قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئەينى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن دۆلەت، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى مەلۇم. ئاخىرقى بىر ئەسىرنىڭ ئىچىدىلا ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، ئىلىم-پەن، سەنئەت، ئەدەبىيات ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسمى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىقياسىدىمۇ تونۇلدى. ئەنە شۇلارنى ياد ئېتىش بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش قازاقىستاندا ئەنئەنىگە ئايلاندى.
بۇنىڭ يارقىن مىسالى سۈپىتىدە يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكەن سوۋېت گېرمان ئۇرۇشى قاتناشقۇچىسى، سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى، قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەرباب مىرزىگۈل ناسىروفنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە ئەنە شۇ نامايەندىگە بېغىشلانغان «رىۋايەتكە ئايلانغان ھايات» ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنى ئالمۇتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇردى.

مەزكۇر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى قازاقىستاننىڭ سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىنى قۇرۇشقا ۋە مۇستەھكەملەشكە چوڭ تۆھپىسىنى قوشقان شەخسلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقارما ئەزالىرى، يىگىت باشلىرى ۋە خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار، ياشلار، يۇرت جامائەت ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى.
يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئالمۇتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى. دەسلەپتە تەبرىك سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى، مېدىتسىنا پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەبەيدۇللام جاپپاروف، ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت بېشى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مەھمۇتجان مەنسۇروف، قىرغىزىستانلىق مېھمان، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پىروفېسسور سەيپۇللا ئابدۇللايېف ۋە باشقىلار مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنى تىلەپ، ئۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە دوكلات قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ توغرىلىق فىلىم كۆرسىتىلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسى چارىن يېزىسىنىڭ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سېرىك ئورازالىيېف، تارىخچى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى بەختىشات سوپىيېف، ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئارلېن ئوسمانوف، شۇنىڭدەك مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئاساسىي ئەمگەك پائالىيىتى ئۆتكەن ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ تۈگمەن ۋە چارىن يېزىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئۆمۈر بايانى، ئەمگەك پائالىيىتى، جەڭگىۋار يولى توغرىلىق توختىلىپ، ئۇنىڭ دۆلەت ۋە خەلق ئالدىدا ئادا قىلغان خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇلار يەنە مىرزىگۈل ناسىروفقا ئوخشاش شەخسلەرنىڭ روھىدا ياشلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. سۆزگە چىققۇچىلار مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش بويىچە قىلىنغان ۋە يەنە قىلىنىشقا تېگىش ئىشلار ھەققىدە ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «مەكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى، تارىخچى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مۇشۇ باش قوشۇش جەريانىدا مىرزىگۈل ناسىروف بىلەن كۆرۈشۈش، بىللە ئىشلەش بەختىگە مۇيەسسەر بولغان ئادەملەر ئۆز خاتىرىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆتۈردى. ئۇ بولسىمۇ، مىرزىگۈل ئاكا ناسىروفنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى تۈگمەن بېشىدىكى ئانا تىلىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى مىرزىگۈل ناسىروف نامىدا ئاتاش ۋە ناھىيە، جۇمھۇرىيەت مىقياسىدا خەلقىمىز ۋەكىللىرى زىچ ئىستىقامەت قىلىۋاتقان جايلاردا بىرەر كوچىغا مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ نامىنى بېرىشكە ئوخشاش مەسىلىلەر قايتىدىن كۆتۈرۈلمەكتە. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىقىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمىز ھەم مۇنداق ساۋابلىق ئىشقا ئۆز ۋاقتىدا شۇ ئادەملەرنىڭ سىڭدۈرگەن ئەمگىكى، تۆككەن تەرى سۆزسىز شۇنىڭغا مۇناسىپ دەپ ھېسابلايمىز» .
رەخمەتجان غوجامبەردىيېف يەنە مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ 1942-1944-يىللىرى، يەنى سوۋېت گېرمان ئۇرۇشى يىللىرى قىزىل ئارمىيە قاتارىدا خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مىرزىگۈل ناسىروف كىچىك كوماندىرلارنى تەييارلاش كۇرسىنى تاماملاپ، ۋىزۋود كوماندىرى ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان. ئۇ 1944-يىلى قىش ۋاقتىدىن 1946-يىلىنىڭ 6-ئايلىرىغىچە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس تاپشۇرۇقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە ئاتلىق دېۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى سۈپىتىدە ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مىرزىگۈل ئاكا شۇ دەۋردە قېلىپلاشقان سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلى 1944-يىلى ئۆزبېكىستاندا مەخسۇس تەييارلىنىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن بىر تۈركۈم ھەربىي ئوفىتسېرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر ئىدى. بۇ توغرىلىقمۇ خېلى ياخشى مەلۇماتلار بار. مىرزىگۈل ناسىروف ئانا ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاتلىق دېۋىزىيونغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ جەڭلەردە كۆرسەتكەن ئەرلىكى ئۈچۈن مىرزىگۈل ناسىروف ‹باھادىرلىق› مېدالى ۋە ‹ئىستىقلالىيەت› ئوردېنلىرىغا مۇيەسسەر بولغانىدى. ئەلۋەتتە، مۇنداق تارىخىي شەخسلەرنى دائىم ياد ئېتىشىمىز كېرەك. ياشلارغا ئۇلارنىڭ ھايات، ئەمگەك، كۈرەش يولىنى دائىم ھېكايە قىلىپ، ئۇلارنىڭ شۇلارنىڭ ئۈلگىسىدە مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك» .
