لوندوندا 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە داۋام قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، 30 دىن ئارتۇق گۇۋاھچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر يازما ۋە ئاغزاكى شەكىلدە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى.
بۇنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات قاناللىرى ئارقىلىق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بەرگەن گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە قاراتمىلىق ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى «شىنجاڭ مەسىلىسى» توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر سوتىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان گۇۋاھچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى گۇۋاھچىلارغا قارشى سۆزلەتكەن ھەتتا ھاقارەت قىلدۇرغانىدى.
تۈركىيەدىن ۋىدىيو ئارقىلىق ئەنگلىيەدىكى بۇ ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن مەھمۇت تەۋەككۈل خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان گۇۋاھچىنىڭ بىرى.

بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن مەخمۇت تەۋەككۈل 7-ئىيۇن ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى» دىكى مۇھىم گۇۋاھچىنىڭ بىرى. ئۇ سوتتا خىتاينىڭ ئاتالمىش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ نوپۇس قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ 2010-يىلى تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلىگەن. ئۇ يەنە لاگېر سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن پەيتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان جۇ خەيلۈننىڭ، ئىلگىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان چاغلىرىدا، نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئاڭلاتقان ئىدى.
جۇ خەيلۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا مەسئۇلىيىتى بار بولغان، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ بىرى. ئۇ 2016-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان بولۇپ، بۇ دەل چېن چۈەنگو يېڭى يۆتكىلىپ كېلىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى كېڭەيتىلىۋاتقان ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش باشلانغان ۋاقىت ئىدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قارىلاش ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلىش مەقسەت قىلىنغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات يىغىنى نەق مەيداندا مەخمۇت تەۋەككۈلنىڭ 7 يىلدىن بۇيان ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان، 2016-يىلىدىن بۇيان ھەتتا ئاۋازىنى ئاڭلاشقىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان ئايالى، 4 بالىسىنىڭ ئانىسى ھەبىبە ھىمىت ئۆز ئېرىگە قارشى سۆزلىتىلگەن.
خىتاي ھۇجۇم نىشانى قىلغان مەخمۇت تەۋەككۈل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئايالىنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ ئۆزىگە ھاقارەت قىلدۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قىزىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئايالىنىڭ بايانلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغانلىقىنى، گۆرۈگە ئېلىنغان ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توختاۋسىز تەھدىتلىرى سەۋەبلىك ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان مەخمۇت تەۋەككۈل، 2014-يىلى-1 ئايدا، ئۈرۈمچىدىكى ئايالى ۋە 4 بالىسىدىن ئايرىلىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق سەپەر قىلىپ 6 ئايلىق جەبىر-جاپادىن كېيىن ئاخىرى تۈركىيەگە كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئايال ۋە بالىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويماي كېلىۋاتقان بولۇپ، 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئۇ لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن باشقا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن باشقا ب ب س قاتارلىق خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلارنىڭ زىيارىتىنى سۈرەتلىك ئاشكارا قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ھالدا تۈرمىگە تاشلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئۇچرىغان قىيىن قىستاقلارنى ئاڭلاتقاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكىنى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايالىنى ئاجرىشىشقا مەجبۇر قىلغانلىقى، ئايالىنىڭ ئىلگىرى ئالتە يىل مەجبۇرىي سېلىنغان تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سەۋەبلىك ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي ئازاب تارتقانلىقىدەك ئەھۋاللار ئۈستىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
مەخمۇت تەۋەككۈل ئۆزىنىڭ ۋە پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ھېچقانداق بىر گۇناھى يوقلۇقى، پەقەت 1996-يىلى تاغىسىنىڭ ئىككى ئوغلى قۇرئان ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، بىرى سەككىز يىللىق، يەنە بىرى ئون يىللىق كېسىلىپ كەتكەندىن بۇيان ئۇلارغا تۇغقان بولغان پۈتۈن جەمەت ھۆكۈمەت نۇقتىلىق كۆزىتىدىغان كىشىلەرگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەخمۇت تەۋەككۈلنىڭ چوڭ ئىنىسى ئەخمەت بىلىملىك كىشى بولۇپ، ئۇ ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلگەن ۋە بىرقىسىم ئەرەبچە كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كىچىك ئىنىسى ئابلەتمۇ ئەمدىلا 15 ياشتىن ئاشقان پەيتىدە ئاكىسى سەۋەبلىك تۇتۇپ سولانغان. مەخمۇت تەۋەككۈل ئىنىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۇلارغا ئادالەت تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا قايتا-قايتا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سىياسىي جىنايەتچى سۈپىتىدە سوراق قىلىنىپ، يولۋاس ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلۇشقا ئوخشاش قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانىكەن.
مەخمۇت تەۋەككۈل زىيارىتىمىز ئاخىرىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى ئايالىم ۋە بالىلىرىمدىن مەجبۇرىي ئايرىپ تاشلىدى. ئەگەر قىزىمنى ۋاقتىدا داۋالىتىشىمغا يول قويمىسا خىتاي قاتىللىق قىلغان بولىدۇ» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قارشى خېلى بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرگەنلىكى مەلۇم. لوندوندىكى سوتتا خىتاينىڭ رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» ئۈستىدىن پاكىتلىق ئىسپاتلارنى بەرگەن مەخمۇت تەۋەككۈلدىن باشقا سايراگۈل ساۋۇتباي، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلارنىڭمۇ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، تەييارلاپ بېرىلگەن يالغان ھېكايىلەرنى ۋە سۆزلەرنى ئوقۇپ بېرىشكە زورلىغانلىقى پاش بولغانىدى.
