ئادرىيان زېنز قاتارلىقلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.12.18
Adrian-Zenz-shoxla-pemidur-1920 ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ۋە ئىلىن لىن (I-Lin Lin) 12-دېكابىر كۈنى «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» ناملىق بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان
Photo: RFA

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ۋە ئىلىن لىن (I-Lin Lin) 12-دېكابىر كۈنى «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» ناملىق بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانچىلىق ساھەسىدە، بولۇپمۇ پەمىدۇر، قىزىلمۇچ، سەبدەرگۈل ۋە تەبىئىي تېتىتقۇ (stevia) قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پەمىدۇرنىڭ 50 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ۋە دۇنيادىكى قىزىلمۇچ مېيى (red pepper pigment) نىڭ 65 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. مەزكۇر دوكلات يەنە خىتايدىكى ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن مەجبۇرىي ئېلىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، دۇنيادىكى پەمىدۇر قىيامىنىڭ 15 پىرسەنتى ۋە قىزىلمۇچنىڭ 10 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلانغان ئەسلىھەلەردە ئىشلەپچىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئادرىيان زېنز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلاتنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ دوكلات مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاساسلىق دېھقانچىلىق ساھەلىرىنى، بولۇپمۇ پەمىدۇر، قىزىلمۇچ، سەبدەرگۈل ۋە تەبىئىي تېتىتقۇ (stevia) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينىڭ ئاساسلىق شىركەتلىرى ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېڭگۇاڭ (Chenguang)، چالكىس (Chalkis) ۋە كوفكو (COFCO) قاتارلىق شىركەتلەرنى ئەيىبلىدۇق. بىز يەنە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان مېڭە يۇيۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى دەخلى-تەرۇز قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا قاتناشقانلىقىنى ئېنىقلىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ بىر نەچچە خەلقئارالىق شىركەتنى ئەيىبلىگەن تەمىنلەش زەنجىرى چېتىشلىقى توغرىسىدا پاكىتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) مەزكۇر دوكلات ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە، يەنى شىنجاڭنىڭ پەمدۇر مەسىلىسى ھەققىدە يېقىندا BBC تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. مېنىڭچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان قارىشى ۋە پوزىتسىيەسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ھۆكۈمەت ئۇ يەرنى ۋە ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە مەركەزلەشتى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇ يەرنى ۋە يەرلىك خەلقلەرنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلدى. مەن ئەلۋەتتە، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىر ۋە مەزمۇنلارغا قوشۇلىمەن. بۇ ناھايىتى سۈپەتلىك ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلىنغان بىر دوكلات. ئەلۋەتتە، دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلار ئۇزۇندىن بۇيان مەسىلە بار دەپ بەلگە قويۇلغان تۈرلەردۇر».

يېقىندا BBC دا «شوخلا قىيامى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلىنەمدۇ؟: تاللا بازارلارغا تىزىلغان شىنجاڭ شوخلا قىيامىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلغانىدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان 14 نەپەر شاھىت ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار، سودا مۇتەخەسسىسلىرى زىيارەت قىلىنغان. فىلىمدا خىتاينىڭ خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان شوخلا قىيامىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە بىڭتۈەننىڭ قارا قولى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەنىدى.

