مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.12.03
pilanliq-tughut-ikki-perzentlik.jpg خىتاي ئانىنىڭ قوشكېزەك بالىلىرىنى باغچىدا ئوينىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 30-ئۆكتەبىر.
AFP

3‏-دېكابىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي يېقىندا ئېلان قىلغان ئىككى پەرزەنتلىك تۈزۈمىگە قاراپ چىقتى. يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن بەزى مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەر 2 پەرزەنتلىك تۈزۈمنىڭ خىتاي دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چارە بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتىدا چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىندا، خىتاينىڭ 2 پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەسىرى، ئۇنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدىكى جىنسى تەڭپۇڭسىزلىق، ئاياللار سالامەتلىكى، كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى روبېرت پېتتىنگېر خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

روبېرت پېتتىنگېر مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ نوپۇس كونترول سىياسىتى ھەممىگە تونۇشلۇق بىر دەپسەندىچىلىك. بۇ سىياسەت پەۋقۇلئاددە قەبىھ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ سىستېمىلىق ۋە ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان، ئاياللارغا ئېغىر مەنىۋى، جىسمانىي بۇزغۇنچىلىق سالىدىغان سىياسەت.

خىتاينىڭ دۆلەتلىك ۋە ئۆلكىلىك پىلانلىق تۇغۇت قائىدە -قانۇنلىرىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قاچان، قانداق ۋە قانچىلىك ۋاقىتتا بالىلىق بولۇشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. خىتاي يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرى ھامىلە چۈشۈرۈش، تۇغماس قىلىش، تۇغۇتنى كونترول قىلىش ئەسۋابلىرىنى مەجبۇرى تېڭىش، پەقەت قانۇنلۇق تۇغۇلغان بالىلارغىلا نوپۇس بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق كىشىلىك ھەقلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى خەۋەرلەردە چىقتى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى پېتتىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل 11‏-ئايدا بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇتنى بىكار قىلىپ، 2 پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشى، ئۇنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، بىراق بۇ يېتەرلىك ئەمەس.

يىغىندا، ئامېرىكا ئىنتېرپرايز ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور نىكولاس ئابېرستات بولسا 2 پەرزەنتلىك تۈزۈم يولغا قويۇلۇشى خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىكولاس ئابېرستات مۇنداق دېدى: بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمگە خاتىمە بېرىلىشى، مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت كونتروللۇقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ناھايىتى ھالقىلىق بىر پاكىت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نوپۇس كونترول ئاپپاراتلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى توختاتقىنى يوق. بېيجىڭ ئاتا-ئانىلارغا قانچە پەرزەنتلىك بولۇشنى دۆلەت بېكىتىپ بېرىش ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش ئورنىغا چەكلىمىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى. بارلىق بېشارەتلەردىن قارىغاندا، بايام باشقىلار ئېيتقان نورمىدىن ئارتۇق ھامىلىدارلىقنى جىنايى قىلمىشلاشتۇرۇش، ئانىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھامىلە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ مەنبەسى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدۇر.

خىتاي كومپارتىيەسى بۇ يىل 29‏-ئۆكتەبىردە ئۆزىنىڭ بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەزكۇر سىياسەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «ئۇ ئەمگەك كۈچىنى زورايتىپ، نوپۇسنىڭ قېرىشى پەيدا قىلغان بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا 65 ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10% تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى 2027 يىلى 15% كە، 2035 يىلىغا بارغاندا 20% كە يېتىدىكەن.

يىغىنىدا ئامېرىكا نوپۇس تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى ستېۋىن موشۇر، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ جىددىي قېرىلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرىغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆتكەن 2 يىلدا خىتايدا ئەمگەك كۈچى ئازايدى. دۇنيادىكى نوپۇس كۆپ دۆلەتتە بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ئاجايىپ ئەھۋال. ئۆتكەن يىلى يوشۇرۇن ئەمگەك كۈچى 3 مىليون 700 ئازايغان. بۇ ئاساسەن 4 مىليون دېگەنلىك. بۇ سان خىتاينىڭ ئۆلچىمىدىن قالغاندىمۇ خېلى زور سان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 60 ئۈستىدىكى كىشىلەرنىڭ سانىدا پارتلاش بولغان. ب د ت نىڭ پەرەز قىلىشىچە، 2050‏-يىلى 60 ياشنىڭ ئۈستىدىكىلەر بىر ھەسسە كۆپىيىپ، پېنسىيە يېشىدىكىلەر 437 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن.

دوكتور ستېۋىن موشۇر، بۇ خىتاينىڭ داۋالاش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سۇغۇرتا سىستېمىسى قاتارلىقلارغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چېگراسىز ئاياللار ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رېگىي لىتىلجون خانىم پەيشەنبە كۈنكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە بىر پەرزەنتلىك سىياسەتكە ئوخشاشلا ئاياللار داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن.

لىتىلجون خانىم مۇنداق دەيدۇ: ئىككى پەرزەنتلىك سىياسەت بىر پەرزەنتلىك سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان مەجبۇرى ھامىلە چۈشۈرۈش، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش ۋە ھامىلە قىز بولسا چۈشۈرۈۋېتىپ، ئوغۇل بولسا ئېلىشتەك كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىغا خاتىمە بېرەلمەيدۇ. مەجبۇرلاش ۋە كونترول قىلىش بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئوخشاش 2 پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ نېگىزى.
خۇددى چېن گۇاڭچېڭ (كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى) ئېيتقاندەك ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇرۇن خىتاي كومپارتىيەسى بىردىن ئارتۇق تۇغۇلغان ھەر قانداق بالىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ھازىر ئىككىدىن ئارتۇق تۇغۇلغان ھەرقانداق بالىنى ئۆلتۈرىدۇ.

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى روبېرت پېتتىنگېر مەجبۇرى نوپۇس كونترول قىلىش سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئوخشاشلا خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پتتېنگېر مۇنداق دېدى: بۇ سىياسەت ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ قېرىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشىنى، زور بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئائىلە قۇرالماسلىق مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى. ئەگەر ئۇ داۋاملىق نوپۇسنى كونترول قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزسە، ئۇ يالغۇز خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 35 يىللىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى 400 مىليون بالىنىڭ ئاز تۇغۇلۇشىغا ياردەم قىلىپ، خىتايدا نوپۇس پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى، بۇنىڭ يەر شارى نوپۇسىنى كونترول قىلىش، خىتايدا نامراتلىقنى ئازايتىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈش ئىشلىرىدا زور رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.