خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 5-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، 14-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى «جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قارا سۈركىگەنلىك» دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك، زور كۆلەملىك تۇتقۇن، قىيناپ سوراق قىلىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» بۇ يىل 14-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ تولۇق قوللاش بىلەن ئاۋازدىن ئۆتكەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىرلىكتە تونۇشتۇرغان. سېناتور ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمالمايمىز، شۇنداقلا ھەرقانداق شىركەتنىڭ بۇ دەھشەتلىك زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ پايدا ئېلىشىغا يول قويمايمىز».
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، تۈركىيەدىكى سابىق مەھبۇس مەخمۇتجان تەۋەككۈل ئەپەندى ۋە 2016-يىلى ئامېرىكاغا كېلىپ يەرلەشكەن ساۋۇت ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي تۈرمىلىرى ۋە لاگېرلاردا ئومۇملاشقان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2018-يىلى ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەكتىپى» دىن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ تەڭرىتاغ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شىركىتى» نىڭ سېمونت ماتېرىياللار زاۋۇتىغا يۆتكەپ كېلىنىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تولۇق قامال قىلىنغان ھالەتتە، تۆۋەن مائاش بىلەن ھەر كۈنى 12 سائەتلەپ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىش ئەھۋالىغا شاھىت بولغانىكەن.
تۈركىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەخمۇتجان تەۋەككۈل ئەپەندى ئۆزى 2013-يىلى سىياسىي جىنايەت گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىلنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر كامېرغا قامالغان تۈرمىداشلىرىدىن ئىجتىمائىي جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى چامغۇرلۇقتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارغا ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەخمۇتجان ئەپەندى يەنە ئۆزى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدىكى بىر تونۇشىنى يوقلاپ تۈرمە زىيارىتىگە بارغىنىدا، تونۇشىنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا مەھبۇسلارنىڭ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ساۋۇتجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بىرقانچە نەپەر ساۋاقدىشى تۈرمە ساقچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى «ئاياللار زەھەر تاشلاش مەركىزى»، «ئۈرۈمچى ئاياللار تۈرمىسى» ۋە «ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسى» دىكى مەھبۇسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى ۋە تۈرمە ئىچىدە قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا شاھىت بولغانىكەن.
ساۋۇتجان ئەپەندى، 2016-يىلى ئامېرىكاغا كېلىشتىن ئىلگىرى يەنى 2012-2011 يىللاردا، «ئۈرۈمچى ئاياللار زەھەر تاشلاش مەركىزى» دە تۈرمە ساقچىسى ۋەزىپىسىدىكى ساۋاقدىشىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قەشقەرلىك سودىگەرنىڭ تۈرمىدىكى ئايال مەھبۇسلارغا كەشتىلەتكەن پوپايكا تىجارىتىدە خام ۋە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى تۈرمە ئىچىگە ئەكىرىش ۋە تۈرمە سىرتىغا توشۇش ئارقىلىق، بىر مەزگىل تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساۋۇتجان ئەپەندى يەنە «ئۈرۈمچى ئاياللار زەھەر تاشلاش مەركىزى» دە تۈرمە ساقچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان بۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن «قۇرۇق يۇيۇش دۇكانلىرىنىڭ» تۈرمىلەر بىلەن توختام تۈزۈپ تۈرمىدىكى ئايال مەھبۇسلارغا كىر يۇغۇزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىمۇ بۇ خىل تىجارەتكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ تىجارەتنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2017-يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ئەھۋالى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا تەدبىرلەر ئېلىنىشقا باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا، يەنى 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي تەۋەسىدىكى جەمئىي 14 شىركەتنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رولى بار، دەپ جازالىغان. شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى سودا كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدى.