ئوبزورچى گوردون چاڭ: مەخپىي ھۆججەتلەر لاگېر سىياسىتىدە شى جىنپىڭنىڭ قولى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.11.18
mexpiy-hojjet.jpg خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر 400 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە بېسىلغان مۇلاھىزىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2019-يىلى 16-نويابىر.
nytimes.com

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە بېسىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن. مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنياۋى ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەقتە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر، لاگېر سىياسىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە قولى بارلىقى، شۇڭا ئۇنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار قولغا چۈشۈرگەن مەخپىي ھۆججەت خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشكارىلىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، لاگېر سىياسىتى ۋە ئۇنى قانداق يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەر جەمئىي 403 بەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ 96 بېتى شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقلىرى، 102 بېتى باشقا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ نۇتۇقلىرى، 161 بېتى ئۇيغۇرلارنى قانداق باشقۇرۇش ۋە كۆزىتىش ھەققىدىكى بۇيرۇق ۋە دوكلاتلار، قالغان 44 بېتى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرگە ئائىت ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئىچكى ھۆججەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى نامەلۇم بىر ھۆكۈمەت خادىمى ئاشكارىلىغان.

بۇنچە كۆپ ئىچكى ھۆججەتنىڭ نېمە ئۈچۈن لاگېر سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ 3 يىلغا يېقىنلاشقاندا ئاشكارىلانغانلىقى، ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقى مەزمۇنلاردا تاللانغانلىقى نائېنىق.

 

ئوبزورچى گوردون چاڭ: شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيىتىدە بىرلىك يوق


ئەمما بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىلىق ئوبزورچى گوردون چاڭ ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئىچكى نىزا بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆججەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى ئالىي رەھبەرلىكىنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ‹شىنجاڭ›، يەرلىكلەر ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان بۇ رايونغا قارىتىلغان سىياسەتلەرگە نىسبەتەن پىكىر ئىختىلاپى بار ئىكەن، دېگەن تۇيغۇغا كەلدىم. قاتتىق پىكىر ئىختىلاپى بولمىغان شارائىتتا، بۇنداق ھۆججەتلەر ئاسانلىقچە ئاشكارىلىنىپ كەتمەيدۇ. مەنچە شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيىتىدە بىرلىك يوق.»

خىتاي دائىرىلىرى 2017- يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ دەسلەپكى بىر يىل جەريانىدا بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى جان-جەھلى بىلەن ئىنكار قىلغان.

ھالبۇكى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتلىق خەۋەرلەر ئۆكسۈمىگەن ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى توختاتمىغان.

2018 -يىلى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى بىر بايانات تەييارلاپ، خىتاينىڭ 1 مىليون ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇندىن كېيىن، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا «قايتا تەربىيەلەش سىياسىتى» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باستۇرۇش سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن.

 

سوفىي رېچاردسون: بۇ ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دەلىل ئىسپاتى


خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى تازا ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە ئاشكارىلانغان بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر ھەققىدە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون خانىم بۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دەلىل ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلار پەۋقۇلئاددە ھەمدە ھالاك قىلىش خاراكتېرلىك دەلىللەر. بۇلار خەۋەر ھېكايىسى ئەمەس، بەلكى دەلىل-ئىسپاتلاردۇر. بۇلار كەڭ-كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى. خىتاي چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئۆزىدىكى ئىنسانلىقىنى يوقاتمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» قا چاقىرغان



«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2014- يىلى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغاندا بىر نەچچە نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىغا مەخپىي نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىنى سالغان.

شى جىنپىڭ نۇتقىدا ئۇلارنى «تېررورلۇق، سىڭىپ كىرىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارىشى كەڭ كۆلەملىك جەڭ ئېلان قىلىشى» قا ۋە «دىكتاتورىلىق ئورگانلىرى» دىن پايدىلىنىپ «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» قا چاقىرغان.