بىز مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئوغلى مىرشېكەر ناسىروف بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «دادىمىز مىرزىگۈل ناسىر ئوغلى تارىخىي ۋەتىنىمىزدە 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىدە ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، دېۋىزىيون كوماندىرى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئاتلىق ئەسكەرلەرنى باشقۇرۇپ، قانلىق جەڭلەردە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان. بۇ ھەققىدە سۆز بولۇۋاتقان پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن سىياسەتشۇناس ۋە جەمئىيەت ئەربابى قەھرىمان غوجامبەردى تەپسىلىي ئېيتىپ ئۆتتى. ئاتام ھەقىقەتەنمۇ تولىمۇ ئىقتىدارلىق كىشى ئىدى. ئۇ ھايات چېغىدىلا يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماھىر تەشكىلاتچىسى دېگەن يۈكسەك نام ئالغاندىن تاشقىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى بولغان لېنىن ئوردېنى بىلەن ئۈچ قېتىم ۋە كۆپلىگەن باشقىمۇ ئوردېن ھەم مېداللار بىلەن تەقدىرلەنگەنىدى. ئۇ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن ۋە مېداللىرى بىلەنمۇ تەقدىرلەندى. بۇ مۇكاپاتلار، ئەلۋەتتە، ئۆزلۈكىدىن قولغا كەلگىنى يوق. بۇلارنىڭ كەينىدە جاپالىق مېھنەت، تىنىمسىز ئىزدىنىش ۋە ئۇيقۇسىز تۈنلەر تۇرىدۇ. »

مىرشېكەر ناسىروف يەنە دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش بويىچە قىلىنىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇ بارلىق ھاياتىنى ئېلىگە، خەلقىگە بېغىشلىدى. ئۇ ئېلى ۋە خەلقى ئۈچۈن پەرۋانە بولدى. مىرزىگۈل ناسىر ئوغلى ناسىروفنىڭ خاتىرىسىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى ۋە ھازىرمۇ ئاشۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە. مەسىلەن، چارىن يېزىسىدىكى كوچىلارنىڭ بىرىگە دادىمىزنىڭ نامى بېرىلدى. ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ناھىيەسىدىكى تۈگمەن يېزىسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپكە مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئىسمىنى بېرىش توغرىلىق گەپ-سۆزلەر ھازىرمۇ بار. دادىمىزنىڭ شەنىگە نۇرغۇنلىغان ئالقىشلار ياڭرىدى. ئۇنىڭ ھۆرمىتى ھەقىقەتەنمۇ چەكسىز ئىدى. گېپىمنىڭ ئاخىرىدا خاتىرە كېچىلىكىنى ئۇيۇشتۇرغان بوستانلىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدىنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروفقا ۋە بارلىق ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىغا ئۆزۈمنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىمەن» .
ئىگىلىشىمىزچە، مىرزىگۈل ناسىروف 1920-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ تۈگمەن يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1938-يىلى ئۇ چوڭ ئاقسۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئەلا تاماملاپ، 1939-يىلدىن 1940-يىلغىچە كەتمەن يېزىسىدىكى 7 يىللىق مەكتەپتە، 1940-1942-يىللىرى تۈگمەن 7 يىللىق مەكتىپىدە مۇئەللىم، ناھىيەلىك مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خىزمەتلىرىنى ئادا قىلغان. 1942-1944-يىللىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيە قاتارىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ كىچىك كوماندىرلارنى تەييارلاش كۇرسىنى تاماملاپ، ۋىزۋود كوماندىرى، 118-ئاتقۇچىلار پولكى كوماندىرىنىڭ ياردەمچىسى ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرىدۇ. 1944-يىلىدىن 1946-يىلى 6-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتلىق ئەسكەر دېۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى سۈپىتىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ 1946-يىلى يازدا ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، دەم ئېلىشقىچە يېزا ئىگىلىكى ئىشلىرىدا ھەر خىل رەھبىرىي ۋەزىپىلەردە ئىشلىگەن. مىرزىگۈل ناسىروف 2008-يىلى 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.