شىۋېتسىيەدىكى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيسى‏-چىش دوختۇرى ئېمىر ئاختام

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.01.05
emir-axtam-chish-doxtur-shiwetsiye.jpg شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر چىش دوختۇرى ئېمىر ئاختام پاراكتىكانتلارگا كېسەلنى دەۋالاش باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. 2016-يىلى يانۋار.
RFA/Éhsan

ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇشقا باشلىغانلىقىغا 30 يىلدىن ئاشتى.

شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر ساھەدە ئوقۇپ يېتىشىپ شىۋېتسىيە جەمئىيىتىدە بىر كىشىلىك ھاسىسىنى قوشۇۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەكچان، تىرىشچان خەلق ئىكەنلىكىنى ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا نامايان قىلىۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ.

ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاندىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى، چىش دوختۇرلۇق كەسپىنى ئوقۇپ بۇ ساھەدە مەخسۇس دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئەمىر ئاختامدۇر.

ئۇ، ھازىر شىۋېتسىيەنىڭ يارفاللا رايونىدىكى ياكوبۇسبەرى دوختۇرخانىسىنىڭ چىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە چىش دوختۇرلۇق ۋە پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. بىز ئۇنى ئىش ئورنىغا بېرىپ، زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە قانداق قىلىپ مۇنداق نەتىجە قازانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئېمىر ئاختام 1985-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى قازاقىستاندا بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

2000-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ. تولۇقسىزغىچە قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە رۇس تىلى مائارىپىدا تەربىيىلەنگەن بۇ ياش قىسقىغىنا 3 ئاي ئىچىدە شىۋېت تىلىدا دەرس ئاڭلىيالىغۇدەك سەۋىيىگە يېتىدۇ.

ئۆزى بىلەن تەڭ يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تولۇق ئوتتۇرىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىۋېتسىيەنىڭ ئۈمۈيۇ شەھىرىدىكى ئۈمۈيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چىش دوختۇرلۇق كەسپىي ئالىي مەكتىپىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ 3 يىل ئوقۇيدۇ.

2007-يىلى ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ شۇ يىلى سىتوكھولمنىڭ ناكا رايونىدىكى دوختۇرخانىغا خىزمەتكە چىقىدۇ.

ئەمىردىن ئاختام ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن ۋە ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگەنگەن ئۇيغۇر تىلىدا، سورىغان سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى.

«مەن دادامغا ئوخشاش ھەربىي كەسىپنى تاللاي دېسەم شىۋېتسىيەدە ھەربىيلىك كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن، ۋەتەنداش بولۇش تەلەپ قىلىناتتى، بىز تېخى يېڭى كەلگەن بولغاچقا ۋەتەنداشلىق چىقمىغان بولغاچقا مەن بۇ كەسپىنى تالىيالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئاپامغا ئوخشاش چىش دوختۇرى بولاي دەپ چىش دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللىدىم.»

بىز ئاخىردا سىز شىۋېتسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە قانداق تەكلىپ، تەۋسىيىلىرىڭىز بار دەپ سورىغان سوئالىمىزغا قارىتا ئېمىر ئاختام مۇنداق دېدى:

مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئاندىن قالغان ئوقۇشنى شىۋېتسىيەدە داۋام قىلدىم، مەن ئويلايمەنكى بۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شىۋېتسىيە مائارىپ تەربىيىسىدە تەربىيىلەنگەن ئۆسمۈرلەر، بۇ مائارىپ سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان ھەمدە ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدىغان شارائىتتا تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ تەربىيەلەنسە، تەبىئىي پەن ساھەلىرىدىكى نۇرغۇن كەسىپلەردە ئوقۇيالايدۇ ۋە يۇقىرى كەسىپلەردە خىزمەت قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن. بىز ئۇيغۇرلاردا ‹قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە› دېگەن ماقال تەمسىل بار» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

بىز ئېمىر ئاختامنىڭ تەربىيىلىنىش ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دادىسى مۇرات ئاختامنى زىيارەت قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇرات ئاختام ئېمىرنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئوقۇش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: «ئېمىردىن باشلانغۇچتىن تارتىپ ئىزچىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان جەرياندا ئۆگىنىشتە ۋە مەكتەپتىكى بارلىق نەتىجىلىرىنى ياخشى بولغانلىقىنى، ئائىلىدە بالىلارغا بېرىدىغان تەلىم-تەربىيە گەرچە قازاقسىتاندا تۇغۇلۇپ، رۇس مائارىپى بويىچە تەربىيەلەنگەن بولساقمۇ بىز ئىزچىل تۈردە ئائىلىدە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش، دىنىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگەندۇق ۋە قوغدىدۇق ھەم ئەۋلادلىرىمىزنى شۇ بويىچە تەربىيىلەپ كەلدۇق.» دەپ بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ۋە ئۇيغۇرلار رايونىدىن شۋەتسىيەگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئارىسىدا بىر قىسىم ھەر ساھەدە، ئوز كەسپى بويىچە تالانتلىق ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ئېمىردىن ئاختامنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى شىۋېتسىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇشتىمۇ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىچە، تولۇق بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ھازىر شىۋېتسىيەدە تەخمىنەن 3000 ئۇيغۇر ياشايدۇ.

شىۋېتسىيە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە سانى بىر قەدەر كۆپ مەملىكەت ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.