ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ھەرىكىتى ئېرىشكەن نەتىجىلەر ۋە دۇچ كەلگەن خىرىسلار

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.08.31
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن بىڭتۇەن چىلانلىرىنى تۇتۇپ قالغان ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى(CBP) نىڭ مۇۋەققەت كومىسسارى تروي مىللېر(Troy Miller) مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا قۇلاق سالماقتا. 2023-يىلى 5-يانۋار، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكانىڭ 2022-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سودىغا باغلاپ جازالاش جەھەتتىكى ئەڭ يېتۈك قانۇنى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن نوپۇزلۇق چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى رېئاللىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توسۇشتا ئېرىشكەن نەتىجە بىلەن دۇچ كەلگەن خىرىسنىڭ يەنىلا تەڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىرىلىرى بەزى نېگىزلىك ئۇقۇملارنى، بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك، دېگەن نېمە؟ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خاراكتېرى قانداق؟ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن خەلقئارادىكى ئەنئەنىۋى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىسىدا قانداق پەرقلەر مەۋجۇت؟ شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى قانداق بايقىلىدۇ ۋە دەلىللىنىدۇ؟ دېگەن تېمىلارنى يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە، بۇ ساھەدىكى بەزى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى پىكىرىنى ئالدۇق.

كانادالىق ئادۋوكات، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، كانادا ماك-دونالد لاۋرېر ئ‍ىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ساراھ تېيچنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ باشقا مەجبۇرىي ئەمگەكلەر بىلەن بولغان يېتۈك پەرقى، ئۇنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدا ئ‍ېلىپ بېرىلىشى ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى بولۇشىدا ئىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىمى چېگرادىن كىرگەن ماللارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىمى چېگرادىن كىرگەن ماللارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
cbp.gov

ئادۋوكات ساراھ تېيچ 29-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باشقا مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنىڭ پەرقىگە كەلسەك، مېنىڭچە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاچقۇچلۇق پەرقى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدا ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. شۇڭا بۇ، بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ قۇللار ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ھادىسىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنىشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ شىركەتلەرنى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلىشى بولۇپ، كەڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى بولۇشىدۇر. بۇنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدا ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى، ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.»

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە قانۇنى، ۋەزىپىسىنى بەجا كەلتۈرمگەنلىكى سەۋەبىدىن جازالاشقا ئۇچرايدىغان بارلىق خىزمەت ۋە مۇلازىمەتلەرنى، ياكى ئىشچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلىمىگەن ھەرقانداق ئىش ۋە مۇلازىمەتنى مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلايدىكەن. ئادۋوكات ساراھ تېيچ، بۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پروگراممىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساراھ تېيچ مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى، بۇ پروگراممىلارغا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق تاللاش ھوقۇقى يوق. بۇنىڭغا رايوندا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دائىرىسىدە قاراش ئىنتايىن مۇھىم. سىزگە مەلۇم بولغاندەك بىرسىنىڭ كېلىپ، سىزنى ئائىلىڭىز، دوست-يارەنلىرىڭىزدىن يىراق، باشقا بىر ئۆلكىدە ئىشلەيسەن، دەپ ئېلىپ كېتىشى، نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغان بولۇشى، سىزنىڭ مەجبۇرلانغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپلا قالمايدۇ. بۇ يەردە يەنە سىز ئۈچۈن ئەگەر ئۇنىڭغا قاتناشمىسىڭىز ‹قايتە-تەربىيەلەش› لاگېرىغا ئەۋەتىلىش ياكى ئۇنىڭغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىمۇ بار. بىر كىشىنىڭ بۇ زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش ياكى لاگېرغا ئەۋەتىلىشنىڭ بىرىنى تاللاشقا دۇچ كېلىشى، ھەرگىز تاللاش ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا كەڭ دائىرىدە قاراش ئىنتايىن مۇھىم. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇنىڭ ئۆزى مەجبۇرىي ئەمگەكتۇر.»

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى، ئەنگلىيە ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېنىدى خەلقئارا ئادالەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور لاۋرا مۇرفېي Laura Murphy نىڭ قارىشىچە، ئىشچىلارنىڭ بېرىلگەن ئىشقا «ياق دېيىش» ھوقۇقى بولمىغان ھەرقانداق ئەمگەك مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلىنىدىكەن. لاۋرا مۇرفېي 29-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە بەرگەن تەبىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئىشچىلارنىڭ رازىلىقى بولمىغان، رەت قىلسا جازالىنىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئىشقا مەجبۇرىي ئەمگەك، دەپ تەدبىر بەرگەن. بۇ دېگەنلىك كىشىلەرنىڭ ئەتراپتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەھدىتى ئاستىدا داۋاملىق ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇشى، ئىشلەشنى رەت قىلىش پۇرسىتى بولمىغان ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.»

لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خەلقئارا تەدبىرىگە پۈتۈنلەي چۈشىدىكەن. لاۋرا مۇرفېي: «بۇ رايوندا ھېچكىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلالمايدۇ. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر رايونىدىكى دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى خەلقئارنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ھالبۇكى، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى باشقا مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە قارىغاندا يەنە ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋاسىتىسى ئورنىدا قوللىنىلىش جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدىكەن. ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنىدى تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تەتقىقات تۈرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يالقۇن ئۇلۇغيول 29-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ھەر خىل سىياسەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

بەزى چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ چېتىلىش كۆلىمى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ پولىسىلىكون، لىتىي، پاختا، پەمىدۇر، كۈنتاختا، ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسى قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىكى خەلقئارا مونوپوللۇق ئورنى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشنىڭ بارغانچە قىيىنلىشىشى قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر مەجبۇرىى ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن. يالقۇن ئۇلۇغيول، شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغان ياكى پايدىلانمىغانلىقىنى ئىككى خىل شەكىلدە ئايرىشقا بولىدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەر، يەنە بىرىنىڭ ۋاسىتىلىك پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئادۋوكات ساراھ تېيچنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدىكى ئاچقۇچلۇق دىققەت نۇقتىسى، خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئۆزگەرتىشلا ئەمەس، بەلكى شىركەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۆزگەرتىش ئىكەن. ئۇ ھۆكۈمەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە قارىغاندا شىركەتلەرنى ئۆزگەرتىش كۆپ ئاسانغا توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «يەنە بىر ئاچقۇچلۇق دىققەت نۇقتىمىز، خىتاينىڭ خاھىشىنى ئۆزگەرتىشلا ئەمەس. بەلكى شىركەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۆزگەرتىشتۇر. شۇڭا بىز تەكشۈرۈشتە بۇ جەھەتتىكى سوت ئارخىپلىرىغىمۇ قارىدۇق. بىز دىققەت نۇقتىمىزنى شىركەتلەرگە قاراتتۇق. چۈنكى، شىركەتلەرنىڭ خاھىشىنى ئۆزگەرتمەك بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ.»

ساراھ تېيچ يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت دەلىللەرنى ئېنىقلاش ۋە توپلاشتا باشقا نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا تايىنىپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئائىت دەلىللەرنى توپلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇلارنى دەلىللەشتە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى، تەتقىقاتچى ئارىيان زەنز، لاۋرا مۇرفېيلارنىڭ بۇرۇن ئېلىپ بارغان نۇرغۇن تەتقىقاتلىرىغا تاياندۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار بولۇپ، ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭدىن سىرت بىز ئۆزىمىزمۇ بەزى دەلىللەرنى توپلىدۇق. بىز بۇنىڭدا بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا، شۇنداقلا تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ كۆرسەتكەن ياكى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى شىركەتلەرنى تەكشۈردۇق.»

ھالبۇكى، ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور لاۋرا مۇرفېي خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى دەلىللەشتە خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەر ۋە ئېلان-سەنئەتلەرنىڭ مۇھىم مەنبە بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىلىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقان شىركەتلەر، ئىلگىرى بۇنى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقاتقان ئىكەن. ئۇ، ھازىر بۇ شىركەتلەر دۆلەتنىڭ ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلمىسىمۇ، لېكىن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى كىچىكلەپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دەيدۇ: «شىركەتلەر بىر قانچە يىلغىچە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى ئ‍اشكارە تەرغىب قىلىپ كەلگەن. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭغا قاتنىشىشنى شى جىنپىڭ، شى جىنپىڭ ئىدىيەسى ۋە ھۆكۈمەتكە ساداقەتمەن بولۇشنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراپ، كەڭ تارقاتقان. لېكىن خەلقئارانىڭ بۇ پروگاممىغا بولغان تەنقىدلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بۈنى ھازىر ئاشكارا تارقاتمايدىغان بولدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ شىركەتلەرنىڭ بۇرۇن مەزكۇر پروگراممىغا كەڭ كۆلەملىك قاتنىشىشى، ھازىرقى ئەھۋالدىنمۇ ئۇچۇر بېرىدۇ. چۈنكى، مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسى ئىزچىل كېڭىيىپ ماڭدى. ئۇنىڭ كۆلىمى تارىيىپ قالمىدى.»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، بۇ يىل 8-ئايغىچە بولغان بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە، قىممىتى بىر مىليارد 746 مىليون دوللارلىق 5000 دىن ئارتۇق يوللانما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دېگەن گۇمان بىلەن ئامېرىكا تاموژناسىدا توختىتىپ تەكشۈرۈلگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن، بۇ جەرياندا 2070 يوللانمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، 1733 يوللانمىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ سان ئامېرىكا-خىتاي ئومۇمى سودا ھەجمىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئ‍ەزالار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە تېخىمۇ قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا، ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بولسا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ۋە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.