مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، شائىر ۋە ئاتاقلىق تەھرىر مۇھەممەت رەھىم ۋاپات بولدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.08.19
muhemmet-rehim.jpg سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، ئاتاقلىق شائىر ۋە تەھرىر مۇھەممەت رەھىم ئەپەندى.
Photo: RFA

18-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر خەلقى ئىككى مۇنەۋۋەر پەرزەنتىدىن ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى فولكلورشۇناس ئالىم ئابدۇكېرىم راھمان، يەنە بىرى سابىق مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى، ئاتاقلىق شائىر ۋە تەھرىر مۇھەممەت رەھىمدۇر.

مەرھۇم مۇھەممەت رەھىمنىڭ گوللاندىيەدىكى كىچىك ئوغلى قاۋۇل مۇھەممەت رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق ئۆپكە كېسىلى سەۋەبىدىن 18-ئاۋغۇست سەھەردە ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان دادىسىنىڭ دەپنە مۇرسىمىنىڭ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىنىڭ نازارىتىدە ئائىلە ئەزالىرىلا قاتناشقان ھالدا جامائەتسىز، داغ-دۇغۇسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇرم ئۇستاز مۇھەممەت رەھىم 1926-يىلى6-نويابىر ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى باشلانغان مەزگىللەردە ئۇ رۇس تىلى مەكتىپىنى ئەمدىلا تۈگەتكەن ئوقۇغۇچى بولۇپ، 1944-يىلىنىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيەگە ئەسكەرلىككە تىزىملانغان ۋە شىددەتلىك قانلىق جەڭلەردە بولغان.

مەرھۇمنىڭ ئۆزى يازغان «ئەسىرگە تەڭ ھايات» ناملىق ئەسلىمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8 يىل رۇس تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان مۇھەممەت رەھىم شەرقىي تۈركىستان مىللى ئارمىيىسىنىڭ شىخوغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنىدا كاتىپ، تەرجىمان، ئۇرۇش سېپىدىكى ئالاقىچى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇ شىخونى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىنىڭ شىددەتلىك جەڭ مەيدانىدا رۇس كوماندىرلار بىلەن ئۇيغۇر ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلغان ئىكەن.

مەرھۇمنىڭ گوللاندىيەدىكى كىچىك ئوغلى قاۋۇلمۇ دادىسى مۇھەممەت رەھىم ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

مەرھۇم مۇھەممەت رەھىم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە 40-يىللارنىڭ ئاخىرى، 50-يىللارنىڭ بېشىدىلا ئۆز ئىجادىيىتى بىلەن تونۇلغان شائىر ۋە ژورنالىستلارنىڭ بىرى. ئۇ 1947-يىلى ئۇرۇش سېپىدىن قايتقاندىن كېيىن «كۈرەش»، «شەرقي تۈركىستان ياشلىرى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1948-يىلدىن 1950-يىلغا قەدەر ئىلى تېببىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1950-يىللاردا قەشقەرگە ئەۋەتىلىپ، بىر مەزگىل مەمۇرىي خىزمەتلەردە بولغان. كېيىن «قەشقەر گېزىتى» دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1956-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ «تارىم» ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.

مەرھۇمنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «جان تەسەددۇق»، «بەخت ناخشىلىرى»، «گۈلباھار»، «ئايدىڭ كېچە»، «سېغىنىش»، «غۇنچىلارغا»، «مۇھەببەت سەۋدالىرى» ناملىق شېئىر توپلاملىرى، 1950-يىللاردا يازۇچى زۇنۇن قادىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، 2004-يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قاپىيە لۇغىتى»، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يورۇق كۆرگەن «ئەسىرگە تەڭ ھايات: كونا ئەسكەرنىڭ كەچمىشى» ناملىق ئەسلىمىسى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن.

مۇھەممەت رەھىم كەسىپداشلىرى ئارىسىدا مول ھوسۇللۇق شائىر، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە «قىلنى قىرق يارىدىغان ئەستايىدىل تەھرىر» دېگەن ناملار بىلەن تەرىپلەنگەن. ئىمىن ئەھمىدى قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى پېشقەدەم ئەدىبلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئورتاق تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ھۇل سالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

مەرھۇم مۇھەممەت رەھىم ھەققىدە ئىزدەنگەن تۈركىيەدىكى ياش ھەۋەسكارلاردىن بىرى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان ئۆز قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇھەممەت رەھىمنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەقىياتىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

بىر ئۆمۈر تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇستاز مۇھەممەت رەھىم كىچىك پېئىل، كەمتەرلىكى، ئەخلاق پەزىلىتى، ئېسىل كىشىلىك خاراكتېرى، كەسپىي جەھەتتىكى تۆھپىلىرگە قوشۇلۇپ، كاتتا ھۆرمەت ۋە شۆھرەتكە ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ بىر ئۆمۈر نام شۆھرەت، ھوقۇق، مال دۇنيا تالاشمىغان. پەزىلىتىدىكى خوشامەتتىن يىراق بولغان دۇرۇسلۇقى، ئەستايىدىللىقى بىلەن ئەل ئارىسىدا يۇقۇرى ئىناۋەتكە سازاۋەر بولغان.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئۇنىڭ گوللاندىيەدىكى ئوغلى قاۋۇل ئەپەندى دادىسىنىڭ ھايات پىرىنسىپى ھەققىدە توختىلىپ، مەرھۇمنىڭ «تىللىسا» ناملىق شېئىرىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش پەرزەنتلىرى ئۈچۈنمۇ ھايات يولىنى تاللاشقا قالدۇرۇلغان بىر ۋەسىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

خوش بولارمەن كۆرسىتىپ ئەيىبىمنى ھەركىم تىللىسا،

مەيلى دوست يار، مەيلى پۇقرا، مەيلى ھاكىم تىللىسا،

بولمىغاچ ئادەم ئەيىب-نۇقساندىن يىراق،

رەنجىمەس دانا كىشى ھەتتا مۇلازىم تىللىسا.

تەلۋىلەردىن تىل-ھاقارەت ئاڭلىدىم 10 يىل ئۇدا،

تەۋرىمەس بولدۇم بۈگۈن دۈشمەنىم دائىم تىللىسا،

تىللىسا ئارقامغا باقتىم، ماختىسا ئالدىمغا مەن،

بولمىدى باتناش بىلەن مىسقالچە كارىم تىللىسا.

بۇ ھاياتلىقتا ئۇنىڭدىن ھېچ كىشى خالى ئەمەس،

يامىنى شۇ ھەممىدىن ئۆلگەندە خەلقىم تىللىسا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.