200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مىشېل باچېلېتنى ئىستېپاغا چاقىرىۋاتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنى قوبۇل قىلدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئىيۇن كۈنى 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان. شۇ كۈنى يەنە 37 نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى مىشېل باچېلېتقا ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېسقا مەكتۇپ يوللاپ، بۇ يىل 8-ئايدا 4 يىللىق ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىشېل باچېلېتنى قايتىدىن ۋەزىپىگە سايلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ كونكىرېت سەۋەبلىرى سۈپىتىدە مىشېل باچېلېتنىڭ مەغلۇبىيەتلىك زىيارىتىنى، يەنى خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى توغرىسىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلالمايلا قالماستىن، بەلى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا دەسمايە بولۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
مىشېل باچېلېتقا قارشى بۇ چاقىرىقلار خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر پەيىتتە، 9-ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ قارار قوبۇل قىلىپ، ب د ت نى، جۈملىدىن مىشېل باچېلېتنى ئېغىر بېسىم ئاستىدا قويغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، 2018-يىلى 8-ئايدا چاقىرىلغان ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن بىر ئاي كېيىن، مەزكۇر كومىتېت 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى. بىراق شۇنىڭدىن كېيىنكى 4 يىل مابەينىدە ب د ت دىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھېچقانداق زۇۋان چىقمىغان. بۇ 4 يىل، دەل مىشېل باچېلېت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان 4 يىل بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ جەرياندا نە ئۇيغۇرلار، نە جازا لاگېرلىرى توغرىلىق ئەسلا ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۆتكەن يىلى 12-ئايغىچە ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنىمۇ ئېلان قىلمىغان. خىتاي بىلەن ب د ت ئارىسىدا 2 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، مىشېل باچېلېتنىڭ 5-ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بولسا، بىر مەيدان دراما بىلەن ئاخىرلاشقان.
ئۇ ھالدا، ب د ت دا تەسىرى كۈچلۈك بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قوبۇل قىلغان بۇ قېتىمقى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» قارارىغا ب د ت ئەمدى قانداق مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن؟ بۇ قارار خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى دۇنياغا خوجا بولۇش ئىستىكىدىكى خىتاينىڭ ئوبرازىنى سۇندۇرۇپلا قالماي، خىتاينىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي، دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كېلەچەكتە خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن دەۋا ئېچىشىنى پايدىلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا باشلىق 9 دېموكراتىك غەرب دۆلىتى پارلامېنتىنىڭ، 27 دۆلەت ئەزا بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ ھەمدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرى توغرىسىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارلىرى پات ئارىدا ب د ت غا چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدىكەن ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەرنى روياپقا چىقىرىدىكەن.
9-ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ قوبۇل قىلغان قارارى بۈگۈن ياۋروپا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىككى ئاساسىي مەزمۇندا كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا. بۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان مىللەت سۈپىتىدە جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئېغىر باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئىتىراپ قىلغانلىقى. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ئىرادىگە كەلگەنلىكى. بۇ ئېتىراپ ۋە ئىرادە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەرساھە مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
مەتبۇئاتلار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خەلقئارا سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھايدى خۇئاتالانىڭ مەزكۇر قارار توغرىسىدا تىلغا ئالغان «ياۋروپالىقلار سودا سىياسىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قارىشىغا، كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەت ھوقۇقلىرىغا ئۇيغۇن كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ياۋروپا كېڭىشى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى پارلامېنتنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، ياۋروپا پارلامېنتى 5 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق ئىپادىلىدى،» دېگەن سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن بەرمەكتە.