ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «شىنجاڭ شوخلىسى» ئەنگىلىيەدە غۇلغۇلا قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.03
pemidur-shoxla-qiyami-zawut-ishchi-1024 بىر ئىشچى پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-ئاۋغۇست، باش ئەگىم شەھىرى
www.btwmw.net

يېقىندا ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە بازارلىرىدا «ئىتالىيە مەھسۇلاتى» دەپ سېتىلىۋاتقان شوخلا (پەمىدۇر) قىياملىرىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «شىنجاڭ شوخلىسى» نىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ شوخلا قىيامى» نىڭ ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە بازىرىغا كىرىشى ھەم «ئىتالىيە مەھسۇلاتى» دەپ سېتىلىشىدا بەزى ئىتالىيە شىركەتلىرى ۋاسىتىچىلىك رولى ئوينىماقتا، شۇنىڭدەك بۇ مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىدىن ئىمپورت قىلماقتا ئىكەن. ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشىدىن «شىنجاڭ شوخلا قىيامى» نىڭ ئىتالىيەدە پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغانلىقى، ئاندىن «ئىتالىيە مەھسۇلاتى» دېگەن تامغا بېسىلىپ، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىستېمالىغا سۇنۇلغانلىقى مەلۇم بولغان.

BBC نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار كۆپ قىسمىغا ئىتالىيە ماركىسى بېسىلغان ياكى خېرىدارلارغا ئىتالىيە مەھسۇلاتىدەك كۆرسىتىلگەن 64 خىل شوخلا قىيامى مەھسۇلاتىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلاردىن 17 خىل شوخلا قىيامى مەھسۇلاتىنىڭ تەركىبىدە «شىنجاڭ شوخلىسى» بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

shohla-pemidur.png

ئۇيغۇر رايونىدا شوخلا (پەمىدۇر) ھوسۇللىرىنىڭ يىغىۋېلىنغان كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-سېنتەبىر، بورتالا. XINHUA

بۇ جەرياندا BBC ئاۋسترالىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق «ئىشەنچلىك مەنبە» (Source Certain) ناملىق مەھسۇلات مەنبەسىنى ئېنىقلاش شىركىتىگە شوخلا قىياملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەھقىقلەشنى ھاۋالە قىلغان. «ئىشەنچلىك مەنبە» شىركىتى شوخلا قىياملىرىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى بولغان دۆلەتلەرگە خاس «بارماق ئىزلىرى» نى تەھقىقلەش ئارقىلىق قايسى شوخلا قىيامى ماتېرىيالىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىتالىيە، يەنە قايسىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى خىتاي ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەھقىقلەش نەتىجىسىدە 64 خىل شوخلا قىيامى مەھسۇلاتىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىتالىيە، لېكىن 17 خىل شوخلا قىيامى مەھسۇلاتىنىڭ مەنبەسى خىتاي بولۇپ چىققان. بۇ 17 خىل مەھسۇلاتنىڭ 10 خىلىنى ئىتالىيەنىڭ ئانتونىئو پەتتى( Antonio Petti) ناملىق شوخلا قىيامى شىركىتى ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە لاگېر مۇتەخەسسىسى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تەرەققىيات ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئادرىيان زېنز 2-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلا مەھسۇلاتى ئېنىقلاپ چىقىلغان. ئىز قوغلاش سىستېمىسى بولسا ئىتالىيەدىن، بولۇپمۇ ئىتالىيە شىركەتلىرىدىن ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيەدىكى تاللا بازارلىرىغىچە ئىز قوغلاپ چىققان. ئۇلار خىمىيەلىك سىناق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شوخلا قىياملىرىنىڭ پەرقى ئارقىلىق ‹شىنجاڭ شوخلىسى›نى ئېنىقلاپ چىققان. شۇڭا، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەققىيات.»

ئۇيغۇر رايونىدا شوخلا (پەمىدۇر) ھوسۇللىرىنىڭ يىغىۋېلىنغان كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-سېنتەبىر، بورتالا.
ئۇيغۇر رايونىدا شوخلا (پەمىدۇر) ھوسۇللىرىنىڭ يىغىۋېلىنغان كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-سېنتەبىر، بورتالا.
XINHUA

