ئەيدىزنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالايدىغان دورا دۇنياغا كەلدىمۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان بەزى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدىكى بەزى تور بەت، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە «ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالايدىغان دورا دۇنياغا كەلدى» دېگەن تېمىدا ئۇچۇر تارقالغان ۋە بۇ ئۇچۇر ھەبىبۇللا كۈسەنى تەرىپىدىن2013-يىلى 29-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-قېتىملىق دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، قىزىقتۇرۇش كۈچىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىقى بىلەن تېز سۈرئەتتە مۇنازىرە مەيدانلىرىنىڭ باش تېمىسىغا ئايلانغانلىقى، ھالبۇكى تىلغا ئېلىنغان يەمەنلىك دىنىي ئالىم ئابدۇلمەجىت زىندانىنىڭ ياساپ چىققان دورىسىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە، دەلىل-ئىسپات، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى تۈپەيلى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ دورىسى ھەققىدە مۇجىمەل چۈشەنچە، تالاش تارتىش ۋە تېڭىرقاش كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ زور كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نوپۇزلۇق ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەيدىزنى ئۈزۈل‏-كېسىل داۋالايدىغان دورا دۇنياغا كەلدىمۇ؟ دېگەن نۇقتىدا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى توغرا تاپتۇق.

رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، «ئەيدىز» يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بەلگىلىك تەھدىت ئېلىپ كەلگەن زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئەيدىز تېمىسىدا تور بەتلەردە قىزغىن مەنزىرىلەر داۋام قىلماقتا. بۇ خىل مۇنازىرىلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزدىن ئىبارەت ۋابانىڭ ئۆزىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى سېزىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە دائىر ئىلمىي تېمىلارغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقانلىقىدەك بىر ياخشى يۈزلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسىمۇ، ئىستانبۇلدا ھەبىبۇللا كۈسەنىنىڭ «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-قېتىملىق دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا قىلغان ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالايدىغان دورا دۇنياغا كەلگەنلىكىگە دائىر سۆزلىرىنىڭ تورلاردا تارقىلىپ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈپ بىر مەھەل غۇلغۇلا قوزغىيالىشى، يەنىلا كۈپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئەيدىز بىلىملىرى ھەققىدە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

2014-يىل 16-يانۋار ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆز تور بېتىدە «دىنىي ئالىم ئابدۇلمىجىت زىندانىنىڭ ياساپ چىققان دورىسى ئەيدىزنى تەلتۆكۈس ساقايتىدۇ» دەپ ئېيتىلغان بۇ ھۆكۈم سەۋەبلىك بەزى كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئىزاھات ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق بىر ئۇچۇرنىڭ تارقىلىپ، پىكىر قالايمىقانلىقى كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقىدەك سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە مۇشۇ قېتىملىق مۇنازىرە سەۋەبى بىلەن كۆڭلى ئازار يېگەن ۋاقتى ۋە زېھنى زىيانغا ئۇچرىغان بارلىق قېرىنداشلاردىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئىستانبۇلدىكى دوكتور ئابلەت ئابلانى زىيارەت قىلدۇق.

دوكتور ئابلەت ئەپەندى ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالايدىغان بىر دورىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى پۈتۈن ئىنسانلار ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەھدىتى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنمۇ ئەڭ گۈزەل ئارمانلاردىن بىرى بولسىمۇ، ئەمما ھەبىبۇللا كۈسەننىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ ھەقتىكى يېڭى ھەم توغرا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا يەنە ئۇيغۇر مىللىتىگە كۈلپەت ياغدۇرۇۋاتقان ئەيدىز ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا باش قاتۇرۇۋاتقان ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى بىر قىسىم زىيالىي مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئىلمىي خادىم ھەمدە نوپۇزلۇق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۆزى بىلگەن دائىرىدە «ئەيدىزنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىغىلى بولامدۇ؟» دېگەن تېمىغا ئىزاھات بەرگەن. ئۇلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەتئىمىن ئەپەندى. ئۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق :

مۇتەخەسسىس مەمەتئىمىن ئەپەندى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، تىلغا ئېلىنغان يەمەنلىك دورىگەرلىك ئىلمى ۋە دىنىي ئالىم ئابدۇلمەجىت زىندانىنىڭ ياساپ چىققان دورىسىنىڭ ھەقىقەتەن بەلگىلىك بىمارلارغا، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈنۈمى بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپات، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى تۈپەيلى، «ئەيدىزنى تەلتۆكۈس ساقايتىدۇ» دەپ ئېيتىلغان بۇ ھۆكۈم خەلقئارادا ئېنىق ئىسپاتلانمىغانلىقى ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئىلمى پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى يەنىمۇ مۇكەممەل ۋە ئىشەنچلىك جاۋابقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئەيدىز تەتقىقاتىنى كەسىپ قىلغان، مەركىزى ۋاشىنگىتوندىكى خەلقئارالىق ئەيدىز ئىنستىتۇتى باش مۇدىرى Carl Schmid ئەپەندىدىن ئوخشاش سوئالنى سورىدۇق.

ھازىرغىچە دۇنيادا ئەيدىزنى ئۈزۈل كېسىل داۋالايدىغان دورا تېپىلدىمۇ دېگەن سوئالىمىزغا كارل ئەپەندى كەسكىن ھالدا «ياق، ھازىرغا قەدەر بۇ جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە يوق، گەرچە ئەيدىز كېسىلىنى كلىنىكىلىق داۋالاشتا يېقىنقى يىللاردا قىسمەن بىمارلاردا بەلگىلىك ئۈنۈم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تامامەن يوقىتالايدىغان دورا تېپىلمىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز يەنە ئۇنداقتا HIV نىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا بارمۇ دېگەن سوئالنى قوشۇمچە سورىدۇق.

ئۇ ئوخشاشلا «100% ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا تېخى مەيدانغا كەلمىدى، ھازىرغا قەدەر دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى بۇ جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەجربىلەر ھەممىسى مەغلۇپ بولدى، ئەلۋەتتە تەتقىقات داۋاملىشىدۇ» دېدى.