مەزكۇر دوكلات مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان پەمىدۇر، قىزىلمۇچ ۋە تەبىئىي تېتىتقۇلارنىڭ 62 خەلقئارالىق شىركەتنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تاۋارلار ئىستېمالچىلارنى ئالدايدىغان ۋە ئېكسپلاتاتسىيەنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىشەنچلىك ئائىلە ماركىسى نامىدا دۇنياغا سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ دوكلاتىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت قوللىغان ئەمگەك كۈچى ۋە يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش پىروگراممىسىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي دۆلىتىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاينىڭ سودا تىجارەت قىلىدىغان چوڭ كارخانىلىرىغا تاپشۇرۇشقا قىستىغانلىقى، ئاندىن ئۇلارنى مائاشلىق ئەمگەككە مەجبۇرلىغانلىقى بايقالغان. 2001-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئېلىدە يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش نىسبىتى 50 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنى يەرسىز ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن دۆلەت بەلگىلىگەن خىزمەتكە ئىتتىرىلىشىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدىكى كۆلىمىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق زور ساندىكى خىتاي شىركەتلىرى بار. بىز بۇنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاسىيادىكى، يەنى ھىندىستان، ياپونىيە، ياپونىيە، پاكىستان، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىرەفت خېينىز (Kraft Heinz) قاتارلىق شىركەتلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان، يەنى ئۇلارنىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئىزىغا چۈشتۇق. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئۇلار كوفكو بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىق ئورناتقان، يەنى تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ئورناتقان. ئۇلارنىڭ يەنە شىنجاڭدىن كەلگەن كوفكو ماركىلىق پەمىدۇرلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلاردا ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت پاكىتلار بار. بۇ باغلىنىشلارنىڭ بەزىلىرى دېھقانچىلىقنى سانائەتلەشتۈرۈش سىياسىتى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنى خىتاي بۇ رايوننىڭ ھاياتلىق مەنبەسىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقتا. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەر تېرىماي (دېھقانچىلىق قىلماي) ئۆزلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خىتاينىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىغا ئىجارىگە بېرىشى ياكى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ئاندىن ئۇلار خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى ئۈچۈن ئىشلەمچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.».

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۇ (Liu Pengyu) بىزنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلدى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى قايتۇرغان جاۋابتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ئاتالمىش ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› مەسىلىسىنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن توقۇلغان بىر رەزىل يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كەلدۇق. . . مەن سىز تىلغا ئالغان دوكلاتنىڭ ئاپتورىنىڭ جېڭ گوئېن، يەنى ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz ) ئىكەنلىكىنىمۇ بايقىدىم. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئادرىئان زېنزنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇرغان ئوڭچىل تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى قۇرغان ۋە كونترول قىلىۋاتقان خىتايغا قارشى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئاشكارىلىدى. بۇ ئاتالمىش ‹دوكلات›نىڭ ھېچبىر ئىشەنچلىكلىكى، ئىلمىي قىممىتى ياكى ئىلمىي دەللىكى يوق…».

بىز كىرەفت خېينىز شىركىتىگە ئېلخەت يېزىپ، مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرا قۇيۇلغان ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشىنى سورىدۇق. ئەمما كىرەفت خېينىز شىركىتى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

كرەفت خېينز(Kraft Heinz)، نەستلى، ( Nestlé) دېل مونتە، (Del Monte) پېپسىكو (PepsiCo)، مەككورمىك ( McCormick)، ئۇنىلىۋېر (Unilever) ۋە لورىئېل (ve L’Oreal) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىلىشى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە سېتىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.

بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە «خىتاي مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ساھەسىگە كېڭەيگەنلىكى، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارغا چېتىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى».

«خىتاي مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى دەرھال توختىتىشقا، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان تاۋارلارنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە چاقىرىمىز. شۇنداقلا تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ۋە يوشۇرۇن تەمىنلەش زەنجىرىنى تولۇق ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. . .»

دوكتور ئادرىيان زېنز «خىتاي مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» نىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدە بەرگەن باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش قىلمىشىنىڭ نۇرغۇن دېھقانلارغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنى؛ ئۇنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ناھايىتى چوڭ تۈردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش سىستېمىسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ كۆلىمى ۋە ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى تولىمۇ مۇھىم. شۇڭلاشقا بۇنىڭغا قارىتا قانۇنىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ چاقىرىق ۋە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ يەنە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم».

*** سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن جاۋابلارنىڭ مەزمۇنلىرى قوشۇلدى. (2024-يىلى 18-دېكابىر سائەت 15:15 تە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.