تۇتقۇن مىرئادىل ھەسەننىڭ بىر مەھەل نەنجىڭ قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-12-02
Share
تۇتقۇن مىرئادىل ھەسەننىڭ بىر مەھەل نەنجىڭ قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەنلىكى دەلىللەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىرئادىل ھەسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2020-يىلى سېنتەبىر.
Social Media

بۇ يىل 9‏-ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى خىتايدا تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان ئاقسۇ ئونسۇلۇق مىرئادىل ھەسەن، باياناتىدىن 3 كۈن كېيىن غايىپ بولغان ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ جياڭسۇ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

ۋەزىيەتتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرىمىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خىتايدا تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان تۇتقۇن مىرئادىل ھەسەننىڭ بىر ئايچە نەنجىڭ قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. تېلېفونىمىزنى دەسلەپتە قوبۇل قىلغان جياڭسۇ ئۆلكىلىك ج خ خادىملىرى مىرئادىل ھەسەننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا مىرئادىل ھەسەننىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

مىرئادىل ھەسەن ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان 3 قېتىملىق باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۆزى شاھىد بولغان بىر قىسىم پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نەنجىڭدىكى ئالاقىدار ساقچى خادىمى «مىرئادىل ھەسەننىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارا سۈركىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىغا يولغا سېلىنىپ بولغانلىقى» نى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ مىرئادىلنىڭ كونكىرېت قانداق جىنايەت گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

مىرئادىل ھەسەن مەزكۇر باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئاقسۇ ئونسۇدىكى مەزگىلىدە لاگېرغا ئەكىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، يۇرتىدىن ئايرىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاچقانلىقىنى ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق بۇ ئۆلكىلەردە سەرسان ھايات كەچۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۇ ھاياتىنىڭ بۇ چاغدىكى مىنۇتلىرىنى «ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق ھەركىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئونسۇدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سەپەر قىلىشى ۋە جايلاردىكى مۈكۈنۈپ يۈرۈشىنىڭ جان ساقلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت كۈتۈش ۋە پۇرسەت يارىتىش جەريانى ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نەنجىڭدىكى ئالاقىدار ساقچى خادىمى ئۈزلۈكسىز سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن مىرئادىلنىڭ ئەھۋالىنى نەنجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. خادىملاردىن بىرى مىرئادىل ھەسەننىڭ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قايتۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال قايسى قاماقخانىدا ياتقانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. مەزكۇر ساقچى ئىدارىسىدىكى يەنە خادىم، مىرئادىل ھەسەننىڭ نەنجىڭ شەھەرلىك قاماقخانىدا بىر مەھەل تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. نەنجىڭ شەھەرلىك قاماقخانا خادىمى مىرئادىل ھەسەننىڭ بۇ قاماقخانىدا بىر مەھەل ياتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ مىرئادىلنىڭ ئېنىق قاچان تۇتۇلغانلىقى، قانچىلىك ياتقانلىقى ۋە قايسىي ئاينىڭ قايسى كۈنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بۇ خادىم گەپ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتى بارلىقىنى، ئەمما خىزمەت تۈزۈمى سەۋەپلىك بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئاخىرىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاماقخانىنىڭ مەمۇرىي ئىشخانىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. لېكىن مىرئادىل ھەسەن ياتقان نەنجىڭ قاماقخانىسىنىڭ ئېنىق ئورنى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى كەسكىن رەت قىلدى.

مىرئادىل ھەسەن باياناتىدا باشتىن-ئاخىر ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەننىڭ قورقۇنچاقلىق ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق ھالدا تەكىتلىگەن ۋە قورقۇنۇچتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ھېچقانداق بىر دۈشمەننىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدە خىتايغا قارشى بايانات بېرەلىشىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بۇ بايانلىرى ۋە ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق نامايەن قىلغان ئىدى.

بىز مىرئادىلنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يوللانغاندىن كېيىن قايسى قاماقخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ بىر خادىمى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دېلودىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت