تۇتقۇندىكى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ قىسمەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ھەر ساھەدىن يېتىشكەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بەزىلىرى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن بولسا، بەزىلىرىگە ھەرخىل جازالارنىڭ ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۇلارغا بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە بىر ۋىدىيولۇق خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا نۆۋەتتە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىلىرى ھەققىدىكى ھېكايىسى تونۇشتۇرۇلغان.

مەزكۇر ۋىدىيو ئەڭ ئاۋۋال ئادىل ئېلھام ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئاپىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن ۋاقتى بىلەن باشلىنىدۇ. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى بۇ كۆرۈشۈشتە ئادىل ئېلھامنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا ئەمدى ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلەشمەسلىككە، ئەگەر بىرەر ئىش بولسا ئۆزلىرى ئۇنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئادىل ئېلھام ۋىدىيودا قىلغان سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم ماڭا ئاتا-ئانامنىڭ ‹ئۆگىنىشتە› ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، مەن ‹ئۆگىنىش› دېگەن بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىمەن، ئۇ ئەمەلىيەتتە قايتا تەربىيە لاگېرىدۇر. مەن بىر كېچىدىلا ھەممە نەرسەمدىن (ئاتا-ئانامدىن) ئايرىلدىم. ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئۇلارنى سەۋەبسىز تۇتقان.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ئادىل ئېلھام 19-ئاۋغۇست رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئېلھام روزىباقى خوتەن قاراقاش ناھىيە يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 4 يىل ئىلگىرى پېنسىيەگە چىققان ئىكەن. ئادىل ئېلھامنىڭ ئاپىسى زىمىننىسا مەمەتئەيسا قاراقاش ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ پېنسىيەگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە «ئوغلىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارغان» دېگەن باھانە بىلەن ئەر-ئايال ئىككىلىسى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئايرىم-ئايرىم 10 يىل ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدىكى ۋىدىيودا ئادىل ئېلھامدىن كېيىنلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر يازمىلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئوغلى كامالتۈرۈكنىڭ ھېكايىسى ئاڭلىتىلىدۇ.

كامالتۈرۈك يالقۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دادىسى بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىدا دادىسى دائىم ئۇنىڭ بىلەن كېيىن پاراڭلىشىشنى ئېيتقان. ھالبۇكى، يالقۇن روزىنىڭ ئوغلىغا قىلغان بۇ سۆزى ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق سۆزى بولۇپ قالغان.

ئۇ مەزكۇر ۋىدىيودا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئەكىتىلىپتۇ. مەن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي چەمبىرىكى يوقىلىپ كەتكەندەك ھېسسىياتتا بولۇۋاتىمەن.»

مەزكۇر ۋىدىيودا كامالتۈرۈك دادىسى تۇتۇلۇپ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

19-ئاۋغۇست رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كامالتۈرۈك يالقۇن يېقىندا دادىسى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدىكى ۋىدىيولۇق خەۋەردە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ يەنە بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان قىزى ئەقىدە پولاتتۇر. ئۇ سۆزىدە ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۈندىداردا ئۇچۇر قالدۇرغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئەقىدە پولات ئاپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالمىغانلىقىدىن ئەندىشىلىنىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئاپامنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلەلمىگىنىم مېنى بەكلا قىيناۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمە يەۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭ ئويلايدىغىنىم، ئاپامنىڭ يەتكۈدەك كىيىم-كېچەكلىرى بارمىدۇ؟ شۇ لاگېردىكى ساقچىلار ئاپامنى قىيناۋاتقانمىدۇ؟»

ئەقىدە پولات ۋىدىيودىكى سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى قەيت قىلىدۇ: «مەن بىر يامان چۈش كۆردۈم، ئۇنىڭدا مەن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا يوللىنىپتىمەن ھەمدە تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىغا قامىلىپتىمەن. مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن.»

19-ئاۋغۇست كۈنى ئەقىدە پولات رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپىسى ھەققىدە تېخىچە بىرەر يېڭى خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ۋىدىيونىڭ ئاخىرىدا كامالتۈرۈك يالقۇن ئۆزىنىڭ سىياسىيدىن خالىي بىر ئادەمدىن دادىسى سەۋەبلىك بىر سىياسىي پائالىيەتچىگە ئايلانغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇ كۈنلەردە مەن ۋەتەننى سېغىنغان ۋاقتىمدا مەن قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىش دادامغا ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشتۇر دەپ ئويلايمەن.»

شۇ قاتاردا ئادىل ئېلھاممۇ پۈتۈن دۇنياغا مۇراجىئەت قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەزكۇر ۋىدىيونى كۆرگەن بولساڭلار، ئۆزۈڭلار تۇرۇشلۇق جايدىكى سېناتورلار بىلەن ئالاقىلىشىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇڭلار. چۈنكى ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جاي ‹قايتا تەربىيە لاگېرى› ئەمەس، بەلكى تۈرمىدۇر.»