مايك پومپېيو ۋاتىكان دائىرىلىرىنى خىتايدىكى ئېتىقادچىلارنى قوللاشقا چاقىرىدى
2020.09.20
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «تۇنجى شەيئىلەر» ناملىق دىنىي ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋاتىكان دائىرىلىرىنى خىتايدىكى ئېتىقادچىلارنى قوللاشقا چاقىرىدى.
ئۇ ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئاستىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقادچىلارنىڭ ئېغىر تالاپەتكە يولۇققانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىش پروگراممىسى يولغا قويغانلىقى، كاتولىك پوپلار ۋە ئېتىقادچىلىرىنى خارلىغانلىقى، پروتېستانت يەرئاستى چېركاۋلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنى بىر ئىلاھىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىشەنچلىك دوكلاتلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتايدىكى دىنىي جامائەت ۋاتىكاننىڭ ئەخلاقىي گۇۋاھلىقى ۋە ھاكىمىيەت نۇقتىسىدىن قوللىشىغا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق.»
ئۇ يەنە، ئامېرىك باشلىغان خىتاينىڭ بارغانچە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەش ھەرىكىتىگە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشقانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 22 دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بىرلىكتە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان، قازاق ۋە باشقىلارنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكنى، ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەشنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پومپېيونىڭ بۇ ماقالىسى ۋاتىكان دىپلوماتلىرى بىلەن خىتاي كوممۇنىست دىپلوماتلىرى ئارىسىدا بۇ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىئالوگدىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى.