مىكروسوفت قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا ماسلاشقانلىقى مەلۇم بولماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئىزدەش تورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى، ئەمما ئامېرىكادىكى ئىزدەش تورىدا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

«خىتايدىكى مىكروسوفت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قانداق قامال قىلىدۇ؟» ناملىق بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مىكروسوفتنىڭ خىتايدىكى ئىزدەش تورىغا «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى يازغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر «بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى»، ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىپ، خىتاينى كۈيلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىكەن؛ يەنى ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئۇچۇرلار قەتئىي چەكلەنگەن بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر تاپالمايدىكەن. ھالبۇكى، ئامېرىكادا ئېچىلىدىغان مىكروسوفت تورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتى، خىتايدىكى زۇلۇمغا قارشى پائالىيەتلىرىمۇ كۆرسىتىلگەن. دېمەك، خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مىكروسوفىت ئىزدەش تورىدىن ئالىدىغان ئۇچۇرى تامامەن پەرقلىق ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گەيتس(Bill Gates) خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن مىكروسوفتنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارى ساتيا نادلا (Satya Nadlla) مىكروسوفتنىڭ «Bing» ئىزدەش تورى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات يۆنىلىشىگە ماسلىشىپ، خىتاي ئابونتلىرى بىلەن ئامېرىكا ئابونتلىرىغا ئىككى خىل ئىزدەش ئىقتىدارى ۋە نەتىجىسىنى سۇنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى بۇ يىل 1-ئايدا 3 تىرىليون دوللارغا يېتىپ، ئالما شىركىتىدىنمۇ ئېشىپ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ شىركەت بولۇپ قالغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ شىركەتنىڭ خىتاي بىلەن شېرىكلىشىشى، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش ئىكەن.

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گەيتس(Bill Gates) بېيجىڭغا يىغىنغا بارغان ۋاقتى. 2017-يىلى 3-نويابىر.
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گەيتس(Bill Gates) بېيجىڭغا يىغىنغا بارغان ۋاقتى. 2017-يىلى 3-نويابىر. (Thomas Peter/Pool Photo via AP)

ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تېخنىكا رىقابەت كۈچىنى قوغدايدىغان «تېخنىكا ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى» نىڭ سىياسەت دىرېكتورى جېففېرى كەيىن (Geoffrey Cain) مۇنداق دەيدۇ: «مىكرو سوفت شىركىتى خىتاي بازىرىغا كىرىپ پۇل تېپىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار ‹Bing› ئىزدەش تورىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىنى كۆرسەتمەسلىك ئارقىلىق دۇنياغا خىيانەت قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكادىكى ئالما، ئامازون قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرمۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامىنى مىكروسوفت بولۇپ، ئۇلار ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي خىتاي بازىرىدىن نەپ ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. شۇڭا ئۇلارنى تەكشۈرۈش كېرەك».

گوگول شىركىتى خىتايدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، مىكروسوفت شىركىتى خىتايغا ئىزدەش كۆزنىكى تەمىنلىگەن ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇپ قالغان.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) گوگولغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن ئۇنچە كۆپ نەپ ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مىكروسوفت، گوگۇل، لىنكدىن قاتارلىق شىركەتلەر ئۆز ئەپلىرىنى خىتاينىڭ قائىدىسىگە ماسلاشتۇرغان. ئەمما ئىككى يىل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاممىۋى يىغىلىش ۋە ئاممىۋى تەشكىلات پائالىيەتلىرىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى چەكلىدى، گوگول چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن كىشىلەر ‹بەيدۇ› ئىزدەش تورىنى ئىشلىتىۋەردى. شۇڭا ئۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ قانۇنىغا بويسۇنغان ھالەتتىمۇ، خىتاي بازىرىنى ئىگىلەپ كېتەلمىدى».

مىكروسوفت خىتاي بىلەن بولغان شېرىكچىلىكى، خىتاي ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى «Bing» ئىزدەش تورىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قىلمىشلىرى تېخى ھازىرغىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەي كەلگەن. شۇنداقتىمۇ، بەزى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مىكروسوفت شىركىتى بىلەن نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق توختام تۈزۈشىگە چەكلىمە قويۇش تەكلىپى بەرگەن.

جەففىرىي كەيىن مۇنداق دەيدۇ: «بىزدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كوممۇنىست خىتايغا ياردەم بېرىشىنى چەكلەيدىغان كۆپلىگەن قانۇنلار بار. ئەمما مىكروسوفت شىركىتى بۇلۇت تېخنىكىسىدا خىتايغا ياردەملىشىدۇ ھەم ئامېرىكادىمۇ بۇ ئىشنى قىلىدۇ. بۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى بار. مىكروسوفت بۇ يەردە ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان سېلىپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇققىمۇ زىيان سالماقتا. مىكروسوفت ئامېرىكاغا سادىق بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلىمەسلىكى كېرەك ئىدى».

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا ياردەم بەرمەسلىكى، بەلكى ئۆزىدىكى تېخنىكا ۋە تەسىر كۈچىگە تايىنىپ، خىتايدىكى خەلقنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» دېگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتىن (Tom Cotton): «بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسى تور دۇنياسىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىۋالدى، چەت ئەل شىركەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە نازارەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چىرىك قىلمىشلىرى ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ رەقىبى بولغان خىتايغا ھەمدەم بولۇشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن.

رايموند كو بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تور تېخنىكىلىرى ئۈستىدىكى رىقابىتىنى، ئامېرىكانىڭ توسقۇنلۇقىدىن ھالقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ تىركىشىشلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەنچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى خىتاينىڭ باشقا يوچۇقلاردىن بۇ تېخنىكلارغا ئىگە بولۇۋېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىلەرنى قوللىنىدۇ».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئاپەت دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىدۇر. ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىش كىشىنى ئەنسىزلىككە سالىدۇ. كوللېكتىپ ۋە شەخس بولسۇن، ئۇلارنى بۇ مەسىلىنى تونۇشقا ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىش كېرەك. مۇشۇنداق مۇرەككەپ گىئو-سىياسىي ۋەزىيەتتە ئاخباراتتا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توغرا يەتكۈزۈش ناھايىتى مۇھىم.