ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چاتما كارتون رەسىملىرى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.12.18
mihrigul-tursun-karton-1.jpg ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ «بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق چاتما كارتونلىرىدىكى مېھرىگۈل تۇرسۇن تەسۋىرلەنگەن رەسىم.
camp-album.com

ياپونىيەلىك رەسسام تومومى شىمىزۇنىڭ «بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق چاتما كارتونلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆرۈلۈش قېتىم سانى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 16-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، تومومى شىمىزۇنىڭ لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى كەچمىشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چاتما كارتون رەسىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 2 مىليون 600 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، «بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق چاتما كارتون ياپونىيەلىك رەسسام تومومى شىمىزۇ خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان 2-پارچە كارتون ئەسىرى ئىكەن. شىمىزو خانىم بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەكس-ئەتتۈرىدىغان «بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى ھېچكىم ئېغىزغا ئالمايدۇ» ناملىق چاتما كارتون رەسىمىنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەسسام تومومى شىمىزو خانىم ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەخسۇس چاتما كارتونلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىك پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆھبەت پروگراممىلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان ئىكەن.

شىمىزو خانىم يەنە ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت مەسىلىلەردە كۆپ قېتىم پىكىرلەشكەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كارتون رەسىم ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش پىلانلىرىنى بايان قىلغان ئىكەن.

بۈگۈن بىز ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن رەسسام تومومى شىمىزۇ خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

رەسسام شىمىزو خانىم ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئەكس-ئەتتۈرىدىغان كارتون رەسىم سىزىشقا كىرىشكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم تومومى شىمىزۇ، مەن بۇ قېتىم مېھرىگۈل تۇرسۇن ھەققىدە كارتون رەسىم سىزىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ‹بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى ھېچكىم ئېغىزغا ئالمايدۇ› ناملىق كارتون رەسىم سىزغان ئىدىم. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە كارتون رەسىم سىزىشىم ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىلىشىم بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى باشلاندى. مەن ئىنتېرنېت پروگراممىسى «تۇرانومۇڭ خەۋىرى» دىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆپ ئىزدەندىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان، پۈتۈن دۇنيا بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرسا بولمايدىغان بىر مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە سىياسەتچىلىرى بىلەن گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى ياپونىيە خەلقىگە يېتەرلىك دەرىجىدە يەتكۈزمىگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم. بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدەندىم. مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان خەۋەر ۋە بىلوگلارنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ‹بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى ھېچكىم ئېغىزغا ئالمايدۇ› ناملىق تۇنجى ئەسىرىمنى ئېلان قىلدىم.»

شىمىزو خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلۇقلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ۋە ياخشى ئەسەرلەرنى ئىشلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق مەندە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى توغرىسىدا تولۇق چۈشەنچە بولمىغاچقا، بۇنىڭدىن كۆپ بىر نەرسە سىزالماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. بۇ يىل 7-ئايدا بىر ئۇيغۇر دوستىمىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى بولىدىغانلىقىنى ماڭا يەتكۈزدى. مەن شۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتىم. شۇ يەردە مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋىدىيوسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى خاتىرىلەپ چىقتىم ۋە بۇنى چوقۇم سىزىپ چىقىمەن دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ كارتون رەسىمىنى سىزىپ چىقتىم. بۇنىڭ بۇنداق چوڭ تەسىر قوزغىشىنى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈممۇ ئويلىمىغان ئىدىم. بىراق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بىر ئىش قىلغانلىقىمدىن ئۆزۈممۇ خوش بولدۇم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى سىزىشقا، تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى ئوقۇپ چىقىپ، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشقا تەييارمەن.»

شىمىزو خانىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر سەرگۈزەشتلىرى ئەكس-ئەتكەن كارتون ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىگە كىرىشىشىگە ئىلھام بولغان ئامىللار ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ھازىرغا قەدەر سىياسىي تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كارتون رەسىملەرنى سىزغىنىم يوق. مەن ئاساسەن ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ۋە بالىلار توغرىسىدا كارتون رەسىملەرنى سىزىپ كەلگەنمەن. ئەمما مېنىڭ بىر ئۇستازىمنىڭ تىبەتلەر توغرىلىق سىزغان كارتون رەسىمى ماڭا بۇ خىل كارتون رەسىملەرنىڭ كۈچلۈك ھەمدە ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق رېياللىقنى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىنسانلارغا جانلىق ئەكىس-ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ كارتون رەسىملەر ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىشقا ئىرادە باغلىدىم. بۇ كارتونلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىقتىسادىي جەھەتتە ماڭا ھېچقانداق بىر ئۈنۈم ياراتقىنى يوق. ھازىرغىچە مېنىڭ ئەسەرلىرىم ياپونىيە ئىچىدە ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. رەسىملىرىم ياپونلۇقلارغا قارىتا سىزىلغان بولغاچقا، مەن ئۇنداق جىق ئويلاپ كەتمىدىم. مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئۆزۈم خالىغان نەرسىلەرنى سىزالايدىغان مۇھىتتا ئىكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال. دۇنياغا بۇ ئەھۋاللارنى رەسىملىرىم ئارقىلىق ئاڭلىتالىغانلىقىمدىن خۇشالمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ خىتايدا ئەسەرلىرىمنى تونۇشتۇرۇش خىيالىممۇ يوق. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەردە سىزماي ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى ئويلاش مېنىڭ پرىنسىپىم ئەمەس. شۇڭا مەن بۇنى سىزىشنى قارار قىلغان ئىكەنمەن، مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىمەن.»

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا شىمىزو خانىم يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەر يارىتىش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مەن يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ كارتون رەسىملىرىنى سىزماقچى. كېلەر يىلى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كارتون رەسىملىرىمنى كىتاب شەكلىدە نەشر قىلىشىم مۇمكىن. ھازىرمۇ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچىسى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىم بار. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقسام دەيمەن. سىلەرنىڭمۇ ماڭا كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى ھەمدە گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىنى تەمىنلەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان تېخىمۇ ياخشى بىر كارتون كىتاب نەشر قىلىشىمغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى سورايمەن. سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.