ئەنگلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئاساسىي تېما بولدى

ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ يىللىق يىغىنى 25-سېنتەبىر باشلانغان. مەزكۇر يىغىن 29-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، 26-سېنتەبىر كۈنى پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ يىللىق يىغىندا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم «ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 2021-يىللىق يىللىق يىغىنى» دا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «كىشىلىك ھوقۇق ئەمگەك ھەرىكىتى» ۋە «خەلقئارالىق تەرەققىيات ئەمگەك ھەرىكىتى» بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق سۆزلىگۈچىسى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان. مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ئەنگلىيەدىكى شىركەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مەخسۇس «كىشىلىك ھوقۇق ۋە كارخانا تەمىنلەش زەنجىرى: ئەنگىلىيە شىركەتلىرىنىڭ قۇل ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن تېما مۇھاكىمە قىلىنغان.

«ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 2021-يىللىق يىللىق يىغىنى» دا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «كىشىلىك ھوقۇق ئەمگەك ھەرىكىتى» ۋە «خەلقئارالىق تەرەققىيات ئەمگەك ھەرىكىتى» بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان يىغىندا رەھىمە مەخمۇت خانىم سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 26-سېنتەبىر، لوندون.
«ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 2021-يىللىق يىللىق يىغىنى» دا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «كىشىلىك ھوقۇق ئەمگەك ھەرىكىتى» ۋە «خەلقئارالىق تەرەققىيات ئەمگەك ھەرىكىتى» بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان يىغىندا رەھىمە مەخمۇت خانىم سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 26-سېنتەبىر، لوندون.

رەھىمە مەھمۇت خانىم مەزكۇر يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەدىكى ئۈچ چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى بولغان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ يىللىق يىغىنىغا مېنى، يەنى بىر ئۇيغۇرنى تەكىلىپ قىلىشى بىر تارىخىي ۋەقە بولدى.»

يىغىنغا يەنە پارلامېنىت ئەزالىرىدىن خەلقئارا سودا ئىشلىرى تەپتىش مىنىستىرى ئېمىلىي تورنبېرېي، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان تەپتىش مىنىستىرى ستېفىن كېننوك قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىمۇ قاتناشقان.

ئېمىلىي تورنبېرى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بىلگىنىڭىزدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭ رايونىدىكى زاۋۇتلاردا، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا، تۈرمە ۋە لاگېرلارنىڭ ئىچىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش ‹ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش› پىلانىغا ئاساسەن خىتاينىڭ ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، ئۇ يەرلەردىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەتمەكتە.»

ئېمىلىي تورنبېرى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

رەھىمە مەھمۇت خانىم مۇھاكىمە يىغىندا نېمىلەر توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارغا مېنىڭ سۆزلىگەنلىرىم گىئو-پولتىكا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇلار ھەر كۈنى دۇچ كېلىۋاتقان ئىنتايىن ئازابلىق ھايات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم.»

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، «كىشىلىك ھوقۇق ئەمگەك ھەرىكىتى» نىڭ خادىمى مەتىيۈ تېرنىر مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىنغا ناھايىتى كۆپ كىشى قاتناشتى. نۇرغۇن تېمىلاردا مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىلدى. لېكىن قاتناشقۇچىلار ئاساسلىقى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەمىنلەش زەنجىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىشتا جىددىي تەدبىر قولىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. ئەنگلىيەدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خۇلاسىلىگەندە، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ماللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، شىركەتلەردىن ماللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنىچىلىكىكىگە چېتىشلىق بولغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرگە جازا تەدبىرلىرى، ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.»

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ماس ھالدا بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زور ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكى تېزلا نامايان بولغانىدى.