تۆھپىكار شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە نېمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن ئون يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە، سەكسەن بىر يېشىدا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان. ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ھەر خىل ئۇسۇللاردا مەرھۇم شائىرنىڭ شىېرلىرىنى يادلاپ، مەرسىيە ۋە تەزىيەنامىلەرنى تارقىتىپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيەلىرىنى بىلدۈرگەن.

Muhemmetjan-Rashidin-01.jpg

مەرھۇم شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى، تېما جەھەتتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھەببەت-نەپىرىتى، ئارزۇ-تىلەكلىرى، ئەخلاقىي ئۇدۇملرى ۋە يۇرت تۇيغۇلىرىنى چوڭقۇر ئىپادە قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك تۇرمۇشقا يېقىنلىقى بىلەن كەڭ خەلقنىڭ سۈيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئاۋام ئىچىگە كەڭ تارقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ناخشا تېكىستلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى بىلەنمۇ كۆرىۋېلىش مۇمكىن. ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى نۇرغۇن داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچىلار تەرىپىدىن ناخشا تېكىستى قىلىنىپ ئېيتىلغان ۋە خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان. «قىزىل گۈل پۇرايدۇ يازغان خەتلىرىڭ»، «تالاشماڭلار»، «سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن»، «ياشىسۇن»، «سەن يوق» دېگەندەك تالاي ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرى شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرىدىن ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-يىلى 19-ئىيۇن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئانياريۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1968-يىلى 7-ئايغىچە چاپچال ناھىيەسى ۋە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن غۇلجا ناھىيەسى ئانياريۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1968-يىلى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1982-يىلغا قەدەر تۈرمىدە ياتقان. 1982-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن چىقىپ، غۇلجا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 2003-يىلى 3-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە قەلىمىنى توختاتمىغان ئوت يۈرەك شائىر ئىدى.

Muhemmetjan-Rashidin-03.jpg

ئەل سۆيگەن شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ھاياتىنىڭ شامى ئۆچەي دېگەن يېقىنقى مەزگىللەردە، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئارمانلىرىنى شېئىرىي مىسرالارغا مۇجەسسەملەپ، «ئەلۋىدا» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ئىدى.

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1958-يىلىدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، 1980-يىللىرىدىن كېيىن شائىرنىڭ ئىجادىيىتى مول-ھوسۇللۇق دەۋرنى كۈتۈۋالغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بۇ ئىجادىيەتلىرى «كاككۇك گۈلى»، «يىللار ئىزى»، «كۈنلەر ئالبومى»، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى»، «ھايات دېگەن مانا شۇ»، «ئانا تاغلار» دېگەن ناملاردا توپلام قىلىنىپ، نەشر قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا چىقىدىغان ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا شائىرنىڭ 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى، 15 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى «تارىم» ژورنىلى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن. 1992-يىلى «تەڭرىتاغ ژورنىلى» تەھرىر بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە، ئۇ «ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۈچ شائىرنىڭ بىرى» بولۇپ باھالانغان. «ئانا يەر قەسىدىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1999-يىلى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە تەسىس قىلىنغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات — «تۇلپار مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن.

2003-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى شائىرنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىنىڭ 45 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «مۇھەممەتجان راشىدىن ئەسەرلىرى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇپ، شائىرنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە شائىرغا يۇقۇرى باھا بىرىپ، تون كىيگۈزگەن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەرھۇم شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوخشىمىغان سۇرۇنلاردا بەس-مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەر ئىلىپ بېرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر يازارلار ۋە ئۇيغۇرچە تور سەھەپىلىرىدە شائىرنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قوشقان تۆھپىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر شىئېرىيىتىدىكى مۇھىم ئورنى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مۇلاھىزىلەردە «مۇھەممەتجان راشىدىن ھەقىقىي ‹خەلق شائىرى› دەپ ئاتاشقا ئەڭ مۇناسىپ شائىر!» دىگەندەك باھالار بېرىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇھەممەتجان راشىدىن بىر رېئالىستىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز شېئىرلىرىدا ئەڭ رېئال ھادىسىلەرنى ئەكىس ئەتتۇرگەنلىكىنى، شېئىرىي تىلىنىڭ ئاممىباب، ئۇسلۇبىنىڭ يەڭگىل، ئىستېتىك زوق جەھەتتە گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ خەلققە ھەقىقىي ئىستېتىك زوق بېرەلىگەن، ھەر زامان ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىغان، خەلققە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىغان شائىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە مەرھۇم شائىردىن ئايرىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت يەنە نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيەتتە، شائىر مۇھەممەتجان راشىدىندەك پېشىۋالارنىڭ شېئىر ھەنئىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رىئاللىقى، ئارزۇسى ۋە روھىيىتىنى ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ شېئىرىلىرىنى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى تىلنىڭ ئاممىبابلىقى، تاللىغان تېمىلىرىنىڭ خەلق ئارزۇسىغا يېقىنلىقى بىلەن ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، شائىرە مۇيەسسەر خەندان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرىدىكى ئاممىباپ تىل ۋە قوشاق شەكلىدىكى يەڭگىل ئۇسلۇبنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ-كىچىك ئوقۇرمەنلەرگە ھوزۇر بېرىپلا قالماستىن، بەلكى چەت ئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈنمۇ ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ۋە قوبۇل قىلالايدىغان بەدئىي مىراس بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مۇيەسسەر خانىم، مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھەببەت-نەپىرىتى، ھېسسىياتى، ئارزۇ-تىلەكلىرى، پىكىر-خاھىشلىرى، ئەخلاقىي ئۇدۇملرىنى، يۇرت سۆيگۈسى ۋە ئەركىنلىك روھىنى ئەكس ئەتۇرگەنلىكى ئۈچۈن، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكىتەپلىرىدە دەرس قىلىپ ئۆتۈشكە ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سۆيۈشىگە ئېرىشكەن بولسا، دېمەك، ئۇنىڭ روھى شىئېرلىرى ئارقىلىق ياشايدۇ. ئۇ ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدا داۋاملىق ياشايدۇ.»