چىمكەنت شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداشقا تىرىشماقتا

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر، شۇنداقلا ئىلى، خەشكىلەڭ ناھىيەلىرىدە ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇرلار ئەلنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى تاراز، چىمكەنت شەھەرلىرى ۋە ناھىيەلىرىدىمۇ ياشايدۇ. بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىدا مەكتەپ ۋە سىنىپلار بولمىسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى مەدەنىيەت، سەنئەت ئارقىلىق ساقلاپ كەلمەكتە.

جەنۇبىي قازاقىستاننىڭ چىمكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يېقىندا «ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى» دەپ ئاتالغان مەدەنىيەت كۈنلىرى مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا جەنۇبىي قازاقىستاندىكى باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى، ئۆزبېكىستاندىن، ئالمۇتا شەھىرىدىن كەلگەن مېھمانلار قاتناشتى.

قازاقىستاننىڭ چىمكەنت شەھىرىدە ئوتكەن «ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى» مەدەنىي كۈنلىرى مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 22-ئۆكتەبىر.

بىز چىمكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇغاپپار ھاجىيېف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ جەنۇبىي قازاقىستان، جۈملىدىن چىمكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «1992-يىلى چىمكەنت شەھىرىدە ئابدۇللا ۋە يارمۇھەممەت، باش يىگىت بېشىمىز سالىموف ۋە باشقىمۇ ئاكىلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدا چىمكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلدى. نەچچىلىگەن ئىشلار قىلىندى. ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشقا باشلىدۇق. مەدەنىيەت مەركىزى ياشلارغا بىرلىكنى، دوستلۇقنى، قازاقىستان مىللەتلىرى بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇپ ياشاشنى ئۆگەتتى. بۇنى مۇشۇ كۈنگىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ياش قىزلاردىن ‹غۇنچە› ئانسامبىلى قۇرۇلۇپ، ئۇسسۇل-ناخشىلىرىمىزنى پۈتكۈل ئالەمگە تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك ئۇلار بىر نەچچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى ئورۇنلارنى ئالدى. ھازىر مەركەزنى دىلمۇھەممەت ئىسكەندەروف، يىگىت باشلىقنى يارمۇھەممەت ئىسكەندەروف باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. 22-ئۆكتەبىردە مەركەز ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى كۈنىنى ئۆتكۈزدى.»

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارا مەدەنىي ئالاقىلىرى خېلى قويۇقلاشماقتا. چىمكەنت شەھىرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىرىگە چىمكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ھاكىمجان ئارۇپوف باشلىق ۋەكىللەرمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئەنە شۇ بىرلەشمە رەئىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى، ئادۋوكات رۇستەم گايىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «چىمكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر بىرلەشمىسى چوڭ تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ ئاساسىنى قۇرغان يارمۇھەممەت ئاكا ئىسكەندەروف بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كۆتۈرۈشكە چوڭ ھەسسە قوشقان. بۇ ئاكىمىز ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى، شەخسەن جۇمھۇرىيەتلىك باش يىگىت بېشى دولقۇن رازىيېف بىلەن ئوتتۇز يىل مابەينىدە قويۇق ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇ ‹دىدار غەنىيمەت› دېگەن مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان كىشىلەرنىڭ بىرى. بۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ساز ئەسۋابلىرى، كىيىم-كېچىكى، تائاملىرى كۆرگەزمىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەقسىتىمىز چىمكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، قازاقىستان يىگىت باشلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشتۇر.»

قازاقىستاننىڭ چىمكەنت شەھىرىدە ئوتكەن «ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى» مەدەنىي كۈنلىرى مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 22-ئۆكتەبىر.

بىز بولۇپمۇ جەنۇبىي قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئىشلىرىنى تەشكىللەشكە ۋە جانلاندۇرۇشقا چوڭ تۆھپە قوشقان، تىجارەتچى ۋە جامائەت ئەربابى، ھازىر چىمكەنت شەھىرىنىڭ باش يىگىت بېشى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان يارمۇھەممەت ئاكا ئىسكەندەروف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز 1962-يىلى غۇلجا قاشتىن چىقتۇق. بىز غېنى باتۇرنىڭ نەۋرىلىرى بولىمىز. بىز چىمكەنت شەھىرىگە چۈشۈپ، 15 يىل قوي باقتۇق. شۇ يەردە مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇدۇق. 1975-يىلى چىمكەنتتە پۈتكۈل يۇرت بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممە ئىشلارنى قىلدۇق. 1992-يىلى مەدەنىيەت مەركىزى ئېچىلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئابدۇللام يارمۇھەممەت دېگەن كىشى رەئىس بولۇپ ئىشلىدى. ھازىر ئوغلۇم دىلمۇھەممەت ئىشلەۋاتىدۇ. 1999-يىلدىن مەن ئۈچ-تۆت يىل پۇتبول كوماندىسىنى تۇتقان. غۇلجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، تاشكەنت شەھەرلىرىگە ئېلىپ باردىم. ئۆزبېكىستان، ئۈرۈمچى، قازاقىستان ئارتىسلىرى بىلەن ئىككى بۆلۈمدىن ئىبارەت ‹يۈرەك دەردلىرى› ناملىق بەدىئىي فىلىم چىقاردىم. باشقىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدۇق.»

ئىگىلىشىمىزچە، يارمۇھەممەت ئىسكەندەروفنىڭ ئىسمى 2020-يىلى ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان ئابدۇللام سامساقوفنىڭ «ئۇيغۇرلار. ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئېنىقلىمىلار» كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، يارمۇھەممەت ئىسكەندەروف 1999-يىلى «يارى» پۇتبول كوماندىسىنى تەشكىللەپ، ئۆز خىراجىتىگە كۆپلىگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ شۇنىڭدەك «يارى» نامى بىلەن فىلىم ئىشلەپ چىقىش مەركىزى ئېچىپ، فىلىم چۈشۈرگەن. بۇ فىلىملارغا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق ئارتىسلىرى قاتناشقان.