ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان 4 خىتاي شىركىتىنى جازالىدى
2023.08.03
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ رەئىسلىكىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى» 1-ئاۋغۇست كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى ئىجرا قىلىشنىڭ يېڭىلانغان ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق قېزىۋېلىنغان، ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى قۇراشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى داۋاملىق چەكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان بۇ يېڭىلانغان ئىستراتېگىيە بىلەن بىرلىكتە يەنە، خىتاينىڭ 4 چوڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك قارا تىزىملىكىگە ئېلىنىپ چەكلەنگەن. بۇ شىركەتلەر شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، «توققۇز يۇلتۇز» شىركەتلەر گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ جۇخەيدىكى سەككىز تارماق شىركىتى، «تۆگە» گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، «چېنگۇاڭ» بىئو-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ بىر تارماق شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى بۇ ئورۇنلارنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، قوبۇل قىلىش، توشۇش ۋە ئىشقا سېلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن جازالىغان» بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.
مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان خىتاي شىركەتلىرىنى داۋاملىق تارتىپ چىقىپ جازالاش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى بۇ يېڭى چەكلىمىسى قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، قانۇننىڭ توختىماي ئىجرا قىلىنىشىنى كۆرگەنلىكتىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «يەنىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگەنلىكىنى كۆرۈش ناھايىتى خۇرسەن قىلارلىق ئەھۋال. چۈنكى ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى بىر تۈرمە ھاياتىغا ئايلاندۇرغانلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جامائەتكە نامايان قىلىپ بېرىدۇ.»
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازا تىزىملىكىگە ئېلىنغان 4 شىركەتنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ جوڭتەي خىمىيە چەكلىك شىركىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىمىيەلىك مەھسۇلات ئىشلەش بازىسى بولۇپ، ئۇ خلور-ئىشقار، خام تۇز، كالتسىي كاربون قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. خىتاينىڭ «خەلق تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تورلىرى 2-ئاۋغۇست كۈنى تارقاتقان خەۋەرلىرىدە شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى جاكارلاپ تەنتەنە قىلغان ئىدى.
ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنى 2-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي سودا مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات بېرىپ، ئامېرىكانى ئەيىبلىگەن. ئۇلار باياناتىدا ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ پاكىت ئاساسى كەمچىللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنى «ئىقتىسادىي تەھدىت» دەپ ئاتىغان. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە «شىنجاڭدا ئاتالمىش ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش› ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكانىڭ يالغان-ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ كۆپتۈرۈشى، كارخانىلىرىمىزنى خالىغانچە جازالىشى. . . شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتۇر» دەپ يازغان.
ئەنگىلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننېدىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى، ئىلگىرى بۇ مەركەزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر دوكلاتلىرىنى تەييارلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان ھەرقانداق بىر شىركەتكە ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن تونۇلغان بۇ شىركەتلەرگە بېرىلگەن جازا-ئوخشاش ئۇسلۇبتا تىجارەت قىلىۋاتقان باشقا شىركەتلەرگە كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بولۇشى كېرەك. بۇنداق شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى كۆرۈشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنى مەبلەغ سېلىش ياكى قەرز ئارقىلىق قوللاش، پەقەت ۋە پەقەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا يول ئاچىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) 4000 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن. ھازىرغىچە بۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 24 كە يەتكەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى لۇئىسا گىرىۋ خانىم. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭىلاش ئارقىلىق، پەقەت ئامېرىكا بازىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇتلىرىدىن خالىي قىلىش بىلەن چەكلەنمەسلىكىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرگۈزۈلمىگەن ماللىرىنى قايتا ئېكىسپورت قىلىپ باشقا دۆلەتلەردىمۇ سېتىپ پايدا ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
بىز سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ يۇقىرىقى ئەھۋالغا بىۋاسىتە جاۋاب ئالالمىغان بولساقمۇ، بىراق ئۇلار بىزگە ئەۋەتكەن باياناتىدا «ئامېرىكانىڭ بۇ خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق تارماقلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ قانۇننى ئىجرا قىلىدىغانلىقى ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەكنى يوقىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.