مايكىل كلارك قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئاۋسترالىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دوتسېنتى مايكىل كلارك يېقىندا ئاۋسترالىيەدە چىقىدىغان «ئاسىيا جەمئىيىتى» ناملىق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى جۈملىدىن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، «ئاۋسترالىيە ۋە شىنجاڭ: يېڭىچە ‹ئەركسىزلىك› كە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە ئالدى بىلەن تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئاز دېگەندە بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا كىشى قامالغان دەپ قارىلىۋاتقان لاگېرلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇرلارنى بەرگەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ «قايتا تەربىيە سېسىتىسىمى» نىڭ مەقسىتىنى «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ‹كۆندۈرۈلگەن› قىلىپ ئۆزگەرتىش» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى يولغا قويغاندىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى چەكلەش، دىنى پائالىيەتلەرگە يېڭى چەكلىمىلەرنى قويۇش، مەسچىت، مازارلىق قاتارلىق دىنى ئورۇنلارنى ۋەيران قىلىش، شۇنىڭدەك يەنە مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىگە ئومۇميۈزلۈك زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا تۈرلۈك جىسمانىي زوراۋانلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنىڭمۇ رەت قىلغۇسىز بىر پاكىتلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن مايكىل ئەپەندىمنىڭ يۇقىرىدا دېگەنلىرىگە قوشۇلغان بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەنكى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلار مەدەنىيەتكە ھۇجۇم قىلىشتىن ھالقىپ كەتتى. بىز رايوندىكى جىسمانىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئىنسانلار ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن كىشىنى چۆچۈتىدىغان خەۋەرلەرنى كۆرىۋاتىمىز. مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئېغىر جازالىنىۋاتقانلىقى، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ۋە دوختۇرخانىلاردا ئۆلگەنلىكىگە دائىر نۇرغۇن خەۋەرلەر مەۋجۇت. شۇڭا بىز بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەندە كىشىنى چۆچۈتىدىغان جىسمانىي زوراۋانلىقلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك».

ئاۋسترالىيەلىك تەتقىقاتچى مايكىل كلارك مۇلاھىزىسىدە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى باھالاش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خەلقئارا جامائەتنىڭ پەقەتلا ھۆكۈمەتلەرنى تەنقىد قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ مەسىلىدە دېموكراتىك ئەللەردىكى ھەرقايسى شىركەت-گۇرۇھلار ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا تەنقىد قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئىزاھلىشىچە، ئامېرىكادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 500 شىركەتنىڭ 53 ئى ئۇيغۇر ئېلىدە بىۋاستە ھالدا ياكى ۋاستىلىق ھالدا تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار Coca Cola, Amazon, Nike, KFC, Heinz, Campbell's Soups Hilton قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يەنە، تېرمو فىشىرغا ئوخشاش تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە شۇنداقلا خىتاي پاي چەك بازىرىدا پېيى بولغان نۇرغۇن ئامېرىكا فوندى جەمئىيەتلىرى، پېنسىيە فوندلىرى مەۋجۇت ئىكەن. ئامېرىكادىكى MIT, Yale, Carnegie Mellon قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاۋسترالىيەدىكى University of Technology Sydney, Curtin University قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتايدىكى ئوخشىمىغان مۇئەسسەسەلەر بىلەن خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەتقىقات تېمىلىرى بار ئىكەن. Volkswagon, Siemens, Unilever, Adidas لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 68 ياۋرۇپا شېركىتىنىڭمۇ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە تىجارىتى بار ئىكەن.

تەتقىقاتچى مايكىل كىلارك ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ۋەزىيەتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان:

«بىرىنچىسى، خەلقئارا جامائەت چوقۇم شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى يۈز بېرىۋاتقىنىدەك ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› دەپ بېكىتىش كېرەك. بۇ مۇھىم نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھۆكۈمەتلەرنىڭ، خەلقئارالىق مۇئەسسەسەلەرنىڭ، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ، شىركەت-گۇرۇھلارنى شىنجاڭ ياكى خىتايدىكى مۇئەسسەسەلەر بىلەن ھەمكارلاشقاندا قانداق خەۋپلەرگە يولۇقىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۈنۈملۈك خەلقئارالىق ھەرىكەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەقەت ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىقىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇ پەقەت ئامېرىكا ۋە ياكى غەرب دۆلەتلىرى باشچىلىقىدىكى تىرىشچانلىقلار بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ. . . ئۈچىنچىسى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئۇلار، تۇتقۇن قىلىنغان ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكىتلەش، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قوغداش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. . .».

ھېنرىي شاجېۋىسكى يۇقىرىدىكى پىكىر-تەكلىپلەر ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ئۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئۆز ئىچىدە بەلگىلىك ئۇيغۇر جامائىتى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۇقىرىدا مايكىل كلارك ئەپەندى ئېيتقاندەك، ئۆز ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ھېنرىي يەنە، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى پايدا ئېلىش بولغانلىقتىن، بەزى شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇلارغا رايوندىكى ئىنسانىيەت كىرىزىسىىدىن دەرس بېرىشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم بىر قانۇن بەلگىلەش ئارقىلىق بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇ يەردىكى تىجارىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مايكىل كلارك ماقالىسىنى تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەر بىلەن ئاياغلاشتۇرغان: «نەتىجىدە، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار پەقەتلا ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر ۋە ئۇنۋېرسىتىتىلارلا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇ دۇنيادىكى ھەربىر ئىنسان كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە. بولۇپمۇ ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقانلار ئۆز ھۆكۈمەتلىرىمىزگە بېسىم ئىشلىتىشىمىز كېرەك. پارلامېنتتىكى ۋەكىللەردىن، ئۇنۋېرسىتېت ۋە شىركەتلەردىن يەنىمۇ كۆپ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.»