يېقىندا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە بولماقتا. بەزى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەرگە كۆرە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ خەۋىرى گەرچە قازاقىستاندىكى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستاندىن مىللىي كېڭەشكە قاتناشقان ۋەكىللەر بۇ مەملىكەتتىكى مۇمكىنچىلىكلەرگە تايىنىپ، بۇ يىغىننىڭ روھىنى خەلققە يەتكۈزۈشكە تىرىشماقتا. بۇ جەھەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىۋاتقان «ئاخباراتنامە» ناملىق تور ژۇرنىلى مۇھىم رول ئوينىماقتا.
6-ئىيۇندا يېزىلغان مەزكۇر «ئاخباراتنامە» دىكى ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى 23 تەشكىلاتنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2022-يىلى 26-28-ماي كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي كېڭىشى» دەپ قويۇلغان. ماقالە ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردى مەزكۇر كېڭەش ھەققىدە يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپپەكۈرى يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «ئادالەت ۋە قانۇن-ئاسماننىڭ تۈۋرۈكىدۇر، تۈۋرۈك قىڭغايسا ئاسمان ئۆرە تۇرالمايدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن باشلىغان.
ئىككى قىسىملىق بۇ ماقالىدە ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن، ئاخىرىدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «ئەزىز ۋەتەنداشلار! ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئەمدى ئەڭ مۇھىمى د ئۇ ق رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ جانكۆيەرلىرى، ئومۇمەن ھەر قانداق بىر ۋەتەنپەرۋەر شەخس ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرگە، سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارغا ھەمدە بىۋاسىتە ئۇيغۇر خەلقىگە ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي كېڭىشىنىڭ روھىنى ھەمدە خىتاپنامەسىنىڭ ماھىيىتىنى يەتكۈزۈشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر.»
يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى جاي-جايلاردا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىر-چىراق، توي-تۆكۈن ۋە باشقا يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي كېڭىشىنىڭ روھىنى جامائەتكە يەتكۈزمەكتە. يېقىندا قەھرىمان غوجامبەردى باشلىق بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق بېساغاش يېزىسىدا ئۆتكەن نەزىرلەردە ئاھالە بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلاتقان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ قاتناشقۇچىسى رەھىم مەنسۇروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يىگىرمىدەك مەملىكەت پارلامېنتلىرى بىزنى قوللاپ، بىزگە ھەر دائىم ئۇيغۇر دەۋاسىنى توختاتماڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە، دېدى. شۇمۇ چوڭ بىر خۇشاللىقتۇر. رەئىسىمىز دولقۇن ئەيسانىڭ ھەممىمىزنىڭ نىيىتى بىر، دۈشمىنىمىزمۇ بىر، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلەيلى، دېگەن سۆزى ھەممىمىزگە ياقتى. بىز كەلگەندىن كېيىن تىنچ تۇرمىدۇق. گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە، بېساغاش يېزىسىدا ئۆتكەن نەزىرلەردە خەلق بىزنى دىققەت بىلەن تىڭشىدى.»
رەھىم مەنسۇروف ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ روھىنى، شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى توختىماي خەلق ئارىسىدا تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تالغىر ناھىيەلىك يىگىت بېشى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئۆكتەبىر قۇربانىيازوف ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كېلىپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى دىلنۇر قاسىموۋا خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلىمىنى كۆتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز مىللىي كېڭەش جەريانىدا كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدۇق. بىزنىڭ دەۋايىمىز نامايىشلار بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بىز ئۆزىمىزمۇ بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە قورال بىلەن بىز بىر نەرسىنى يېڭەلمەيمىز. بىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقىنى قانۇن ئارقىلىق تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنىي بىلىمىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.»
دىلنۇر قاسىموۋا يەنە ئۇيغۇر دەۋاسىدا ھەر قانداق گۇۋاھلىق كۆرسىتەلەيدىغان ھۆججەتلەرنىڭ ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىقىنى خەلققە يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تەشۋىقات ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.