لاگېردا «ئۆگىنىش» نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ جازادىن خالى بولالمايدىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-12-09
Share
لاگېردا «ئۆگىنىش» نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ جازادىن خالى بولالمايدىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېغىشلاپ ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

ئۇيغۇر رايونىدا 4 يىلدىن بۇيان مەۋجۇتلۇقى داۋام قىلىۋاتقان لاگېرلاردا «ئۆگىنىش» تە ئەلا نەتىجە قازانغانلارنىڭمۇ جازادىن خالىي بولالمايۋاتقانلىقى، يەنى كەسىپكە چىقىش نامى ئاستىدا لاگېر ئىچى-ياكى سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا لاگېردىكى «ئۆگىنىش» نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن خانزۆھرە سەيدئەخمەت بىلەن ئەنۋەر تەۋەككۈل كەنتلەردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ تەسىرات ۋە لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، تۇرپاندا لاگېردىكى ئۆگىنىشىنى تۈگەتكەنلەرنىڭ شېغىل زاۋۇتىدا ئىشقا سېلىنغانلىقى، قەشقەردىكى پېشقەدەم شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ بىر يۈكخانىدا ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەنىدى.

بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدا لاگېردا ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى دەپ قارالغان ۋە خىتاي تىلى سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان خانزۆھرە سەيىدئەخمەت بىلەن ئەنۋەر تەۋەككۈل كەنتلەرگە بېرىپ لاگېرلار ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇلارنى ئاھالىلەرگە «ياخشى تەربىيەلەنگەن» دەپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا ئائىلىسىگە قايتىشى ۋە تۇرمۇشىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويمىغان. ئۇلارنى ئۆيلىرىدە پەقەت بىر كېچىلا تۇرغۇزۇپ، ئاقسۇ شەھەر ئەتراپىدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن يولغا سالغان. ئاقسۇدىكى بۇ زاۋۇت ھەققىدە خىتايدا تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان تۇتقۇن مىرئادىل ھەسەنمۇ شىكايەت قىلغان. ئۇ زاۋۇتلارنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن شېرىكلىشىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا لاگېردىن ئەكېلىنگەن 20 مىڭچە كىشى بارلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان توقسۇندا لاگېردىكى «ئۆگىنىش» نى تۈگەتكەنلەر شېغىل ۋە سېمونت زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ شېغىل زاۋۇتىمۇ بىر كاتتا خىتاي شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، زاۋۇتتىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە سىرتتىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىشى چەكلەنگەن ئىكەن.

يەنە ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرنىڭ ئىچىدىكى نەپەس ئالغۇسىز دەرىجىدىكى قاتتىق تۈزۈم، سوئال-سوراق ۋە قېيىن-قىستاقلار سەۋەبىدىن لاگېردىكى تۇتقۇنلار، زاۋۇت-فابرىكىلاردىكى بۇ ئېغىر مەجبۇرىي ئەمگەككە ئىنتىلىشكەن. خىتاي دائىرىلىرى تۇتقۇنلارغا قاراتقان بۇ ئۆزگەرتىلگەن جازا شەكلىنى تۇتقۇن ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇلارغا قىلىنغان بىر مەرھەمەت سۈپىتىدە تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا «كەسىپكە چىقىش» دەپ نام بەرگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئۇتۇقلىرى، يەنى ئىشسىز ئاھالىلەرنىڭ ھۈنەر-كەسپلىك بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپىنچىسى ھەقىسز ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىملىرى لاگېرغا ئەكىتىلىشتىن بۇرۇنقى كىرىمىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغان مىقداردا مائاش ئالماقتىكەن. قەشقەر پاختەكلىدىكى تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىم مانا بۇلاردىن بىرى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە مەكىتتە لاگېردىكى ئاتالمىش «ئۆگىنىش» ئىنى پۈتتۈرۈپ بولغانلارنىڭ14 ‏-ئاھالىلەر رايونى نامىدىكى يەنە بىر لاگېرغا سولانغالىقى ۋە 7مىڭدىن ئارتۇق لاگېر تۇتقۇنىنىڭ مانا بۇ لاگېرىنىڭ ئىچىدە قۇرۇلغان زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە تا ھازىرغىچە مەلۇمات بەرمىدى. ئىلشات ھەسەن قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر، لاگېردا ئاتالمىش «جىنايىتى ئېغىر بولغانلار» نىڭ تۈرمىلەرگە يولغا سېلىنغانلىقى، «يېنىك» دەپ قارالغانلارنىڭ بولسا زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئورنىغا داۋاملىق ھالدا يېڭى ئاتالمىش «جىنايەت گۇماندارلارى» نى ئەكېلىپ تولدۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت