خىتاينىڭ مەسچىت چېقىش سىياسىتى غەربنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.04.17
meschit-teshwiqat-boway.jpg خىتاينىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ئېسىلغان مەسچىت. 2014-يىلى 17ئىيۇل، ئاقسۇ.
AP/Ng Han Guan

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىت-جامەلەرنى چېقىپ تاشلىشى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا دىققەت قوزغىماقتا.

15-ئاپرېل فىرانسىيە پايتەختى پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى 800 يىللىق تارىخقا ئىگە بۈبى مەريەم چىركاۋى (Notre Dam) نىڭ كۆيۈپ كېتىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا زور زىلزىلە پەيدا قىلدى. غەرب بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان، ئېففېل تۆمۈر مۇنارى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى فىرانسىيەدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش ھېسابلانغان بۇ چېركاۋنىڭ كۆيۈپ كېتىشى كىشىلەرنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇردى. فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون شۇ كۈنىلا دەرھال بايانات بېرىپ، بۇ تارىخىي قۇرۇلۇشنى 5 يىل ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فىرانسىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلەر بۈگۈن بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، مەزكۇر چېركاۋنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ھەسسىلەر قاتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئوخشاشلا 800 يىللىق تارىخقا ئىگە كېرىيەدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن چېقىپ تاشلانغانلىق خەۋىرى دۇنيادا بۇنچىلىك زور تەسىر قوزغىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب مەتبۇئاتلىرى بۇ مەسىلىگە ھەم سەل قارىمىدى. گېرمانىيەدىكى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، «گېرمانىيە ئاۋازى» قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەرلەر ئېلان قىلدى.

خوتەن كېرىيەدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ 2018-دېكابىردا چېقىپ تاشلانغانلىقى كانادادىكى بىر خىتاي ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ۋە ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە بۇ يىل 2-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان غەرب ۋە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كېرىيەدىكى 800 يىللىق تارىخقا ئىگە ھېيتگاھ جامەسىنى ۋە خوتەندىكى 500 يىللىق تارىخقا ئىگە يەنە بىر مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغانلىقى غۇلغۇلا قوزغاپ كەلمەكتە. گېرمانىيەدىكى تۈرلۈك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا.

14-ئاپرېل ۋە 15-ئاپرېل كۈنلىرى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا كېرىيەدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكىدىن، مەدەنىيىتىدىن، دىنىي ئېتىقادىدىن ئايرىپ تاشلاپ پۈتۈنلەي خىتايلىشىشقا قىستاۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. مەزكۇر خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلاپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن ياشاش ھەقلىرىنى تامامەن دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ساقچى ھەم كامېرالارنىڭ نازارىتىدە مەھكۇملار كەبى نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مەسىلىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش، دۇنيانى ئالداش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى چېقىلماي قالغان مەسچىتلەرنىڭمۇ پۈتۈنلەي تاقالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيەدىكى چېقىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ جامە 1204-يىلى ئىنشا قىلىنغان بولۇپ، 1949-يىلىغا قەدەر 7 قېتىم كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغان ۋە كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ 449 كۋادرات مېتىر. 1216-يىلى قاراقىتان خانلىقى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ۋەيران قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە موڭغۇللار، مانجۇلار، تىبەتلەر ۋە خىتايلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يوقالمىغان.

بۇنداق تارىخىي تەۋەررۈكلەرنى ۋەيران قىلىشنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قارشى زور جىنايەت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ مەسچىت چېقىش جىنايىتىنىڭ ئەسلىدە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغاشقا تېگىشلىك ھادىسە بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھىيلىگەر سىياسىتى ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلى ئىسلام دۇنياسىدىن تۈزۈك سادا چىقمايۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى، ميۇنخېندىكى دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەسلىدە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەكسىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بەلكى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىنى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.