ئاسىيە ئۇيغۇر: «خىتاي كومپارتىيەسى ۋە چېن چۈەنگو ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن جازالىنىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئابدۇلئەخەت ئۇيغۇر خانىم 2019-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماشتىن ئىبارەت رادىكال ئېتنىك باستۇرۇشى ھەققىدىكى ئىچكى ھۆججەتلىرىنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلاپ غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

26-ئاۋغۇست كۈنى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم يەنە گېرمانىيەنىڭ خىتاي تىلىدىكى «بېرلىنېر بېرىنچ» تورىدا، «خىتاي كومپارتىيەسى ۋە چېن چۈەنگو ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىدۇ» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىنىپ، خىتاي تىللىق تاراتقۇلارىدا دىققەت قوزغىدى.

ئاسىيا ئۇيغۇر خانىم ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىي مىساللار ۋە پاكىتلار ئارقىلىق تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ۋە چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېتنىك قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم 28-ئاۋغۇست كۈنى رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگو ھۆكۈمرانلىق قىلغان 4 يىلدا، ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنغان كەڭ-كۆلەملىك ئېتنىك باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

سۆھبىتىمىزدە ئاسىيا خانىم، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلدىن 2016-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى نىشانلىق ياردەم نامىدا، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە شەھىرىگە بۆلۈپ بېرىپ، رايوندىكى بايلىقلارنى خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن تەقسىم قىلىدىغان ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى نېمە ئۈچۈن 2016-يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك باستۇرۇشقا ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئاسىيا خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيە سېكرېتارى شى جىنپىڭ قانداق شارائىتتا ۋە نېمە مەقسەتتە چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 1-قول ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئىشان قىلغان ھالدا قاتتىق ئېتنىك باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغان ۋە پىلانلىغان سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا باش كۆتۈرۈشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى نەزىرىدە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن خىتاي مىللىتىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلار توسالغۇ دەپ قارالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى بېسىۋالغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور باش ئاغرىقىمۇ خىتاي مىللىتىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان، خىتايدا 4-چوڭ مىللەت دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتاي مىللىتىدىن پەرقسىز ھالغا كەلتۈرۈش ھەتتا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانىنى ئەڭ تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى نىشان ۋە پىلان قىلىپ بەلگىلەنگەن.

ئاسىيە خانىم يەنە خىتاي كومپارتىيە سېكرېتارى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتىدە شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە سادىق ھەم قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان ئەمەلدار چېن چۈەنگونى بۇ ۋەزىپىگە مۇۋاپىق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇ ئارقىلىق، 4 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنغان بىر قاتار قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم يەنە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىماي، چېن چۈەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلار ئارقىلىق 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماش، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، مائارىپىنى، سەرخىل ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى يوقىتىپ ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىشتىكى بۇ خىل رادىكال سىياسەتنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتى ھازىر خەلقئارادا ئاشكارىلىنىپ، «بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئېتنىك باستۇرۇش ھەتتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنمەكتە. خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنى جازالاش سادالىرىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ، سىزنىڭچە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بۇ ھەقتە قانداق ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك؟ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلايسىلەر.