ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق 5 گېرمان شىركىتى سوتقا بېرىلگەن

0:00 / 0:00

«ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار گېرمانىيەنىڭ 5 شىركىتىنى سوتقا بەرگەن.

گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD 5-سېنتەبىر كۈنى «گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت» ناملىق بىر پروگرامما ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، مەركىزى بېرلىندا بولغان «ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» ناملىق تەشكىلات ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار گېرمانىيەنىڭ لىدل قاتارلىق 5 شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن فېدىراتسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. 100 بەتلىك بۇ ئەرزنامە توغرىسىدا «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ۋە «ماينىس دوكلاتى» مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان.

پروگرامما مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلانغان: «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىشتە جاۋابكارلىقى بولغان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى». «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرى، سىستېمىلىق نازارەت، خورلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار نۇرغۇن پاكىتلار ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى». «ئاز دېگەندە 1 مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. رايوندا مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مىڭلىغان ئەمگەك پروگراممىلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئىشلەش زۆرۈرىيىتى بەرپا قىلىندى. ئاز دېگەندە يىپ ئىگىرىش ۋە توقۇمۇچىلىق فابرىكىلىرىنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. بۈگۈنگە قەدەر غەربنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىلاردىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خەلقئارا توقۇمۇچىلىق سانائىتىنى جاۋابكارلىققا، ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش زۆرۈرلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە».

پروگراممىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سەۋەبتىن بېرلىندىكى ‹ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى› فېدىراتسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى. بۇ ئەرز لىدل قاتارلىق گېرمانىيە شىركەتلىرىگە، بۇ شىركەتتىكى جاۋابكارلىقى بولغان مەسئۇل خادىملارغا قارىتىلدى. بۇ 5 شىركەتنىڭ مەسئۇل خادىملىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە چېتىشلىقى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئالغا سۈرۈلدى. چۈنكى ئۇلار ئىلگىرىكى يىللاردا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان توقۇمۇچىلىق شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان».

پروگراممىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، گېرمانىيەنىڭ لىدل قاتارلىق شىركەتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان شىنجاڭدىكى ئىككى خىتاي شىركىتىگە چېتىشلىق ئىكەن. بۇ ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ سابىق مەھبۇسلارنى ۋە جازا لاگېرلىرىدىن «ئوقۇش پۈتتۈرۈپ» چىققان تۇتقۇنلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي ئىشچىلىققا قوبۇل قىلغان بولۇش ئېھتىمالىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىپ بىۋاستە تەكشۈرۈشكە يول قويماسلىقى سەۋەبىدىن، بۇنى 100 پىرسەنت ئېنىقلاپ ھۆكۈم چىقىرىش نۆۋەتتە قېيىن مەسىلە سانىلىدىكەن. پەقەت خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلىرىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكى بىلەن ئالاقىسى بولغان شىركەتلەرنى سوتقا بېرىش ئىشىنىڭ ئەسلىدە د ئۇ ق يولغا قويۇۋاتقان بىر پروگرامما ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان كۆپلىگەن گېرمان شىركەتلىرىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سوتقا بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ گېرمانىيە سودا سانائەت ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرگە قارىتا پۈتۈن ياۋروپادا قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا تېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پروگراممىدا بايان قىلىنىشىچە، لىدل شىركىتى بۇ ئەرزگە ئېتىبار بىلەن قارىغان ۋە ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر يىل ئىلگىرىلا بۇ ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. قالغان 4 شىركەتمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىلىق ھېچقانداق خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق فېدىراتسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ دېلونى ئېنىقلاشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. «ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ خادىمى مىرىيام ماس بۇ ھەقت مۇنداق دېگەن: «مەجبۇرىي ئەمگەك پەقەتلا بىر ئەخلاقىي مەسىلە ئەمەس، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئېغىر جىنايەتتۇر».

«ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلارنىڭ قولىدا تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكى بىلەن ئالاقىسى بولغان كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى باركەن. ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پاجىئەلىك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ئەرىز ھەققىدە «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ۋە «ماينىس دوكلاتى» نىڭ سوئاللىرىغا قارىتا ئەۋەتكەن يازما جاۋابى بۇ نۇقتىنى دەلىللىگەن. خىتاينىڭ جاۋابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدا ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرى› دەيدىغان نەرسە يوق، مەجبۇرىي ئەمگەكمۇ يوق. بۇ گەپلەر پۈتۈنلەي ئويدۇرما، بەلكى سىياسىي مۇددىئادىن پەيدا بولغان ئۆسەك سۆز».