خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئىسپاتلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بېغىشلاپ ئىشلەنگەن كارتون. Yettesu

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سالغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەرىپىدىن «يەرشارى سىياسىتى مەركىزى» ناملىق تەتقىقات مەركىزىدە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەقەت ئۈچ ۋىلايىتىدىلا ئاز دېگەندە 570 مىڭ ئادەم مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سېلىنغان. ئەمگەككە سېلىنغانلار ئەمگەك يېشىدىكى قورامىغا يەتكەنلەرنى، ياشانغانلارنى ۋە لاگېرلاردىن چىققانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەرگە ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا يۇقىرىقى رەقەمنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، پۈتكۈل رايوندىكى ئومۇمىي ساننىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ دوكلات ئارقىلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر باسقۇچىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بارلىقى ئىسپاتلانغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «خەلقئارالىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن ئۈزۈل-كېسل قول ئۈزۈشى كېرەك،» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا خىتايدىكى ئومۇمىي پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 85 پىرسەنتىنى، دۇنيادىكى ئومۇمىي پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى داڭلىق مودا ماركىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بۇ پاختىلارغا تايىنىدىكەن.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر ئىسپاتلار پەقەت توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بولسا، بۇ نۆۋەت تېپىلغان ئىسپاتلار بولسا مەجبۇرىي ھالدا ۋە قول بىلەن پاختا تېرىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ بايقاشنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كەڭ بولۇپ، ئۇ پاختىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ خام ئەشياسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

«خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى» تەتقىقاتچىسى كىلويى كرانستىن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىسپاتلار ھەرقايسى شېركەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ رايوندىن مال تەمىنلەشنى جىددىي توختىتىشى كېرەكلىكىنى، بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن رايوندىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ تەدبىرلەرنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق.»

ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، پاختا تېرىش كۆپىنچە ھاللاردا ماشىنىلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدا پاختا تېرىش ئاساسەن ئادەم كۈچىگە تايىنىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا پۈتۈنلەي قول بىلەن تېرىلىدىكەن. 2019-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا 70 پىرسەنت پاختا ئادەم كۈچى ئارقىلىق تېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئەكسىچە ئىچكىي خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مەخسۇس پاختا تېرىشقا كېلىدىغان خىتاي ئەمگەك كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقان بولۇپ، پاختا تېرىشقا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كادىرلارنىڭ ھەيدەكچىلىكى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللىنىدىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دىيىلگەن: «بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان سىياسەتكە ئاساسەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنى دەرھال ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قارار-قانۇنلارنى ماقۇللاشقا چاقىردى. ئۇ «مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان چوڭ شېركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى كېرەك»، دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاراتقان جازالاش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىرىقىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسى كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، يېقىندا «ئالما»، «نايكى» ۋە «كوكا كولا» شېركەتلىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بېرىدىغان بۇ دوكلات داڭلىق خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بىردەك بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەرھال زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دوكلاتتىكى پاكىتلار ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

خىتاي تەرەپ بولسا دوكلاتتىكى پاكىتلارنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 15-دېكابىردىكى ئاخبارات يىغىنىدا بۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكلىكىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلەرنىڭ مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىلىرى ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدىكى بۇ پاكىتلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايىنىۋاتقان خەلقئارالىق ماركىلارغا بېسىم ئىشلىتىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org