مەخمۇت دەرايېف قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ كۈلكە چولپىنى
2023.05.08

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتى راۋاجلىنىشقا باشلىغانىدى. بۇنىڭغا بولۇپمۇ 1934-يىلى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قۇرۇلۇشى چوڭ سەۋەب بولدى. ھازىر ئۇ قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن بۇيان مەزكۇر تىياتىر كۆپلىگەن تالانتلىق ئارتىسلارنى تەربىيەلەپ چىقتى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىسمى پەقەت قازاقىستانغىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنياغىمۇ تونۇلدى.
شۇلارنىڭ بىرى ھەزىل-كۈلكە ژانىرىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى مەخمۇت دەرايېف 6-ماي كۈنى 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
بۇ ھەقتە مەلۇماتلار رۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، شۇنىڭدەك كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تورلىرىدا ئېلان قىلىندى.
مەخمۇت دەرايېف ئەينى ۋاقىتلاردا پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەشھۇر بولغان «ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ، شۇنىڭدەك «تەبەسسۇم» ھەزىل-كۈلكە پروگراممىسىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي زېمىنى-ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مەشھۇر بولغانىدى. 7-مايدا ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا مەخمۇت دەرايېف بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، تىياتىر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلار مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەخمۇت دەرايېفنىڭ كۆپ يىللىق سەپدىشى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى رەيھانگۈل مەخپىروۋا خانىم 30 يىل مابەينىدە ھەزىل-كۈلكە ماھىرلىرى مەخمۇت دەرايېف ۋە رۇقىيەم ساتتاروۋا بىلەن «تەبەسسۇم» ھەزىل-كۈلكە پروگراممىسىدا بىللە ئىشلەپ كەلگەنلىكىنى، بۇ پروگراممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا داڭقى چىققانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستانغا ئالتە-يەتتە قېتىم باردۇق ۋە خەلقىمىزنىڭ ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولدۇق. مەخمۇت بىلەن سەھنە ئەسەرلىرىدىمۇ كۆپ ئوينىدۇق. ئۇ ناھايىتى كەمتەر، مېھرىبان ئىنسان ئىدى. ئۇ ئۆزىمۇ ئىتوتلارنى يازاتتى. رۇقىيەم ئىككىمىزنىڭ مىجەزىگە لايىق ئوبرازلارنى يارىتىپ بېرەتتى. مەخمۇتجاننىڭ يېقىندا ‹ئەتىۋارى يوق پېنسىيانېر› ناملىق ئەسىرى سەھنىگە چىقتى. ئەپسۇس كۆرەلمىدى، چۈنكى سالامەتلىكى يار بەرمىدى. بىر خۇشال بولىدىغان يېرى ئۇ ‹قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى› دېگەن ئاتاققا ئىگە بولدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئىتوتلارنى بىلە ئوينىدۇق. مەخمۇتجانلار كۈندە تۇغۇلىۋەرمەيدۇ، ئۇ بىزنىڭ مۆجىزىمىز».
رەيھانگۈل مەخپىروۋا مەخمۇت دەرايېفا ئوخشاش ياش تالانتلارنىڭمۇ ئۆسۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، باشقىمۇ ياش سەنئەتكارلارنى تەربىيەلەشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ سابىق رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف ئەپەندى مەخمۇت دەرايېفنىڭ ۋاپاتىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ بىر قاتار يېڭىلىقلىرىنى يارىتىشتا چوڭ ئاكتىپلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ 1973-يىلى ئالمۇتادا قۇرۇلغان، مىڭلىغان مۇخلىسلارنىڭ مەغرۇرلىنىشىغا ئايلانغان ‹ياشلىق› ئانسامبىلىدا ئۇزۇن يىللار داۋامىدا بىللە ئىشلىگەنلىكىنى، مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ كۆپلىگەن مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلىرىدا ئويناش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنداق ھۈنەرنى بىز سەھنە ئەسەرلىرىدە كۆپ پايدىلاندۇق. ھەممىسى ئارتىس دېگەن ھەر تەرەپتىن باي كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىم-كېچەكلىرىمۇ ئۈستۈن، چىرايلىق دەپ ئويلايدۇ. مەن تىياتىردا مەخمۇت بىلەن بىللە ئىشلىدىم. ئۇ ھاياتىدا كۆپ قىينالدى. ئىككى بالىسى بىلەن ئىجارە ئۆيدە تۇردى. تىياتىر بەرگەن مائاش يەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بالىلىرىنى ئوقۇتتى، كۆتۈردى. مەخمۇت دەرايېف بۇ ھاياتتىن كەتتى، بىراق ئۇ ئېسىمىزدە قالىدۇ».
