خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودىدا رېكورت يارىتىشى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاراتتى. بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى ئۇتتۇرىغا قويغان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىش دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىشىچە، 8-ئايدىكى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 36 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 184 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 53.5% ئاشقان.
ئىستانبۇلدىكى تەدبىر تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن» ھالدا ئۇيغۇر ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قاراپ ئامېرىكا بازىرىدىن چەكلىگەن. خىتاي بولسا بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىشقا يۈزلەنگەن. يەنە بىرياقتىن ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق (تاشيول ۋە پويىزدا) مال يۆتكەشنىڭ تەننەرخى دېڭىز يولىغا قارىغاندا كۆپ ئەرزانغا چۈشىدۇ.

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان توۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى خەلقئارادا بىر تۈرلۈك ئورتاق چۈشەنچىگە ئايلىنىپ، بۇنىڭغا قارشى چەكلىمىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار چارىلارنى ئويلاپ چىققان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى توۋارلارنى ئوراپ-قاچىلاش جەريانىدا تاۋار مەنبەسىنى خىتايدىن باشقا بىر جاينىڭ نامى قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندرېس كور (Andres Corr) مۇ مۇشۇ خىل قاراشقا مايىل كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بارلىق ئامال-چارىلارنى ئىشقا سېلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىشقا، شۇ ئارقىلىق خەلقئارا بازاردا ئۆز ماللىرىنى ئەركىن سېتىشقا كىرىشكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) داۋاملىق ماللىرىنى سېتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇلار بەزى يوچۇقلارنى تاپتى. ئۇلار مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى يوشۇردى، يەنى مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تاپتى. خىتايدا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئامېرىكىغا كېلىۋاتقان بېلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ۋاشىنگتوندىكى مۇخبىرلار تەشكىلاتى ‹قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى› ئىسپاتلىدى. بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى نازارەت قىلىش پروگراممىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قارىتىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 176 مىليارد سومدىن ئاشقان بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 59.1% كۆپەيگەن، «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىچىدىكى ۋە قوللىغان دۆلەتلەرگە ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 206 مىليارد سومدىن ئاشقان ھەمدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 53.7% ئۆسكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيەلىك باغلىنىشى، بولۇپمۇ ئۇلاردىكى بەكمۇ ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرۇۋاتقان يېنىك سانائەت سىستېمىسى ئىزچىل تۈردە خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بۇ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ئەڭ چوڭ مەنبەگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. يەنە كېلىپ رۇسىيە ئامىلىنىڭ بۇ جەھەتلەردە ھەرقانچە قىلسىمۇ خىتاي ئامىلىنى بېسىپ چۈشەلمەسلىكتەك كەمچىللىكى بولسا ئۇلارنى مۇتلەق ھالدا خىتايغا تايىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا ئىشتىراك قىلغان نامرات ۋە ئاجىز دۆلەتلەردىكى ئەھۋالمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكىدىن ئانچە بەك پەرق قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ خالار-خالىماس ھالدا خىتاينىڭ تاشقى سودا پائالىيىتىدىكى «قەرزدارلار ئوبيېكتى» غا ئايلىنىپ قالغان.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرىغا ئاسىيا، جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئافرىقادىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىپلا قالماستىن بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە سېتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەك زۆرۈر ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى ھەرقانداق تەنقىدنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، بۇنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ نەق مەيدان تەكشۈرۈش پائالىيىتى ياكى بۇ توغرىسىدا يەرلىك خەلقتىن ئەھۋال ئىگىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق ئىمكانىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر قايسى ساھەدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىش تولىمۇ قىيىنغا چۈشۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
دوكتور ئاندرېس كورمۇ خىتايدىن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش بەك قىيىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتايدىن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق، دەپ قاراپ تەكشۈرۈش لازىملىقىنى، شۇنىڭدەك ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىشلىتىلمىگەن ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بۇ قانۇن (ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى) يېتەرلىك ئەمەس، يەنى ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما تېخنىكىلىق جەھەتتىن ياخشى قانۇن. مەسىلەن، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىدىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بەزى مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى. بىلەمسىز، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» ۋە لاگېرلاردىن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا يۆتكىگەندە، ئۇلار پاختا ياكى پەمىدۇرلا ئىشلەپچىقارمايدۇ، بەلكى روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىز شىركەتلەردىن بۇ مەھسۇلاتنى كىمنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقىنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مەھسۇلاتلارنى ساتقۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلىشى كېرەك. ئۇلار مەھسۇلاتتا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. شۇڭا مېنىڭچە خىتايدىن كېلىدىغان ھەرقانداق مەھسۇلاتقا مەجبۇرىي ئەمگەك بار يوقلۇقىنى بىلىش بەك قىيىن. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى زاۋۇتلارغا ۋە ھەر خىل كەسىپلەرگە قۇل ئىشچى سۈپىتىدە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا سىز خىتايدىن كەلگەن ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياسالمىغانلىقىغا ئىشىنەلمەيسىز. شۇڭا ئىمپورت قىلغۇچى مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقنى ئىسپاتلىيالمىسا، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى چەكلىنىشى كېرەك. ئەمما مېنىڭچە بۇ تېخى بۇ شەكىلدە ئىجرا قىلىنمىدى. بىز چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ قانۇننى ھازىرقىدىن بەكرەك كەڭ دائىرىدە ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك.»
ئاخىردا، دوكتور ئاندرېس كور ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى كەڭ دائىرىدە ئىجرا قىلغاندىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە ۋە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.