خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان مىللەت نۆۋەتتە پائالىيىتى 120-كۈنىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رامزان ئېيىدا يولغا قويغان يېڭى كورۇنا ۋىرۇسى تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ۋاقتىنچە توختىتىلدى.
تۈركىيەدە يېقىندىن بۇيان كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى.
خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا باشلىنىپ داۋام قىلىۋاتقان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنىڭ 120-كۈنىدە، تۈركىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى پائالىيەتچىلەردىن يېڭى ئېلان قىلىنغان كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسى تەدبىرلىرى سەۋەبلىك پائالىيەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم، ساقچىلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن 12 كىشى 2020-يىلى 18-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئائىلە نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. پائالىيەت بۇ يىل 3-فېۋرال ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، «ئائىلە نۆۋەتتە» پائالىيىتى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەنىدى. بۇ پائالىيەتكە ياۋروپا، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى كۆپلىگەن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ يېقىنلىرى ئاۋاز قوشقانىدى
ئەنقەرە ۋە قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىگە تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى يول قويمىغانلىقى سەۋەبلىك، 21-فېۋرال كۈنى ئەنقەرەدىكى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇلغا قايتقانىدى.
تۈركىيەدە كورۇنا ۋىرۇسى ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىشى سەۋەبلىك رامزان ئېيىدا قايتىدىن ۋابا تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر رامزان ئېيىدىن كىيىن پائالىيىتىنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم 120 كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشقانلىقىنى، تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «پائالىيەتنى بىز 12 كىشى باشلىغانىدۇق. بۈگۈن يۈزلەرچە كىشى بىزگە قېتىلدى. پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلار ھەممىمىز بىر سەپ بولۇپ، زالىم خىتاينىڭ قارشىسىدا 120 كۈننىڭ ياقى تىك تۇرۇۋاتىمىز. پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھىر مۇھەببىتىنى، ئۆز مىللىتى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشتىن باش تارتمايدىغانلىقىنى كۆردۇق».
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن بىرى دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۈركىيەنىڭ كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى تەدبىرلىرى سەۋەبلىك توختاپ قالغان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى تەدبىرلەر بوشىغاندىن كېيىن داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكىمىتى لاگىر قۇربانلىرى يىقىنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋىئاباتلىرىنى مەجبۇرى سۆزلىتىپ، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، لاگېر قۇربانلىرى يىقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسوغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ سۈپەتسىز سىياسىي تەشۋىقاتلار ئارقىلىق دۇنيانى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مىللەت نۆۋەتتە پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىگە قارىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. كۆزەتكۈچىلەر، يېڭى ۋە ئۆزگىچە قارشىلىق پائالىيەتنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.