مەلۇم بولۇشىچە، ئانتونىئو پەتتى شىركىتى 2020-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتايدىكى «شىنجاڭ گۈەننىڭ شىركىتى» دىن 36 مىليون كىلوگىرام شوخلا قىيامى كىرگۈزگەن ئىكەن. ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) 2024-يىلى 4-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئانتونىئو پەتتىنىڭ ئەنگىلىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقان 10 خىل شوخلا قىيامى مەھسۇلاتىنى تەكشۈرگەن. ھالبۇكى، ئانتونىئو پەتتى شىركىتى BBC غا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى «شىنجاڭ گۈەننىڭ شىركىتى» گە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك جازا يۈرگۈزگەندىن بېرى ئۇلارنىڭ شوخلا مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىپ، «باجۇ قىزىل مېۋە سودا شىركىتى» دىن قەرەللىك شوخلا قىيامى سېتىۋېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانتونىئو پەتتى شىركىتى «باجۇ قىزىل مېۋە سودا شىركىتى» نىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشمىغانلىقى» نىڭ قەيت قىلسىمۇ دەلىللەر، جۈملىدىن مال يوللانما سانلىق مەلۇماتى «باجۇ قىزىل مېۋە سودا شىركىتى» نىڭ بىر «قالقان شىركىتى» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ئادرىيان زېنز ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا ساختا شىركەت قۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى شۇلارنىڭ نامىدا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئادرىيان زېنز مۇنداق دىدى: «مەسىلەن، بۇنىڭدا بىر كارخانا قالقان شىركەتتىن بىرنى قۇرغان، ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەت ‹شىنجاڭ گۈەننوڭ شىركىتى›گە باغلىق بىر ساختا كارخانا. ھالبۇكى، «‹شىجاڭ گۈەننوڭ شىركىتى› يەنى شىنجاڭنىڭ شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقارغۇچى بۇ ساختا شىركەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شوخلا مەھسۇلاتلىرىنى ئوخشىمىغان ناملاردا باشقا دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئىتالىيەگە ئېكسپورت قىلىپ كەلگەن.»

خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شوخلا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، دۇنيا شوخلا مەھسۇلاتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى خىتاي ئىشلەپچىقارماقتا. ھالبۇكى، خىتاي سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە خىتاينىڭ يىللىق ئومۇمىي شوخلا مەھسۇلاتىنىڭ 80 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېقىنقى 16 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى شوخلازارلىقلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ياكى شۇنىڭغا شاھىت بولغان 14 كىشى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلاردىن ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقان ئەخمەت ئىسىملىك بىرەيلەن، ئەينى ۋاقىتتا تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە «بۇ شوخلىلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ» دېگەنلىكى ۋە ھەر كۈنى 650 كىلوگىرام شوخلا ئۈزمىسە، توك كالتىكى يەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى «دېموكراتىيە، تەرەققىيات ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش مەركىزى» نىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى، دوكتور سوفىي رىچاردسون (Sophie Rochardson) نىڭ قەيت قىلىشىچە، BBC نىڭ دوكلاتى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مېخانىزمىنىڭ يەنىلا ئاجىزلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. سوفىي رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن جەھەتلەردىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا سېتىلىشى، بولۇپمۇ قانۇن تۈزۈلمىسى قاتتىق دۆلەتلەردىمۇ بازارغا سېلىنىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى بازاردا ئۇچرىتىش بۇ دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى يەنىلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى رەھىمە مەھمۇت 2-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «بۇ ھال ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشىنىڭ قانچىلىك زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى. رەھىمە مەھمۇتنىڭ قارىشىچە، دوكلات يەنە بەزى ئىتالىيە ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سودا ئەخلاقىدىكى چېرىكلىكنى ئېچىپ بەرگەن.

BBC نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مال يوللانما سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش ئارقىلىق، «شىنجاڭ شوخلىسى» نىڭ ياۋروپاغا قانداق كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. دوكلاتتا «شىنجاڭ شوخلىسى» نىڭ پويىز ئارقىلىق قازاقىستانغا، قازاقىستاندىن ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئارقىلىق ئىتالىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى سوفىي رىچاردسون خانىم بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇرەككەپ يوللار بىلەن خەلقئارا بازارغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سوفىي رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، دوكلاتتا ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن بىر مۇرەككەپ ھادىسە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ جايدا سېتىۋېلىنىپ، ئۇ يەردىن 2-دۆلەتتە پىششىقلاپ ئىشلىنىشى، ئاندىن ئوراپ قاچىلىنىپ 3-دۆلەتتە سېتىلىشىدۇر. ھالبۇكى، بۇ جەريان مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى پەرەز قىلىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرگەن. شۇڭا، كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مالنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى تۇنجى كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر بولماقتا.»

ھالبۇكى، دوكتور ئادرىيان زېنز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى رەسمىي ئىجرا قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ يەردىكى خەتەر شۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىسا، ئەنگىلىيە ‹شىنجاڭ شوخلا قىياملىرى›نىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى مەۋجۇت» دەپ كۆرسەتتى.

2024-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا 82 ۋاگونلۇق «شىنجاڭ شوخلا قىيامى» بېسىلغان بىر پويېز ئۈرۈمچى يۈك ۋوگزالىدىن داغدۇغىلىق يولغا چىقىپ، قازاقىستان ئارقىلىق ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەگە ئۆتكەن، ئاندىن گىرۇزىيەدىن دېڭىز ئارقىلىق گىرېتسىيەگە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئىتالىيەنىڭ سالىرنو پورتىغا يېتىپ كەلگەن. ئەمما بۇ مەھسۇلاتلار سالېرنو پورتىدا «كولدىرىتې» ناملىق ئىتالىيە يېزا ئىگىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇ تەشكىلات «شىنجاڭ شوخلىسى» نىڭ «ئادالەتسىز رىقابەت» ۋە «غەيرىي ئەخلاقى» سودىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ۋەقە خەلقئارانىڭ «شىنجاڭ شوخلىسى» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.