ئالاقىدار خادىملار ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى

0:00 / 0:00

بىرقانچە ئايدىن بۇيان جەمئىيەتتە ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە غەيرىي-رەسمىي ئۇچۇرلار تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. تۈنۈگۈن ئامېرىكادىكى «تىنچ ئوكيان ئۆلچىمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ھەققىدىكى ماقالىدىمۇ بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر رايوندىكى ئالاقىدار خادىملار مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «تىنچ ئوكيان ئۆلچىمى» ژۇرنىلىدا تىلغا ئېلىندى. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇچۇر تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ بۇ ئۇچۇرنى جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەشھۇر شەسخلەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى جەمئىيەت خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك راست بولۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

«قۇم باسقان شەھەر» رومانى، «ساراڭ»، «بۇرۇت ماجىراسى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك ھېكايىلىرى بىلەن داڭق چىقارغان يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1995‏-يىلىدىن 2006 ‏-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە رەئىس بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ بىر مەزگىل مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىمىمۇ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بېرەلمىدى.

1944‏-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1967‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن مەمتىمىن ھوشۇر 1979‏-يىلىدىن 1995‏-يىلىغىچە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇ ژۇرنالدىكى ئالاقىدار خادىملار مەمتىمىن ھوشۇر ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر غۇلجىدىكى مەزگىلىدە ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە كەسپىي يازغۇچى ۋە رەئىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. مەزكۇر بىرلەشمە خادىمى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىنى، يەنى ئائىلىسىنىڭ تېلېفونىنى سورىغىنىمىزدا نومۇرنى بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دائىرىلەرنىڭ 2017 ‏-يىلدىن باشلاپ نەشرىيات ئورۇنلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە زور بىر تۈركۈم كىتاب-ژۇرناللارنى «مەسىلىلىك كىتابلار» دەپ بېكىتىپ چىققانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنى يازغان، تەھرىرلىگەن ۋە تەستىقلىغانلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

بىز «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ ئالاقىدار خادىمىدىن «مەسىلىلىك كىتابلار» ئارىسىدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇلار «ئەلۋەتتە بار» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇلاردىن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قانچە ۋە قايسى ئەسەرلىرىدىن «مەسىلە» تېپىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇلار بۇنىڭ مەخپىيەتلىككە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بىز ئارقىدىن يەنە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قايسى ئورۇن ۋە كىملەر تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن ئۇچۇر ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قاچان تۇتۇلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلەيدىغان باشقا بىر بۆلۈمنىڭ تېلېفونىنى تەمىنلىدى. بۇ خادىم بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا بۇ ئۇچۇرنى نېمە ئۈچۈن سوراۋاتقانلىقىمىزنى سۈرۈشتە قىلدى.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ھېچ بىر خادىم يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھازىر نەدىلىكى، ئەگەر تۇتقۇندا بولسا نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مەسىلە» تېپىلمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى شان-شۆھرىتى ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1990‏-يىللاردا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كىتابخانلار رايىنى سىناشتا يازغۇچى زوردۇن سابىر ۋە ئەختەم ئۆمەر بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن ئەڭ سۆيۈلگەن 3 يازغۇچىنىڭ بىرى» بولۇپ باھالانغان ئىدى.