9-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئەركىنلىك بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالتە تەشكىلات بىرلىكتە نىيۇ-يوركتا زارا(Zara)، بېربەرى(Burberry) ۋە خيۇگو بوس(Hugo Boss) قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىق قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزگەن. «2021-يىللىق نيۇ-يورك مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكى» 8-سېنتەبىر باشلانغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۆرگەزمە مەيدانىنىڭ سىرتىدا بۇ نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
پائالىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. نامايىشچىلار كىيگەن قارا كىيىملىرى ۋە قوللىرىدا كۆتۈرىۋالغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ۋە توختىتىش» مەزمۇنىدىكى ھەرخىل پىلاكاتلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە تارتقان.

قۇل ئەمگىكىگە قارشى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلات بولغان «ئەركىنلىك بىرلەشمىسى» جەمئىيىتى بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشۋىقات خادىمى كېرىستا بېسنائۇز خانىم نامايىش مەيدانىدا تۇرۇپ تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قلدى. ئۇ بۇ نامايىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ نامايىش ئاساسلىق مەقسىتى مودا ساھەسىدىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگىكنى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىق قىلىشتۇر. دۇنيادىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ 20 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن بولغاچقا، كىيىم-كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق. خىتايدا زەنجىرسىمان تارماقلىرى بولغان نۇرغۇنلىغان كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. شۇڭا ئۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتمىگەنلىكى، زاماۋنىۋى قۇللۇق ئارقىلىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئەمگىكىدىن پايدىلانمىغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزدۇق.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «زارا، بېربەرى، خيۇگو بوس، يۇنىكلو، نايكى قاتارلىق چوڭ ماركىلار مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار زەنجىرسىمان شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلىرىغا كۆپ پۇل خەجلىمەيدۇ. لېكىن ئۇلار يىلىغا مىليون دوللار پايدا ئالىدۇ. شۇڭا ئۇلار چوقۇم ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» نامىدا باشقا جايلارغا يۆتكىسە، يەنە بىر تەرەپتىن «جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يېزا-كەتلەرگە كارخانانىلارنى قۇرۇپ، لاگېر سىرتىدا قالغانلارنى بۇ كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان.
ئۆتكەن يىلى نايكې، يۇنىكلو، H&N ياكى ئادىداسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە داڭلىق خەلقئارا ماركىلار بايانات ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، خىتاينىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان، ھەتتا بەزى شىركەتلەر شۇ سەۋەبتىن باياناتىنى قايتۇرىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا فىرانسىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئىندىتېكىس، زارا، يۇنىكلو ۋە فرانسىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك گۇرۇھى بولغان SMCP ھەمدە داڭلىق ئاياق كىيىم شىركىتى سكەچېرنى «شىنجاڭ پاختىسى» نى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
كېرىستا بېسنائۇز خانىم مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «‹ئەركىنلىك بىرلەشمىسى› مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش كومېتىتنىڭ بىر ئەزاسى. بىزنىڭ مودا دۇنياسىدىكى ماركىلارغا بېرىدىغان ئاددىي ئۇچۇرىمىز شۇكى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشى كېرەك. يەنى بىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش چاقىرىقىمىزغا ئاۋاز قوشىشى كېرەك.»
ئۇ يەنە كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نيۇ-يوركتىكى نامايىشىمىز تۈگىدى. لېكىن ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىرلىكتە پارىژدا پائالىيىتىمىزنى داۋام قىلىمىز. پارىژدىكى پائالىيىتىمىزدە ئاساسلىقى ‹زارا› نى نىشان قىلىمىز.»
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان. نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتىكەن.