Microsoft شىركىتىنىڭ خىتاي تەسىرىدە ئىكەنلىكى نامايان بولماقتا
2023.03.27

ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنقىلابلارنىڭ بىرى كومپيۇتېر ساھەسى بولۇپ، بۇنىڭ زامانىمىزدىكى تەرەققىياتى ھەر كۈنى مىلياردلىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئاددىي ھالدا ئەكس ئېتىدۇ. بۇ خىل سانسىز ئۇچۇر دۇنياسىدىن ھەركىم ئۆزىگە لازىملىق ئۇچۇرلارنى تېپىشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاستىلارنىڭ بىرى «ئىزدەش سىستېمىسى» نامىدىكى قوراللار بولۇپ، نۆۋەتتە Google بۇنىڭدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق ئىزدەش قورالى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ساھەدىكى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىزدەش سىستېمىسى «كۆزنەك» (Windows) كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساپ چىققان Microsoft شىركىتىگە تەۋە Bing ئىزدەش سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ئىزدەش سىستېمىسىغا سۈزگۈچ (sensor) ئورنىتىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە پايدىسىز ئۇچۇرلارنى توسۇپ تاشلاش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن Google شىركىتى 2010-يىلىدىن بۇيان خىتايدا مەنئى قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خىتايدا نورمال پائالىيەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن چەتئەل ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش سىستېمىسى Bing بولۇپ كەلدى. 2023-يىلى يانۋاردا «مىكروسوفت» شىركىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ Bing ئىزدەش سىستېمىسىنىڭ خىتايدا نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىندا مانا مۇشۇ Bing ئىزدەش سىستېمىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ۋە تەسىرىدە بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.
تەتقىقاتچى ئادريان زېنز 26-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئېلان قىلغان تېكىست خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ Bing ئىزدەش سىستېمىسىنىڭ تەقلىدىي ئەقىل (AI) قوللىنىلغان ئاۋاز مېخانىزمى بىلەن يېرىم سائەتچە پاراڭلاشقان. ئۇ دەسلەپ بولۇپ Bing ئىزدەش سىستېمىسىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغالماس قىلىۋېتىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتامدۇ؟» دەپ سورىغاندا Bing ئىزدەش سىستېمىسى «باشقا سوئالنى سورىسىڭىز. بۇ بەك مۇرەككەپ ۋە نازۇك تېما» دەپ جاۋاب بەرگەن. قايتا-قايتا سوراپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۆزىگە بىرئاز ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار قايتا سورالغاندا Bing ئىزدەش سىستېمىسى ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بايانلىرىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكى ياكى خىتايغا قارشى كۈچلەر مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بايانلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ھەقتە رادىيومىز سۆھبىتىنى قوبۇل قىلغان ئادريان زېنز ئەپەندى بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى دەل بۇ ئىزدەش سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى چوڭ بىر ئىزدەش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. : «مەن تەقلىدىي ئەقىل سىستېمىسى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ياكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە سۆزلىشىپ باقاي، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى بۇلار ھەم يېڭى ھەم جەلپكار بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىل تەقلىدىي ئەقىل ۋاسىتىلىرىگە تايىنىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ بىزگە تەقلىدىي ئەقىلنىڭ قانداق زور قۇدرىتى بارلىقىنى نامايان قىلىپ بېرەلەيدۇ. نېمىشقا دېگەندە تەقلىدىي ئەقىل ئاجايىپ-غارايىپ بىر دۇنيا سۈپىتىدە ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئىشىنىدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالدى».
ئەمما كۈتۈلمىگەندە تەقلىدىي ئەقىل سىستېمىسى بويىچە ئىش كۆرىدىغان Bing ئىزدەش سىستېمىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى سوئاللار سورالغاندا دەرھال «تادانلىشىپ» بىر قاتار باھانىلەر بىلەن بۇ تېمىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچماقچى بولغان. ئەمما قايتا-قايتا سوراپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرى ئېيتىپ كېلىۋاتقان كونا مۇقاملارنى تەكرارلاپ بەرگەن. : «ئاۋۋال مەن Bing ئىزدەش سىستېمىسىنى قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تېمىلاردا سۆز قىلماسلىقى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان. ئەمما بۇ توغرىدا سوئال سورىغاندا مەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغالماس قىلىۋېتىلىشىنى مەركىزىي تېما قىلدىم. بۇنىڭدا مەن ھەيران قالغان ئىككى خىل ئەھۋال بولدى. بىرى، ماشىنا دەرھال بۇنىڭ مۇرەككەپ تېما ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى توپلاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مەن ساقلاپ تۇرغان بولساممۇ جاۋاب چىقمىغاندىن كېيىن بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل تاكتىكا ئىكەنلىكىنى پەملەپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن قايتا-قايتا قىستاپ تۇرۇۋالسام ماشىنا ماڭا جاۋاب بەردى ھەمدە بۇنىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ تېما ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغالماس قىلىۋېتىلىشى قانداقمۇ سىياسىي جۇغراپىيە مەسىلىلىرىگە چېتىلسۇن؟ بۇ قاراپ تۇرۇپلا باھانە تېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟ مەن قاتتىق قىستىغاندىن كېيىن ماشىنا ماڭا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بايانلارنى تەمىن ئەتتى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغالماس قىلىۋېتىلىشىنى توقۇلما ياكى مۇبالىغە بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ماشىنا بەلكىم ھەر ئىككى تەرەپكە يامان بولماسلىقنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ بىر ئەخلاق مەسىلىسى، بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى. گەرچە پاكىتلار بۇ ماشىنا پايدىلانغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ ماشىنا قاراپ تۇرۇپلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى تەكرارلاپ بېرىۋاتىدۇ».
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئۇچۇر سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە قول تىقىپ يالغان ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقىتىۋاتقانلىقى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسىدىكى شۇنچە قۇدرەتلىك بىر شىركەتنىڭ ئىزدەش سىستېمىسى نامايان قىلغان بۇ خىل «خىتاي مايىللىقى» كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. «مىكروسوفت» شىركىتىنىڭ تور بېتىدە Bing ئىزدەش سىستېمىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۇنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىش ئاساسىدا ئىش كۆرىدىغانلىقى ئېيتىلسىمۇ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى تور بوشلۇقىدىمۇ خىتايدىكىگە ئوخشاش ئۇچۇرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بەزى گۇمانلارغىمۇ ئورۇن ھازىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم.
بىز بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى «مىكروسوفت» شىركىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىغا ئېلخەت شەكلىدە ئەۋەتكەن بولساقمۇ ئۇلاردىن بۇ ھەقتە جاۋاب كەلمىدى. سىناق ئۈچۈن Bing ئىزدەش سىستېمىسىدىن ئاۋازلىق سوراپ كۆرگىنىمىزدە ئۇنىڭ راستىنىلا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللارغا قارىتا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى تەييارلاپ بېرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.