەكلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ چەكلەشنىڭ تەدبىقلىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتكەن. جېسىكا رېفكىن 21-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ئامېرىكا 1930-يىلدىن باشلاپلا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەپ كەلگەن. لېكىن بۇ قېتىمقى قانۇن ئاساسەن بۇ خىل چەكلەشنىڭ تەدبىقلىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنى مەنبە قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى، مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللىرىنىڭمۇ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىدى. شۇڭا بۇ ئىمپورت قىلغۇچىلارغا قارىتا چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بىر مەسئۇلىيەتنى ئارتقان.»
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بۇ قانۇن، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا پرېزىدېنت بايدېن تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ئىدى. بىز 22-ئىيۇن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىغا خەت يېزىپ، بۇ قانۇننىڭ كونكىرېت ئىجرائاتى، بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنى سورىغان ئىدۇق.
ئۇلار رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى جاۋابىدا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا ئىمپورت شىركەتلىرىنى ئۇلار ئىمپورت قىلغان بەزى مەھسۇلاتلار قانۇننىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى دەرھال ھەل قىلىش توغرىسىدا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارسىسى يەنە 13-ئىيۇن ھەرىكەت قوللانىسى ئېلان قىلىپ، ئىمپورتچىلار ۋە سودا ساھەسىنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› دىكى قىياس بىلەن رەت قىلىنىشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا تەييارلىق قىلىشىغا ياردەمدە بولدى. بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئائىت ئسىتىراتېگىيەسىنى تولۇقلىدى» دېگەن. باياناتتا يەنە بىزنىڭ بەزى سۇئاللىرىمىزغا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ 17-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر قانۇننىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تور ئاخبارات يىغىنىدا جاۋاپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شۇ قېتىنقى ئاخبارات يىغىنىدا، تاموژنا-چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى كرىس ماگنۇس (Chris Magnus) مۇنداق دېگەن: «قىياس بىلەن رەت قىلىشتىن خالىي بولۇشنى تەلەپ قىلغانلار ئىنچىلىك بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ. مەن شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قويماقچى، بۇنىڭدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن ئىمپورتچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى چىقارغان قوللانمىغا ئەمەل قىلىشى، بىز تەلەپ قىلغان بارلىق ئۇچۇرلارنى تولۇق ھەم راستچىللىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. شۇنداقلا مەھسۇلات، كىيىم-كېچەك، مال ياكى توۋارلارنىڭ پۈتۈنلەي ۋە ياكى قىسمەن بولسىمۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قېزىلمىغانلىقى، ياسالمىغانلىقى ياكى ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا دائىر ئېنىق ھەم قايىل قىلارلىق دەلىللەرنى كۆرسىتىشى كېرەك.»
كرىس ماگنۇس يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىركەتلەرنى شىنجاڭ بىلەن سودا قىلىشنىڭ خەتىرى توغرىسىدا ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بىر ۋاقىتتا، شىركەت ۋە شەخسلەرنى شىنجاڭدىكى تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن، شۇنداقلا بۇ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق 3-دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن سودا قىلىش خەتىرىگە دىققەت قىلىشنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بايدېن ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلىشتا قەتئي ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشىدە بەزى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ ئالاقە ۋە ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دوگلاس بارىينىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، بۇ قانۇندا شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
دوگلاس بارىي مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قانۇندا شىركەتلەرنىڭ خىتاي تەمىنلىگۈچىلىرىدىن ئىمپورت قىلغان توۋارلىرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا شىركەتلىرىدە سودا قىلىشقا بولمايدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكى بار بولسىمۇ، ئەمما ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتلمىغانلىقىغا دائىر دەلىل بىلەن تەمىنلەش ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇ بىر مۈشكىلات، چۈنكى خىتايدا مۇستەقىل 3-تەرەپ تەكشۈرۈش مۇپەتتىشى يوق.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرگە قاراپ، «ئىجرا قىلىش تاكتىكىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.»
بىراق «بېنيامىن ل. ئېنگلىس بىرلەشمىسى» دىكى ئاۋوكات جېسىكا رېفكىننىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» شىركەتلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئارتقان. ئۇ مۇنداق دىدى: «بۇ ئىجرائاتنىڭ مۇھىملىقى، ئەلۋەتتە مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىمپورت قىلغۇچىلار نۇقسىتىدىن قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى. ئىمپورت قىلغۇچىنىڭ ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلاردا شىنجاڭ رايونىدىن كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ يوقلۇقىغا ياكى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا ۋە ياكى بەزى بەلگىلىك كونكىرېت ئورۇنلاردا ئىلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن، ئىمپورت قىلغۇچىنىڭ تېگىشلىك سەزگۈرلۈك كۆرسىتىپ، ماسلىشىششى كېرەك بولغان نۇرغۇن يوشۇرۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەر بار.»
لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نۇقتىئىينەزەرىدىن ئالغاندا، بۇ قانۇن ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان ئىكەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پروگرامما دېرىكتورى پېتېر ئېرۋىن 21-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «بۇ قانۇن ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ تۇنجى ئەمەلىي كۈچى بولغان بىر قانۇن بولۇپ، بۇ قانۇن بۇنىڭدىن بىر-ئىككى يىل ئاۋۋال ماقۇللانغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› غا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلىي تەسىرى بولىدۇ. دۆلەت مەجلىسى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى مۇقۇللاشتا بۇ قانۇن ئۇيغۇر رايونى ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم، دەپ قارىغان. چۈنكى مەزكۇر رايوندا يۈزمىڭلىغان، بەلكىم مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشتۇرۇلماقتا.»
پېتېر ئىۋىننىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن.
پېتېر ئىرۋىن مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ نوقۇل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئاستىلىشنى مەقسەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە باشقا بىر مەسىلىگىمۇ قارىتىلغانلىقىدا. چۈنكى رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىلىك مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلاردىن، لاگېرلدىن كېلىدۇ.»
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلېنكىن 21-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا كونكىرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى توغرىسىدا داۋاملىق ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بلېكىن مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھەل قىلىش، پرېزىدېنت بايدىن ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى. بىز شىنجاڭدا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە ۋىزا چەكلىمىسى، ‹يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى› غا ئاساسەن مالىيە جازاسى بېرىش، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى ۋە ئىمپورت چەكلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونكىرېت تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ توغرىلىق مەمۇرىي تارماقلار ئارا سودا مەسلىھەت كۆرسەتمىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشتىن ياكى ئۇنىڭدىن پايدىغا ئېرىشىشتىن ھەزەر ئەيلىشىگە ياردەم قىلدۇق.»
بلېكىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھەرقايسى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىركەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىشنىڭ ئامېرىكا قانۇنىدىكى بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئەسكەرتىدىكەن.