باغراش كۆلىنى باشقۇرۇش خادىمى: كۆلنىڭ ئېكولوگىيىسىنى جىددىي قوغداشقا مەجبۇر قالدۇق

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.03.03
Sayram-koli-bulghuniwatqan-muhit-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.xjtsnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.


2 - مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگە قەدەر باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەنلىكى ۋە بۇ چەكلىمىنىڭ كۆلنىڭ ئېكولوگىيىسى سەۋەبىدىن بولىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى. خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارىم ۋادىسى ۋە باغراش كۆلى مۇھىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە كۆلنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش زۆزرۈرلۈكىنى جىددىي تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ مەلۇم مەزگىل كۆلدە بېلىق تۇتماسلىق ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىشى دىققەت قوزغىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باغراش كۆلىنى باشقۇرۇش ئىىشخانىسى خادىمىمۇ يېقىنقى يىللاردا كۆل مۇھىتى ناچارلىشىپ، ئەسلىدىكى بېلىق تۈرلىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، كۆلنىڭ ئېكولوگىيىسىنى جىددىي قوغداشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

باغراش كۆلى ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئېكولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغىنى ئۈچۈن، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ئېھتىياجىدىن، باغراش كۈلىدە بىر مەزگىل بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەنلىكى» ھەققىدىكى خەۋەر دىققەت قوزغىدى.

باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، 3 - مارت كۈنى باغراش كۆلىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئايال خادىم ئېلىپ، 1 - مارتتىن باشلاپ باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەنلىكىنى ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە كۆلدە بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تەدبىرنىڭ ئېلىنىشىغا كۆلنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ يامانلىشىپ، كۆلدىكى بېلىق تۈرلىرىنىڭ ئازايغانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدى.

- باغراش كۆلى باشقۇرۇش ئىشخانىسىمۇ؟

- شۇنداق مەن كېچىلىك نۆۋەتچى خادىم.

- ئاڭلىساق 1 - مارتتىن 20 - ئىيۇنغىچە كۆلدە بېلىق تۇتۇش چەكلىنىپتۇ، ئەھۋالنى بىلەي دىگەن ئىدىم.

- شۇنداق، بۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىۋاتقىلى بىرقانچە يىل بولدى.

- مۇنداق دەڭ، كۆلدە بۇ خىل مەلۇم، مەزگىللىك بېلىق تۇتۇش چەكلەنگىلى نەچچە يىل بولدى؟

- مەن كەلسەم مۇشۇ بەلگىلىمە بار ئىكەن، مەن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا 3 - 4 يىل بولۇپ قالدى؟

- ئەگەر بۇ مەزگىلدە كۆلدە بېلىق تۇتقانلار بايقالسا ئۇلار جازالىنامدۇ؟

- شۇنداق ئەلۋەتتە جازالىنىدۇ. يېنىكلىرىگە تۇتقان بېلىقلىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئېغىرلىرى تۇتقۇن قىلىنىدۇ ھەتتا سوتلىنىدىغانلارمۇ بار.

- بېلىق تۇتۇش چەكلىنىشتىكى سەۋەبنى بىلسەم بولامدۇ؟ خەۋەردە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئازلاپ كېتىۋاتقان بېلىق تۈرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمە چىقىرىلدى دېيىلىپتۇ، كۆلنىڭ ئېكولوگىيىسىدىكى بۇزۇلۇش ۋە كۆلدىكى بېلىق تۈرىنىڭ ئازىيىشى سەۋەب بولىۋاتامدۇ؟

- بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن.

- نىمىشكە ؟ جاۋاب بېرەلمەسلىكىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلسەم بولامدۇ؟

- مەندىن بۇنداق سەزگۈر مەسىلىلەرنى سورىمىغان بولسىڭىز. مەن سىزگە پەقەت كونكرېت ئەھۋاللارنى ياخشى بىلمەيمەن دېگەن جاۋابنىلا بېرەلەيمەن.راست سىز قەيەرنىڭ مۇخبىرى ؟

- رەھمەت، زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا. مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى، بىز بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، سىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئىگىلەيلى دېگەن ئىدۇق.

ئايال خادىم بىر ئاز توختىۋالغاندىن كېيىن، باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇشنىڭ بىر مەزگىل توختىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلىدى:

- بىزنىڭ بېلىق تۇتۇشنى بىر مەزگىللىك توختىتىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب، باھار، ياز پەسلى بېلىقلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولغانلىقى. بۇ يەردە قانداقتۇر كۆلدىكى بېلىق سانى ۋە تۈرىنىڭ ئازلاپ كېتىشى ياكى كۆل ئېكولوگىيىسىنىڭ ناچارلاشقانلىقى ئەمەس. ھۆكۈمەت كۆلنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداۋاتىدۇ.

- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە يېزا ئىگىلىكىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئېلان قىلغان ماقالىلەردە، يېقىنقى يىللاردا باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىسى ناچارلاشقانلىقىنى ۋە كۆلدىكى ئەسلىدىكى يەرلىك بېلىق تۈرلىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان كونكرېت ئامىللار قايسى؟

- كۆلدىكى بېلىق تۈرىنىڭ ئازىيىشىغا بېلىقلارنىڭ جىق تۇتۇلغانلىقى سەۋەب ئەمەس، ھازىر بېلىقلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى شۇڭا بۇ تەدبىرلەر ئېلىندى. كۆلدە بېلىق تۇتۇش چەكلەندى. بېلىقلار كۆپىيەلمىسە ئەلۋەتتە نەسلى يوقاپ كېتىدۇ. شۇڭا نەچچە يىل بولدى بۇ تەدبىرلەر ئېلىنىۋاتىدۇ.

- ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر، ماقالىلەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باغراش كۆلىدىكى ئەسلىدىكى يەرلىك بېلىقلار تۈرلىرىنىڭ بارغانچە ئازىيىۋاتقانلىقى ۋە كۆل ئەتراپىدا بېلىق بېقىش مەيدانلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپتۇ، كۆل ئەتراپىدا بېلىق بېقىش مەيدانلىرى كۆپمۇ؟

- ئەلۋەتتە كۆل ئەتراپىدا بېلىقچىلىق مەيدانلىرى بار. ئەمما بېلىقچىلىق مەيدانلىرىنىڭ كۆلنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا بولغان تەسىرى ۋە يەرلىك بېلىقلار تۈرىنىڭ ئازىيىشىغا بولغان تەسىرىنى بىلمەيدىكەنمەن. بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىمۇ خالىمايمەن.

- ئىنكاسلاردا باغراش كۆلى ئەتراپىدىكى بېلىقچىلىق مەيدانلىرىدا بېقىلىۋاتقان بېلىقلار بىلەن كۆلنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي يەرلىك بېلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆپ پەرق بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ، كىشىلەر بېقىلغان بېلىقلارنى يىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇلۇپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرەلەمسىز؟

- كۆلنىڭ تەبىئىي بېلىقى بىلەن باققان بېلىقنىڭ ئەلۋەتتە پەرقى بار. بۇ خۇددى ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ پەرقى بولغىنىدەكلا ئىش. مەن بېلىقچىلىق مەيدانلىرىنىڭ بېلىقلارنى قانداق باقىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. كەچۈرىسىز ھازىر دەم ئېلىش ۋاقتى. بۇ يەردە يېرىم كېچە بولۇپ قالدى. ئەگەر زىيارەت قىلسىڭىز، ئۆزىڭىز كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەڭ ياكى كۈندۈزى مەخسۇس بۇ ئىشقا بەلگىلەنگەن خادىملاردىن ئەھۋال ئىگىلەڭ. مەن سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن.

بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى باغراش ناھىيىسى ئەسلى خوشۇت ناھىيىسىگە قاراشلىق بولۇپ، 1971 - يىلى خوشۇت ناھىيىسىدىن ئايرىۋېلىنىپ، ناھىيە قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ ناھىيە خىتايدىكى بىردىن - بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى - باغراش كۆلى ۋە بۇ كۆلنىڭ بېلىقلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، زېمىنى خىتاينىڭ ھازىرقى خەرىتىسىدە 3808.6 كۋادرات كلومېتىر دەپ بەلگىلەنگەن. ناھىيە كۆلىمىنىڭ 43%نى يەنى 1646 كۋادرات كلومېتىر قىسمىنى باغراش كۆلى ئىگىلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. خەرىتىدە يەنە باغراش كۆلىنىڭ سۈيى ئىلگىرى غەربتە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئېقىنلاردىن توپلىنىپ كېلىپ شەرقتە تارىم دەرياسى، قايدۇ دەرياسى ئاخىرىدا لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن.

ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خەۋەر، تەكشۈرۈش - تەتقىقات ماقالىلىرىدە باغراش كۆلىدىن كېلىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ، كۆل ئەتراپىدىكى مۇنبەت بوستانلىقلارنى ئىگىلەش ھېسابىغا قۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە تەۋە پولكلارنىڭ زىيادە كۆپ بوز يەر ئېچىشى ۋە كۆلنىڭ ئايىقىدىكى تارىم، قايدۇ دەريالىرىنىڭ سۇ مەنبەسىنى بىڭتۈەننىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغۇرۇشقا زىيادە ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا سۇ بارغانچە ئازلاپ، دەريا ئېقىنىدىكى تەبىئىي توغراق ئورمانلىرى ئازىيىپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ تامامەن قۇرۇپ كېتىشگە سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.