مىسىر تۇتقۇنى قالدۇرغان يارا ھېلىھەم يېڭى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2017-يىلى يازدا مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەسمىي تۇتقۇن باشلاشتىن خېلى بۇرۇنلا، ئۇنىڭ مىسىردا ئۇيغۇرلار سانىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-، 2016-يىللىرىلا بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئارقىلىق قايتىپ كېلىشكە زورلاپ، قورقۇتۇش ۋە باشقا چارىلەرنى ئىشلىتىپ نۇرغۇنلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەن. 2017-يىلى 4-ئىيۇل، مىسىردا تۇرۇۋاتقان 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر، بىر كېچىدىلا ئۆزلىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى، زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، مىسىر ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا، قىيناپ سوراق قىلىشىدەك ۋەھىيىمىلەرگە ئۇچرىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى.

2017-يىلى 3-ئىيۇل كېچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سېنتەبىردە تۇرا تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، سابىق تۇتقۇنلاردىن، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سوراق جەريانىدا خىتاي تەمىنلەپ بەرگەن تىزىملىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، 20دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ۋە رەسىملىرىدىن باشقا، «شەرقىي تۈركىستان پارتىيەسى»، «ھىزبۇل تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرى دېگەندەك ئەسكەرتىشلەر يېزىلغان مىسىر ساقچىلىرىنىڭ قولىدىكى بۇ بىر ۋاراق قەغەزدىن، تۇتۇلغانلارنىڭ ماتېرىياللىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى ئېنىق دەيدۇ.

ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، مىسىردىكى داڭلىق تۇرا تۈرمىسى زور كۆلەملىك بىر ھەربىي گازارما بولۇپ، 18-ئىيۇل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 94 كىشى تۇرا تۈرمىسىگە كەلتۈرۈلۈپ بىر كامېرغا 50، يەنە بىر كامېرغا 44 تىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ، 50 كىشىلىك كامېرغا بۆلۈنگەن. 45 كۈنلەر بولغاندا ئۇلارنى يېشىل، قىزىل، سېرىق 3 رەڭگە ئايرىغان. تۇتقۇن قىلىنغان بۇ بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرى 14، 15 ياشلاردا ئىكەن. 31-ئاۋغۇست، قىزىل سىزىققا چۈشكەن 16 بالىنىڭ بېشىغا قار خالتا كىيدۈرۈلۈپ، ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ۋە خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇتۇلغاندىن باشلاپ قويۇپ بېرىلگىچە زادى نېمە جىنايەت بىلەن قامالغانلىقى نائېنىق بولغان. 31-ئاۋغۇست كۈنى ئەللىك كىشى ياتقان كامېردىن ئېلىپ كېتىلىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان 16 ئوقۇغۇچىدىن باشقا يەنە بىر قانچە ئۇيغۇرمۇ شۇ مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغانچە ھازىرغىچە خەۋىرى يوق، غايىب.

17-ئىيۇل مىسىر نۆۋەيبى دېڭىز پورتىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇختەر روزى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

ئەينى ۋاقىتتا، مۇختار روزىنىڭ ئايالى مەريەم مۇھەممەت ئىككىلىسى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قانۇنلۇق ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، مىسىردا تۇرۇشلۇق بارلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق ئىكەن. تۇتقۇن باشلانغاندا مەريەم ئىككى بالىسىنى ئېلىپ مىسىر چېگراسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئارقىدىنلا يولغا چىقماقچى بولغان يولدىشى مۇختەر روزى بولسا غايىب بولغان. توي قىلىپ ئىككى يىل بولغاندا يولدىشى مۇختەردىن ئايرىلىپ قالغان مەريەم، ئېرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالماي كېلىۋاتقانقىنىغا 4 يىل بولدى.

يېقىندا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ئېلان قىلىنغان «مىسىر دوكلاتى» ئۈچۈن مەريەم مۇھىم رول ئوينىغان گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەريەم بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۆزىگە يولدىشىنىڭ داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بىر ئىلھام بولغانلىقىنى ھەم ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش مىسىر ۋەقەسىدە ئائىلىسى پارچىلانغان ھەر بىر ئايالنىڭ يولدىشى بىلەن جەم بولۇشتىن ۋە ئادالەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىغا ياردەملەشكەنلىكىگە دائىر بەزى يېڭى تەپسىلاتلار ئىككى يىلدىن كېيىن فىرانسىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانىدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي بىلەن مىسىر «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» كېلىشىمى ئىمزالىغان. خەۋەردە، كېلىشىم ئىمزالىنىپ 3 ھەپتىدىن كېيىن تۇتقۇن باشلانغانلىقى، تۇتقۇندا مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى، سوراق قىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشىگە ھەمكارلاشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قول سېلىۋاتقانلىقى ۋە پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەمدە مەخپىي خىتايغا قايتۇرۇلۇشى بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە مەلۇم بولغانىدى.