2016-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تىز سۈرئەتتە كېڭەيتكەن ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنى ئاقلاشقا ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقلىرىنى تارقاتقان ھەمدە ئەمەلدارلارغا «تۇتۇلۇشقا تېگىشلىك ھەممە ئادەمنى تۇتۇش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

 

سوفي رېچاردسون: جىنايى جاۋابكارلىق يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەندە بار



ئۇنداقتا، بۇ ئىچكى ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى «ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى يۇق»، «ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقانلارنى بىلمەيدۇ»، «مەركەزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى توغرا، پەقەت يەرلىكتىكى ئىجراتتا خاتالىق سادىر بولغان» دېگەندەك سەپسەتىلەرگە ھەمدە بۇ خىل مۇنازىرىلەرگە ھېلىھەم ئىشىنىدىغانلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفي رېچاردسوننىڭ قارىشىچە، بۇ نۆۋەت ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر بۇ خىلدىكى مۇنازىرىلەرگە پۈتۈلەي خاتىمە بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خىلدىكى مۇنازىرىلەر پۈتۈنلەي تۈگەشتى. بۇ ھۆججەتلەر بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىغىچە قانچىلىك بېرىپ يەتكەنلىكىنى ھەمدە بۇ سىياسەتلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى تونۇشى، ئاتالمىش تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەستانىلىقى چۆرىدەپ تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە روشەنلەشتۈردى. بۇلار مەنچە يەنە، بۇنىڭدىكى جىنايى جاۋابكارلىقنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەندە بارلىقىنى نامايان قىلدى.»

 

گوردون چاڭ: خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك


بۇ جەھەتتە ئوبزورچى گوردون چاڭنىڭ قاراشلىرىمۇ سوفىي رېچاردسون خانىم بىلەن بىردەك. ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆججەتلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، شى جىنپىڭ بۇ جازا لاگېرلىرىنى بىۋاسىتە بىلىدۇ ۋە بۇلارنىڭ پىلانلىنىشىغا ئارىلاشقان. بۇ جازا لاگېرلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.»

 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىدىن ئۆزىمۇ قاتتىق ئەنسىرىگەن


خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىدىن ئۆزىمۇ قاتتىق ئەنسىرىگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئوقۇشتىن يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نەگە كەتكەنلىكنى سوراپ قالسا قانداق قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. نەتىجىدە تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلار لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاتا-ئانىلىرى ھەققىدە سورىشى مۇمكىن بولغان سوئاللارنى رەتلەپ بۇلارغا جاۋاب تەييارلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مەسئۇل تارماقلار بۇ ھەقتە بىر يوليورۇق چۈشۈرۈپ، رايون تەۋەسىدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇغان.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ھۆججەتتىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ نىسبەتەن كەڭرى بولۇشى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەنسىرەتكەن.

ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئىجتىمائىي تورى بار. ئۇلار ئۈندىدار، ۋېيبو ۋە باشقا ئالاقە سۇپىلىرىدا ناتوغرا قاراشلىرىنى ئىپادىلىسە، بۇنىڭ تەسىرى كەڭرى تارقىلىدۇ ھەمدە بۇنى يوقاتماق تەسكە توختايدۇ.»

 

ئاخباراتلاردا ئىنكاسلار جىددىي بولدى



«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مەزكۇر تەپسىلىي خەۋىرى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، «ئەل جەزىرە»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق ئاخباراتلاردا ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە چوڭ ھەجىملىك ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار تۋىتتېر ۋە فەيسبۇك بەتلىرىدىمۇ كەڭ يەر ئالدى. ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلىرىدىن ئېلزابېت ۋورەن قاتارلىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تۋىتتېر باياناتى بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆز سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشتى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۋاڭ دۈشەنبە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى ئىنكار قىلالمىغان بولسىمۇ، بۇ «ئاتالمىش ئىچكى ھۆججەتلەرنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قارا سۈرتۈش» ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

 

گوردون چاڭ: خىتاينىڭ بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىنكار قىلالماسلىقى مەسىلىنىڭ نېگىزلىك يېرى


بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان يازغۇچى گوردون چاڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇنى ئىنكار قىلالماسلىقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىنكار قىلالماسلىقى مەسىلىنىڭ نېگىزلىك يېرى. بىز شۇنىڭغا شاھىت بولدۇقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشتىن، ئۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئۆتتى. ئۇلار ‹نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى› نىڭ خەۋىرىنى كونتېكىستى يوق، دەپ ئەيىبلىدى، ئەمما بىز كونتېكىستنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇلار ئىنسانىيەت قارشى جىنايەتلەردۇر. خەلقئارا جەمئىيەت بۇلارنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.»


يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2017- يىلىدىن بۇيان 1.5 مىليوندىن، 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.