مېتا شىركىتى ئامېرىكادىكى ئابونتلارنى نىشان قىلغان خىتاي تورىنى چۇۋۇۋەتكەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.09.29
مېتا شىركىتى ئامېرىكادىكى ئابونتلارنى نىشان قىلغان خىتاي تورىنى چۇۋۇۋەتكەن META شىركىتى 22-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى ئايرىم ساختا ھېسابات تورىنى بايقىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.a
AFP

مېتا (Meta) شىركىتى 27-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى ئايرىم ساختا ھېسابات تورىنى بايقىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

مېتا شىركىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان 30 بەتلىك دوكلاتىدىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، مېتا شىركىتى تور يۈزىدىن تازىلىۋەتكەن تور بېكەتلىرى ئاساسلىقى 2021-2022-يىللىرىدا ئامېرىكادىكى قىزىق سىياسىي تېمىلاردا كىشىلەرنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. مېتا شىركىتى بۇ مەشغۇلاتنى ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى Facebook ۋە Instagram قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئائىت ساختا ھېساباتلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان.

مېتا شىركىتىنىڭ تازىلاش نىشانىغا ئايلانغان ھېساباتلار ئاساسلىقى خىتاي تىلىدا جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىلەر ۋە ئامېرىكانى تەنقىد قىلىدىغان يازمىلارنى يوللايدىكەن. ئىنگلىز تىلىدا بولسا مەخسۇس ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىي ساھەسىدىكى تېمىلىرىغا ئىنكاس يوللاپ پىكىر ئېقىمى ۋە ئىختىلاپى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن. دوكلاتقا قارىغاندا ساختا ھېساباتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال كىشىنىڭ ئىسمىدا ئېلىنغان بولۇپ، ئەگەشكۈچىلىرىمۇ كۆپ بولمىغان يېڭى ھېساباتلار ئىكەن. دوكلاتتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ھېساباتلار ئاساسەن دۈشەنبەدىن جۈمەگىچە، سائەت توققۇزدىن بەشكىچە بولغان خىزمەت ئەندىزىسى بويىچە ھەرىكەت قىلغان.

مېتا شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى «ئەل جەزىرە» خەۋەر تورىنىڭ زىيارىتىدە، خىتايدىكى بۇ خىل ساختا ھېساباتلارنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك پاكىت يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا تۇرۇپ تورغا چىقىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن خىتايغا ئائىت 81 فېيىسبۇك ھېسابى، سەككىز فېيىسبوك بېتى، بىر فېيىسبوك گۇرۇپپىسى ۋە ئىككى ئىنستاگرام ھېسابى تاقىۋېتىلگەن. بۇ ھېساباتلار فېيسبوك، ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا نىشانلىق ھالدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىق سىياسەتچىلەرنىڭ ئامېرىكادىكى بالا چۈشۈرۈش، قورال ئىشلىتىش قاتارلىق تېمىلاردىكى يازمىلىرىغا ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئىنكاس يوللىغان. بۇ توردىكى خىتاي ئابونتلىرى ئاساسەن فلورىدا، تېكساس، كالىفورنىيە قاتارلىق شتاتلاردىكى دېموكرات ئامېرىكالىقلارنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى تەنقىدلەيدىكەن.

فېيىسبوكتىكى تور بىخەتەرلىكى خادىملىرى خىتاي ئاگېنتلىرىنىڭ فېيىسبوك، ئىنستاگرامدىلا ئەمەس، تىۋىتتېر، تېلېگرامما قاتارلىق ئالاقە سۇپىلىرىدىمۇ پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيەنى قوللاش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك خاتا ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرگەنلىكىنى، خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا شېرىك بولغانلىقىنى، ئەسلىدە بۇنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر مالىمانچىلىقى قوزغاش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئۆتكەن يىلى مېتا شىركىتى خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 500 دىن ئارتۇق ساختا فېيىسبوك ھېسابىنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. تۋىتتېرمۇ ساختا ھېساباتلارنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنى تازىلاشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى بولۇپ، 2020-يىلى 11-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ تەشۋىقات ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 170 مىڭ ھېسابنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مېتا شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايغا ئائىت ھېساباتلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇلار ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئىككى پارتىيە ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى پەيدا قىلىشتا ناھايىتى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان ھېساباتلار ئىكەن.

مېتانىڭ يەرشارى تەھدىتى ئىستىخبارات يېتەكچىسى بېن نىممو (Ben Nimmo) CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مېتانىڭ بۇ قېتىملىق تور تازىلاش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ بىر كىچىك ھەرىكەت. قارىماققا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەك تارتالمىغاندەك تۇرسىمۇ، ئەمما بىز بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سىياسىي مۇنازىرىسىنى نىشانلىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز ھەممىمىز ھازىر ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىمىز. ئۇلار دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئامېرىكالىقنىڭ قىياپىتىدە ساختا ھېسابات ئېچىپ، ئامېرىكالىقتەك سۆزلەيدۇ. بالا چۈشۈرۈش، قورال كونترول قىلىش مەسىلىسىگە ئوخشاش ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئېچىدىكى سىياسەتلەرنى مۇنازىرە قىلىدۇ».

تۋىتتېر باياناتچىسىمۇ بۇ ھەقتە CNN گە قىلغان سۆزىدە، تۋىتتېرنىڭ مېتانىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، تۋىتتېر قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھېساباتلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فېيىسبوك شىركىتى ئۆتكەن يىلى 24-مارت كۈنى بىر قىسىم خىتاي خاككېرلىرىنىڭ فېيىسبوك تاراتقۇ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىغا نىشانلىق تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇمۇ مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن تارتىپ فېيىسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا نامەلۇم ھېساباتلارنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى تور ھۇجۇمى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

بىز بۇ ھەقتە مېتا باش شىركىتى ۋە فېيىسبوك شىىركىتىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون ۋە ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلەشتۇق، ئەمما ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئىشخانىسى بىلەنمۇ ئالاقىلەشتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.