يالقۇنجان شەمىيېف ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەت دەرىجىسىدە مەرھۇمنىڭ ئىسمىنى تۇغۇلغان يۇرتىدىكى كوچىلارنىڭ بىرىگە ياكى بولمىسا مەدەنىيەت كۇلۇبىغا قويۇش مەسىلىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ساتىرىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت نەزەروف ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىي تىياتىرىدا دراما سەنئىتىنىڭ خېلى تەرەققىي ئەتكەنلىكىنى، ئەمما ئومۇمەن ئۇيغۇر دراماتورگىيە ساھەسى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئۇنىڭ كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي دراماتورگىيەسىنى رەيھانگۈل مەخپىروۋا، رۇقىيەم ساتتاروۋا ۋە مەخمۇت دەرايېفقا ئوخشاش قازاقىستاننىڭ داڭلىق ئارتىسلىرىسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شاۋكەت نەزەروف مۇنداق دېدى: «مەخمۇت ئاكا پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى تىياتىر سەنئىتىگە بېغىشلىغان ئىنسان ئىدى. بىزدە ‹بىر سىرلىق، سەككىز قىرلىق› دېگەن گەپ بار. مېنىڭچە، بۇ ئىبارە نەق شۇ مەخمۇت ئاكىدەك ئىنسانلارغا قارىتا ئېيتىلغان، دەپ ئويلايمەن. ئۇ سەھنىمىزدە ئونلىغان مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئوبرازلىرىنى گەۋدىلەندۈردى. مەخمۇت ئاكا تراگېدىيەلىك، كومېدىيەلىك روللارنىمۇ بابىغا يەتكۈزۈپ ئوينايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئارتىس ئىدى. ئۇنىڭ كومېدىيە ژانىرىدا تۇتقان ئورنى تامامەن باشقا دۇنيا. بىزدە كەڭ ئاممىبابلىققا ئايلانغان ‹تەبەسسۇم› ھەزىل-كۈلكە كېچىلىكى تاماشىبىنلارنىڭ تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان پروگراممىسىغا ئايلىنىشىدا مانا شۇ ئۈچ خەلق سۆيگەن ئارتىسلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى بىباھا».
ئىگىلىشىمىزچە، مەخمۇت دەرايېف مەرۈپ ئوغلى 1949-يىلى 1-مايدا ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاندىن ئۇيغۇر تىياتىرىدىكى ئېسترادا، يەنى زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا مەركىزىدە بىلىم ئالغان. ئۇ 1971-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئىشلىگەن. مەخمۇت دەرايېف 100 دىن ئوشۇق ئىتوتلارنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تاماشىبىنلار ئارىسىدا چوڭ ئىنكاس قوزغىغان. ھازىر ئۇيغۇر تىياتىرىدا داڭلىق سەنئەتكار، كۈلكە ماھىرى مەخمۇت دەرايېفنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان مۇھىدىن ۋارىسوف، ساھىبەم نورۇزوۋا، ئۈمىد قاسىموف قاتارلىق تالانتلىق ياش ئارتىسلار يېتىلىپ چىقماقتا.