يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ بىر مەخپىي دوكلاتىدىن رادىيومىز ئىشلىگەن بىر خەۋەرنىڭ چىنلىقى ۋە تەسىر كۈچى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

يېقىندا رادىيومىز يوپۇرغا ناھىيىلىك پارتكوم تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومغا يوللانغان بىر مەخپىي مۇھاكىمە دوكلاتىنى قولغا چۈشۈردى. دوكلاتىنىڭ ماۋزۇسى «ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ناھىيەمىزدىكى ‹ئۈچ خىل كىشىلەر› توغرۇلۇق خەۋەر تارقىتىپ پەيدا قىلغان يامان تەسىرى ئۈستىدە ئويلىنىش» دەپ ئاتالغان. بۇ دوكلاتتا مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ناھىيىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەنگەن چەتئەل مۇخبىر زىيارىتىنى توسۇش خىزمەتلىرى دوكلات قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، رادىيومىز خەۋىرىدە پاش قىلىنغان پەرزەنتلىرى لاگېرغا ئەكېتىلگەن 80 ياشلىق بوۋاينىڭ تام بېسىۋېلىپ ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇ ۋەقەدە ناھىيەنىڭ كونا ئۆيلەرنى چېقىشتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىدەك مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر مەخپىي دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، رادىيومىزدا ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يەكشەنبەبازار يېزىسىدا پەرزەنتلىرى لاگېرغا ئەكېتىلگەن 80 ياشلىق بىر بوۋاينىڭ تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تور ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى يوپۇرغا ناھىيىلىك پارتكومغا ئۇقتۇرۇش يوللاپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغان. ناھىيىلىك پارتكوم ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى، يەنى مەزكۇر خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن ناھىيىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ج خ ئىدارىسى، تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە يەكشەنبە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلغان ھەم شۇ كېچىسى ناھىيە بويىچە كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ، مەخپىيەتلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئەھۋال پاش قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلاپ قويۇشنى قايتا سادىر قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.


ئەسلىدە شۇ كۈنكى ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، 80 ياشلىق بوۋاينى تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ناھىيە ۋە يېزىدىكى كۆپىنچە خادىملار ئىنكار قىلغان ياكى خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقانىدى. ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانا خادىملىرى بوۋاينىڭ تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى. يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ مەخپىي دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ ۋەقە ئۈستىدە توختىلىپ، «چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ كىچىككىنە بىر ئىجتىمائىي قازانى چوڭايتىۋەتكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر تارقىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىكى» نى قەيت قىلغان. دائىرىلەر دوكلاتتا يەنە مەزكۇر ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىپ، «ۋىلايەت بىزدىن كونا ئۆيلەرنى چاققاندا ئالدى بىلەن كەنت پارتكومىنى خەۋەرلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىز بۇ تەلەپكە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلالمىدۇق؛ شۇ سەۋەبتىن كونا ئۆيلەرنى چېقىپ كەنت قىياپىتىنى رەتكە سېلىش خىزمىتى داۋامىدا ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقتى» دېگەن ۋە بۇ ھادىسىنىڭ «چېگرا سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ ئېغىزىغا لوقما سېلىپ بەرگەنلىكى» نى ئەسكەرتكەن.

80 ياشلىق بوۋاينىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ۋەقە يۈز بېرىپ 2 سائەتتىن كېيىن ئېنىقلانغان ۋە شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغانىدى؛ بۇ ۋەقە مىسىردىن قايتقان 17 ياشلىق ياقۇپجان نامان دېگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا پاش بولغانىدى، ياقۇپجان ناماننىڭ ئۆلۈمىمۇ مەزكۇر خەۋەردىن 3 كۈن كېيىن ئېلان قىلىنغان. مەخپىي دوكلاتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 9- ۋە 10-مارت كۈنلىرى يوپۇرغا ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى، بولۇپمۇ تام بېسىپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىپ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئاشكارىلىنىپ بولغانلىقىغا ھەيرانلىق بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرلىكتە؛ ناھىيىدە ئىلگىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھەققىدە قايتا-قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، يىغىنلار ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر ۋە ئاھالىلەرنىڭ بىخۇدلۇقتىن ساقلىنالمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا، بىخۇدلۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن يەنە بىر قاتار يېڭى تەدبىر ئېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل بىخۇدلۇقنى تەكرارلىمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋىلايەتكە ۋەدە ماھىيىتىدە ئىپادىلەر بىلدۈرۈلگەن.

«بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرى» دا كۆرسىتىلىشىچە، يوپۇرغا ناھىيىسى 4 بازار، 5 يېزا، بىر چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تەشكىللەنگەن 180 مىڭ نوپۇسلۇق بىر ناھىيەدۇر؛ نوپۇسى 96% ئۇيغۇردۇر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، يوپۇرغا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بىر پارچە خەۋىرىنىڭ تەسىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۆزىنى تەكشۈرۈش ماھىيىتىدىكى دوكلاتنىڭ ئاز بىر قىسىم مەزمۇنى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.