9-فېۋرال خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ساقچىلار لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن پائالىيەتنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدىكى ئائىلە ئەزالىرى ئەركىنلىككە ئېرىشمىگۈچە پائالىيەتنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى پائالىيەتچىلەرنى ساقچى كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرى تارقىتىۋىتىشكە ئۇرۇنغان. ساقچىلار پائالىيەتچىلەرنى ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەغپىرەت ئىمىنىڭ قولى يارىلانغان. پائالىيەتچىلەردىن جەۋلان شىرمەمەت، ئەزىمەت مۇھەممەت، ئالىمجان تۇردى ۋە ئابدۇراھمان مۇھەممەت ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئۇلارنىڭ رەسمىي قولغا ئىلىنمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى زەخىملەندۈرمەسلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۇتۇپ تۇرۇلغان پائالىيەتچىلەر ساقچىلار ھەققىدە شىكايىتى يوقلۇقىغا دائىر ھۆججەتكە ئىمزا قويغاندىن كىيىن قويۇپ بېرىلگەن.
ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ كىيىن قويۇپ بېرىلگەن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتى ئېيتىپ ئۆتتى.
ساقچىلار مۇخبىرلارنىڭ ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولۇپ، «يېڭى چاغ» تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەق مەيدانغا سۈرەتكە ئىلىش ئۈچۈن بارغان مۇخبىر ۋە سۈرەتكە ئالغۇچىلار پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ تېلېفونلىرى تارتىۋېلىنغان ۋە ئىچىدىكى سىن كۆرۈنۈشلەر ساقچىلار تەرىپىدىن يۇيۇۋېتىلگەن.
لاگېر قۇربانلىرى يىقىنلىرىدىن ئابدۇراھمان مۇھەممەت ساقچىلارنىڭ لاگىر قۇربانلىرى يىقىنلىرىنىڭ تېلېفۇنىنى تارتىۋالغانلىقىنى، نەق مەيداندىكى سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى يۇيۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
يوشۇرۇن تارتىلغان بەزى كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ پائالىيەتچىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا قاتتىق تەنقىدلەنگەن. ساقچىلارنىڭ پائالىيەتچىلەرگە «بارغانسېرى سانىڭلار كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ ئىشنىڭ تەمى قالمىغىلى تۇردى»، «بۇ دۆلەتنىڭ ئۆز دەرتلىرى بار»، «ئائىلەڭلارنى بۇ يەردىن ئىزدىسەڭلار بولمايدۇ، تارقىلىڭلار» دېگەندەك سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ياۋۇز ئائىرلىئوغلى ساقچىلارنىڭ لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.
ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن ئالىمجان تۇردى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئالىمجاننىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار تازىلىق ئۆيىگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كىچىك تەرىتىنى ئىشتىنىغا قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئالمۇتادا ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى تۈركىيە ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بولۇپ، تۈرك ساقچىلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى تارقىتىۋىتىشكە ئۇرۇنۇشى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەندىشىگە سەۋەب بولماقتا.