ئەنگلىيەلىك ئوبزورچى ئىزابېل كوكرېلنىڭ «رەقەملىك ھېكايە» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە: «ئۇيغۇر رايونىدا ھەر بىر ئۇچۇر، سۆز ۋە ھەرىكەت قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ. 3000 ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسىدىن تېخىچە قۇتۇلالمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى،» دېيىلگەن.
نۇرجامال ئاتاۋۇللا خىتاينىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈندىدار» نى تېلېفونىغا چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە ھەر كۈنى دېگۈدەك ساقچى كېلىدىغان، ھەتتا يېرىم كېچىدە تامدىن ئاتلاپ، ياتاق ئۆيىگىچە تەكشۈرىدىغان بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن 2016-يىلى ئۇ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئائىلىدىكىلىرىنى «چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «ئۈندىدار» ئارقىلىقمۇ ئالاقە قىلالمىغان.
ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر تۇرسۇن، ئامىنە ئابدۇۋايىت، مۇيەسسەر مېجىت قاتارلىقلارنىڭمۇ ئوخشاش ھېكايىسى بار بولۇپ، ناماز ئوقۇغانلىقى، بالىلىرىغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەتكەنلىكى، كۆپ بالىلىق بولغانلىقى ئۇلارنى مەھەللىدىكى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ئاياللار تۈرمىگە كىرىپ قالسا دەپسەندىچىلىككە ئۇچرايدىكەن. شۇڭا بالىلىرى ۋە ئائىلىسىنى تاشلاپ كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن.
ئىزابېل كوكرېل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر ئۇيغۇر رايونىنى يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت سىستېمىسىنى سىناق قىلىدىغان رايونغا ئايلاندۇردى. چىراي تونۇش، ئاۋاز تونۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى سىناق قىلىدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى نازارەت سىستېمىغا ئىگە. لېكىن ئەڭ غەلىتە يېرى، بۇ ئاياللار ئۆزىنىڭ نورمال ھاياتىنى ياشاۋاتقان ئائىلە ئاياللىرى، بەزىلىرى سودا قىلىدۇ، ھېچقانداق سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوق. خىتاينىڭ سىستېمىلىق ھالدا گېن ئۇچۇرى توپلايدىغانلىقى، چىراي ئىپادىسىنى ئالىدىغانلىقى مېنى بەك ھەيران قالدۇردى. مۇشۇنداق كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچراۋەرگەندىن كېيىن ئۇلاردىكى مۇشۇنداق كىچىك يوللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشى ماڭا بەك تەسىر قىلدى.»
ئامىنە ئابدۇۋايىت ھەتتا تۈركىيەگە كېلىدىغان ۋاقىتتا خىتاينىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كونتروللۇق ئازراق بولىدۇ دەپ قاراپ كېچىدە يولغا چىقىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى ئالغانلىقىنى، ھەر دائىم قورقۇنچ دەككە-دۈككىدە ياشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ «ئۇرۇق-تۇغقانلىرى چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇ «ئۈندىدار» ئارقىلىق بەزىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شىفىرلىق گەپلەر بىلەن ئەھۋال سوراپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «ئۇلارمۇ خىتاينىڭ بايقاپ قىلىشىدىن قورقۇپ مېنى ئۈندىدارىغا قاتمايدۇ. دوستلار چەمبىرىدىكى چىقارغان نەرسىلىرىگە قاراپ تىنچ-ئامانلىقىمىزنى بىلىشىمىز.»
ماقالىدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى تېخنىكالىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېلېفون سۆھبىتىنى نازارەت قىلىدىغان سىستېمىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ نازارەت قىلىشىغا ئۇچراش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن ئاۋىستىرالىيەگىچە، ئىتالىيەدىن ئەنگىلىيەگىچە پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىدۇ. خىتاي چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلغان، چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان ھەممەيلەننى گۇمانلىق دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ سەۋەبى. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەگەر نازارەت قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلسا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»
سوفىي يەنە مۇنداق دېدى: «ئائىلە ئەزالىرى تۇتۇلۇپ كەتكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قورقماي بىگۇناھ تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە سۆزلىيەلىگۈچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يېرىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئەركىن نەپەس ئېلىپ ياشىيالىغۇچە، بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە كۈرەش قىلىمىز.»
قەلبىنۇر ئاخىرىدا ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىلى تۆت يىل بولغان بالىلىرى ۋە يولدىشىغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتتى: «بالىلىرىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، يولدىشىمنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتىمەن. ئۇلار ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشقا تەييارمەن. ئۇلار بىلەن كۆرۈشكۈچە، ۋەتەننى قولغا ئالمىغۇچە، ئىرادىمىزدىن ھەرگىز بوشىشىپ قالمايمىز.»
0:00 / 0:00