تونۇلغان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى، تارىخچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 56 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

2021-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچىسى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 56 يىل تولغان كۈن. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى بەزى بىلوگلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىدە مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى خاتىرىلەپ، ماقالىلەر، ئەسلىمىلەر، سۈرەتلەر ۋە قىسقا خەۋەرلەر تارقىتىلدى. «ئۇيغۇرنېت» بىلوگىنىڭ مەسئۇلى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس كۈرەشچىسى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى رەھمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەيمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالە بىلەن كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان «ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 56-يىلىدا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا» ماۋزۇلۇق ماقالىلەردە مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى، ئىش-ئىزلىرى، كۈرەشلىرى، يازغان ئەسەرلىرى ۋە ئىدىيەسى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى مۇھىتتىن جانۇيغۇر ئېلان قىلغان «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلغان سىياسىي ئەرباب مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى ۋاپاتىنىڭ 56-يىلىدا خاتىرىلەيمىز» ماۋزۇلۇق ماقالىدە مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خوتەندە باشلىنىپ 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ۋاپات بولغۇچە داۋاملاشقان كۈرەش ھايات سەرگۈزەشتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەلەم ۋە قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بارغان، تارىختا ئۆچمەس زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي شەخس ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەندىن سىرت، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن خەلقئارادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان، بۇندىن 56 يىل بۇرۇن ئەنقەرەدە بۇغرانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان، ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سوئالىمىزغا يانفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، ھاياتى بويىچە كۈرەش يولىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىغا ئاتىغانلىقى، ئۇنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ يارىدار بولغان غازى ئىكەنلىكى ئۆزىنىڭ، ئۇنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېيىنكى يىللاردا چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلار مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۈچ ئەپەندىلەر» نىڭ ئەينى زاماندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماي «ئالىي ئاپتونومىيە» تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ خىتايدىن ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەتئىمىن بۇغرا خوتەن، قەشقەر، ئافغانىستان، خىتاي ۋە ئۈرۈمچىدە مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندىن كېيىن 1952-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن كۈندىن بېرى، كېچە-كۈندۈز دېمەي ھارماي-تالماي ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. تۈركىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىگە، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىغا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىككە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان. ئۇنى تۈركىيەدىكى دەۋانىڭ ئۇلىنى سالغان شەخس دېيىشكە بولىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى رەھمەت بىلەن خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى، تارىخچى مۇھەممەئىئىمىن بۇغرا 1901-يىلى خوتەندە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ، ئەنقەرەدىكى جەبەجى ئەسرىي قەبرىستانلىقىغا دەپىنە قىلىنغان. مەرھۇم توغرىلىق تۈركىيەدە ئىككى كىتاب، 20 پارچە ئەتراپىدا ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، ئۇنىڭ نامى كۆپ توملۇق ئىسلام قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. تۈركىيەدىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇللا باقىر ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا» ناملىق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ، 2005-يىلى نەشر قىلدۇردى. تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى.